ﮬﻪﻣﺸﯩﺮﯨﻠﻪﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻯ :ﻣﻪﺳﺘﯘﺭﻩ
ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯜﺭﯨﻜﻰ ﻛﯚﻳﯜﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ،ﮬﯩﺠﺎﺑﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺕ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﮬﻪﻣﺸﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻤﮕﻪ ﺑﯧﻐﯩﺸﻼﻳﻤﻪﻥ.
http://bbs.yulghun.com
ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺳﯚﺯ ﯞﻩﻟﻼﮬﻰ ،ﮬﯩﺠﺎﺑﯩﻢ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻤﺎﺱ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ، ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻧﻪﭘﻪﺳﻜﻪ—ﺋﯚﻟﯜﻣﮕﻪ ﻗﻪﺩﻩﺭ. ﭘﯩﺘﻨﯩﻠﻪﺭ ﻳﯧﻐﯩﺸﺴﯘﻥ ،ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﻤﻪﻥ ﭘﯩﺴﻪﻧﺖ، ﺭﺍﺯﯨﻤﻪﻥ ،ﺗﯚﻟﯩﺴﻪﻡ ﺋﺎﻟﻪﻣﭽﻪ ﺑﻪﺩﻩﻝ.
ﮬﯩﺠﺎﺑﯩﻢ—ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﯩﺴﻰ.ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯧﺸﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﯨﻤﻪﻥ ،ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﺴﯘﻧﻜﻰ ،ﺟﯧﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﺎﻻﻻﻳﺴﯩﻠﻪﺭ ،ﮬﯩﺠﺎﺑﯩﻢ ﻳﯚﺗﻜﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ.....
---ﺧﺎﺗﯩﺮﻩﻣﺪﯨﻦ.
ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺗﻮﺭ ﺑﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﻟﯜﺵ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﺎﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﺎﺷﺘﻰ ،ﯞﻩ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻳﯧﺰﯨﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺷﯘ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯘﻣﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯚﯕﯜﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻠﻪﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﻗﻪﻟﻪﻣﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻗﻮﻟﯘﻣﻐﺎ ﺋﺎﻻﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ .ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﻧﯧﻤﯩﺪﯗﺭ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪﻡ ﻛﻪﻣﻠﻪﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻜﻰ ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﺩﻩ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﮬﯧﻠﯩﮫﻪﻡ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﮬﻪﻡ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻐﺎ ﺩﯗﭺ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ،ﺭﻭﮬﯩﻲ ﯞﻩ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﻛﯚﭖ ﺧﻮﺭﯨﺘﯩﻠﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﯩﺰ ﺋﯩﺪﻯ .ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯧﻠﯩﻔﻮﻧﺪﺍ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ .ﺋﯘ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻗﻘﺎ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻘﯩﻤﯘ ﻛﯚﻧﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ 2
ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﯕﯜﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﻼ-ﺗﻮﯞﯨﺴﯩﺰ ،ﻳﯩﻐﺎ-ﺯﺍﺭﯨﺴﯩﺰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .ﺋﺎﯕﻼﭖ ﻳﯩﻐﻠﯩﻴﺎﻟﻤﯩﺪﯨﻢ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻤﺪﯨﻦ ﻳﺎﺵ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﻗﺎﻥ ﺗﺎﻣﭽﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ! ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮔﯘﻧﺎﮬﻰ ﻧﯧﻤﯩﺪﻯ ،ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻗﯩﻠﻐﯘﺩﻩﻙ؟! ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﻤﻐﺎ، ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﯨﻤﻐﺎ ﺳﺎﺩﯨﻖ ﺑﻮﻻﻱ ،ﺩﯦﮕﻪﻧﻼ ﻳﯧﺮﻯ ﺑﺎﺭﻏﯘ؟! ﺋﯚﺯﻩﻣﮕﻪ ﻛﻪﻡ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﯧﭙﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ--ﺩﻩ ،ﻗﻪﻟﯩﻤﯩﻤﻨﻰ ﻗﻮﻟﯘﻣﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﺗﯘﺗﯘﻧﺪﯗﻡ. ﮬﯩﺠﺎﺑﻠﯩﻖ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﺴﺎ ﻛﯚﭖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺩﯨﻐﺎ ﻗﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﺗﯧﺮﯨﭗ ،ﭼﯧﭽﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﯩﯔ ﺑﯜﺩﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﻳﺎﻏﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻪﺳﺘﻪﻥ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﭼﯩﮕﯩﭗ ،ﮔﯩﺮﯨﻢ ﺩﯦﮕﻪﻧﻨﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﻗﺎﺵ-ﻗﺎﭘﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯜﺯﯛﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺳﯧﻐﯩﺰ ﭼﺎﻳﻨﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﻜﺎﺭﭼﻰ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ .ﺑﯘﻣﯘ ﺋﻮﺭﯗﻧﺴﯩﺰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﮬﯩﺠﺎﺑﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﯞﻩﺯﯨﭙﻪ ﮬﻪﻡ ﻧﯩﺌﻤﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯘﺭﺳﯩﻨﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﯜﺷﯜﺭﮔﻪﻥ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﮬﯩﺠﺎﺑﻨﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﺯﺍﺩﻯ ﻧﯧﻤﻪ؟ ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﻪﺭ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ؟ ﺑﯘ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻢ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭﻧﻰ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯜﺷﻜﯜﻻﺗﺘﺎ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﮬﻪﻣﺸﯩﺮﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﺯﺭﺍﻗﻘﯩﻨﻪ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﺴﯩﻜﻪﻥ ،ﺩﯦﮕﻪﻧﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ .ﺋﯩﻤﺎﻧﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ »ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻨﯩﻼ ﻗﯩﻠﯩﺶ ،ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﺵ« ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ،ﻳﺎﻛﻰ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻨﯩﻤﯘ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎﮬﺎﻧﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭﻏﺎ، ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﻜﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﻪﻥ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﯜﻟﮕﻪ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ،ﺩﯦﮕﻪﻧﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺪﯨﻢ .ﮬﯩﺠﺎﺑﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﻳﺎﻛﻰ ﺧﺎﺗﺎ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ ﺑﻪﺭﺳﯘﻥ ،ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﭼﯜﺷﻪﻧﺴﯘﻥ ،ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ. ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻳﺎﺯﺩﯨﻢ .ﺑﻪﺯﻯ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﻳﯩﻐﺎﻣﻨﻰ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﻳﯜﺯﯨﺪﻩ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺵ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ. ﮬﻪﻣﺸﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﻛﯜﻟﭙﻪﺗﻨﻰ ،ﺋﻪﺯﯨﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮﻣﯘ-ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﻗﯘﺭﺑﯩﻢ ﻳﻪﺗﻤﯩﺪﻯ .ﮬﻪﻣﺸﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻢ ﮬﻪﻡ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﻮﻗﯘﺩﻯ ،ﭼﯜﻧﻜﻰ ،ﺑﯘ ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﮬﻪﻣﺸﯩﺮﻩﻣﻨﯩﯔ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﺴﻰ ﺋﯩﺪﻯ....
3
ﮬﻪﻣﺸﯩﺮﯨﻠﻪﺭ )( 1
ﻓﺎﺗﯩﻤﻪ ﻛﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﭼﻘﺎﻧﺪﺍ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ ،ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﭗ ﺋﯩﺸﺸﯩﻐﺎﻥ، ﺑﯩﺮ ﻧﯘﻗﺘﯩﻐﺎ ﺗﯩﻜﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﻓﺎﺗﯩﻤﻪ ﺋﺎﭘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﻡ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﺎﺗﺘﻰ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﻪﺯﻣﯩﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﻧﯘﻗﺘﯩﻐﺎ ﺗﯩﻜﯩﻠﮕﯩﻨﯩﭽﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﺴﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﻮﺷﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺪﻯ. ﺋﺎﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﻯ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺳﻮﻏﯘﻕ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﯩﺰﯨﻐﺎ ﺋﯩﭽﻰ ﺋﺎﻏﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﻳﺎﻛﻰ ﺧﻮﭖ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﺗﺎﺭﺗﻘﯘﻟﯘﻗﯘﯕﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﺘﯩﯔ ،ﺩﻩﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻓﺎﺗﯩﻤﻪ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﯩﺪﻯ .ﺋﯘﻣﯘ ﺋﺎﭘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﯨﯟﻩﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮬﺎﻟﺴﯩﺰ ﺑﻪﺩﻩﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﻖ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻣﺎﯕﺪﻯ. -ﻧﻪﮔﻪ ﻣﺎﯕﺪﯨﯔ؟!—ﺩﯦﺪﻯ ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ ﺑﻮﻏﯘﻕ ﺋﺎﯞﺍﺯﺩﺍ .ﻓﺎﺗﯩﻤﻪ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﻣﯩﺪﻯ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﺎﭘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﯧﻐﯩﺰﻣﯘﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﻐﯘﺳﻰ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ. ﻓﺎﺗﯩﻤﻪ ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﻖ ﺋﯚﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﻨﻪﻛﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﭘﻼ ﭼﯚﭼﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﻮﻝ ﻣﻪﯕﺰﯨﺪﻩ ﺑﻪﺵ ﺑﺎﺭﻣﺎﻗﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﻯ ﺷﯘ ﭘﯧﺘﯩﻼ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﭘﯧﺸﺎﻧﯩﺴﻰ ﺗﯘﺧﯘﻣﺪﻩﻙ ﺋﯩﺸﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﯩﺪﻯ .ﺑﯧﻠﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﻛﯚﻛﯜﺭﯛﭖ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ ،ﺩﯛﻣﺒﯩﺴﯩﻤﯘ ﺋﺎﻏﺮﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ ،ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻛﯚﻛﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ،ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮬﯩﻤﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯜﺭﯨﻜﻰ ﭼﯘﻝ-ﭼﯘﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ!! ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻛﯜﭼﻜﯜﯕﮕﯜﺭ ﺋﺎﺩﻩﻡ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﺎﻳﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯘ ﺋﻮﺭﯗﻗﻘﯩﻨﻪ ﻗﯩﺰ ﻛﯚﺗﯜﺭﻩﻟﻪﻳﺘﺘﯩﻤﯘ؟ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﭽﯘ؟ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ،ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﻰ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻨﻰ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﯞﻩﮬﺸﯩﻴﻠﻪﺭﭼﻪ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﮬﺎﻱ ﺩﯦﻤﻪﺳﺘﯩﻦ ﻗﺎﺭﺍﭘﻼ ﺗﯘﺭﺩﻯ .ﺋﻪﺟﯩﺒﺎ ﺑﯘﻻﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ
4
ﮬﻪ!! ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﻪﺩﯨﺴﯩﭽﯘ؟ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﭼﯧﻐﯩﺪﺍ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﮬﻪﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﯘﺗﯩﻐﺎ ﭼﯩﯔ ﺋﯧﺴﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯧﭙﯩﯟﻩﺗﺴﯩﻤﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯧﺴﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﮬﻪﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﻳﺎﻗﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮬﻪﺩﯨﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺩﺍﺩﺍ، ﺩﯦﻴﻪﻟﻤﯩﺪﻯ .ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﺑﯘﻟﯘﯕﺪﺍ ﻳﯩﻐﻼﭘﻼ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺩﻯ ،ﺗﺎﻛﻰ ﺋﯘ ﺗﺎﻳﺎﻕ ﺯﻩﺭﺑﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﮬﻮﺷﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﺗﻜﯜﭼﻪ.... ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺳﯘ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﺳﻪﮔﯩﺘﺘﻰ .ﺋﯘ ﻣﯘﺯﺩﻩﻙ ﺳﯘ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯜﺯﯨﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ-ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻳﯘﻳﺪﻯ ،ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻨﻼ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﯘﻳﯘﺷﻨﯩﯔ ﺳﯜﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻳﺎﺩﯨﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﯧﻠﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯘﻳﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .ﺗﺎﮬﺎﺭﻩﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﺎﺗﺎﻕ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻳﯧﭙﯩﻨﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﺪﻯ. ﺗﻮﻏﺮﺍ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﺎﻏﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﻳﺎ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺗﯩﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ،ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﯩﺮﻣﯘ ﻳﺎﻏﻠﯩﻘﻰ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪﻯ .ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﻗﺎﻳﭽﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﺎﻏﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﭘﺎﺭﭼﻪ-ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺴﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ .ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟ ﺋﯘ ﭼﺎﻣﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯧﺨﻰ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﭙﯩﻨﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﭻ ﻣﺎﻳﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ ،ﻣﺎﻳﻜﯩﻨﻰ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺋﻮﺭﺍﭖ ﭼﺎﭺ ﯞﻩ ﺑﻮﻳﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺯﺭﺍﻗﻤﯘ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺟﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﻪﻛﺒﯩﺮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. -ﮬﯘ ﺋﻪﻗﻠﻰ ﻳﻮﻕ ﺩﯙﺕ!! ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﯕﻨﻰ ﻗﺎﻗﺸﯩﺘﯩﭗ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﮔﯩﻨﯩﯖﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﻩﻱ ،ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﯨﺘﯩﭗ ،ﻣﯘﺷﯘﻧﭽﻪﻗﺎﻗﺸﯩﺘﯩﭗ ﺗﯧﺨﻰ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻜﻪﻥ .ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﯔ ﻧﯚﻟﮕﻪ ﺗﻪﯓ!—ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ ﺳﯩﺮﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﻩﭖ ﺗﻮﯞﻻﯞﺍﺗﺎﺗﺘﻰ .ﻓﺎﺗﯩﻤﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﯞﻩﺭﺩﻯ .ﮬﻪﺭﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﺎﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﭖ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﻏﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ،ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﻰ ﺑﯘﺯﯗﯞﻩﺗﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﯩﻼ ﺧﻮﺷﺎﻝ ﺋﯩﺪﻯ. -ﺋﻰ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﺎﻟﻼﮪ!—ﺩﻩﻳﺘﺘﻰ ﺋﯘ ﺩﯗﺋﺎﺳﯩﺪﺍ--،ﻣﯧﻨﻰ ﻛﺎﻓﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﻏﯩﻦ ،ﻣﺎﯞﯗ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪﻣﺪﯨﻜﻰﻣﯘﻧﺎﻓﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﻏﯩﻦ .ﻣﺎﯕﺎ ﮬﯧﭽﺒﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﯩﺒﺎﺩﯨﺘﯩﻤﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﻗﯩﻠﻐﯘﺩﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﻛﺎﻥ ﺑﻪﺭﮔﯩﻦ ،ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﻤﮕﻪ ﺳﺎﻕ-ﺳﺎﻻﻣﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ﻧﯧﺴﯩﭗ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ.... -ﺑﯘ ﻳﺎﻗﻘﺎ ﭼﯩﻖ! ﺳﺎﯕﺎ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﯧﭙﯩﻢ ﺑﺎﺭ--،ﺩﻩﭖ ﺗﻮﯞﻟﯩﺪﻯ ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ .ﺋﯘ ﻛﺎﺭﯨﻨﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻐﺎﻗﺎﺭﯨﻐﯩﻨﯩﭽﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﯞﻩﺭﺩﻯ. -ﻣﻪﻥ ﺳﺎﯕﺎ ﺑﯘ ﻳﺎﻗﻘﺎ ﭼﯩﻖ ﺩﯦﺪﯨﻤﻐﯘ!—ﺩﯦﺪﻯ ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﭖ ﻛﯩﺮﯨﭗ ،ﻏﻪﺯﻩﭖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﻳﯘﻟﯘﭖﺋﺎﻟﺪﻯ. --ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺳﺎﯕﺎ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﯧﭙﯩﻢ ﻳﻮﻕ!—ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘ ﺗﯚﯞﻩﻥ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯﺩﺍ.
5
-ﺳﻪﻥ ﻣﯧﻨﻰ »ﺳﻪﻥ« ﻟﻪﯞﺍﺗﺎﻣﺴﻪﻥ؟--ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﺳﺎﻟﺪﻯ--،ﻗﯘﺭﯗﭖﻛﻪﺗﺴﯘﻥ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﯔ! ﻗﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﺴﯘﻥ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﻨﯩﯔ! ﻗﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﺴﯘﻥ ﺧﯘﺩﺍﻳﯩﯔ! ﺳﺎﯕﺎ ﺋﺎﭘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺗﯩﻞ ﺗﻪﮔﻜﯜﺯﯛﺷﻨﻰ ﺋﯚﮔﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﯘﺩﺍﻏﺎ ﻟﻪﻧﻪﺕ! -ﺋﺎﻏﺰﯨﯖﻨﻰ ﻳﯘﻡ!—ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘﻣﯘ ﺑﻮﺵ ﻛﻪﻟﻤﻪﻱ--،ﻳﻪﻧﻪ ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﭼﯩﺸﻠﻪﭖ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ ﻣﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰﺗﯘﻏﻘﯩﻨﯩﯖﻐﺎ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﯞﯦﺘﯩﻤﻪﻥ! ﺑﯘ ﺋﯚﻳﺪﯨﻦ ﭼﯩﻖ! ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ ﻳﺎﻗﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﻘﯩﻨﯩﭽﻪ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﯧﺘﯩﭙﻼ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺷﻮﺥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﺎﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎﻟﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﻛﯚﻳﯜﻣﭽﺎﻥ ﻗﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰﻻ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﯩﻨﯩﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﻪﻟﻤﻪﻱ ﻗﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﯗ .ﺑﺎﻳﺎ ﻗﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﺗﯩﻞ ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﺯﻭﻛﯘﻧﻼﺷﻘﯩﻨﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯﯨﮕﯩﻤﯘ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯩﻞ ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﯗﺷﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﭘﻤﯘ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ ﻳﺎﺗﺎﻕ ﺋﯚﻳﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺍﻣﻼﭖ ﻳﺎﺷﻼﺭ ﺗﯚﻛﯜﻟﯜﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .ﺋﯘ ﻧﯧﻤﯩﺪﯦﮕﻪﻥ ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻚ ﻗﯩﺰ ﺋﯩﺪﻯ! ﮬﯧﭽﺒﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﮬﯧﺴﺎﺑﻼﻳﺘﺘﻰ .ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﻩ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ،ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﺪﻯ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﻯ .ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺯ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﮬﻪﭘﺘﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺭﺍﺳﺨﻮﺗﯩﻨﯩﻤﯘ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺗﯚﻟﻪﻳﺘﺘﻰ .ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﺴﯩﻼ ﺋﯘﻧﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﻩﺗﺘﻰ .ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﯩﺪﺍ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺋﯚﺗﻜﯩﻨﯩﺪﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺧﻮﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺩﯦﻤﻪﻳﻼ ﻗﻮﻳﯘﯓ. ﺋﯘﻻﺭ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﻨﯩﻤﯘ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﻳﺘﺘﻰ .ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﻳﺎﺗﺎﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻳﺘﺘﻰ .ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﻪﺩﻩﺑﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻥ ﻗﯩﺰ ﺋﯩﺪﻯ .ﻳﺎﺗﺎﻗﺘﯩﻜﻰ ﮬﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﻠﻪﻳﺘﺘﻰ .ﻓﺎﺗﯩﻤﻪ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﭺ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﺷﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﯚﻳﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺯﻭﺭﻟﯩﻐﺎﭼﻘﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻼﻣﺪﯨﻜﯩﻦ ،ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﻳﺘﺘﻰ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﺪﻩ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﺎﮬﺎﺭﻯ ﺋﯘﺭﻏﯘﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ،ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﺎﺭﺯﯗ-ﺋﯜﻣﯩﺪﻟﯩﺮﻯ ﺗﻮﻟﯘﭖ-ﺗﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﯘﺭﺍﭘﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﺴﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﻪﻗﯩﻠﮕﻪ ﺳﯩﻐﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﺋﯩﺪﻯ. -ﺩﯨﻠﻨﯘﺭ ،ﺟﯜﺭﯛﯓ ﯞﺍﻟﯩﺒﻮﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ﻛﯩﺮﻩﻳﻠﻰ.--ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﻓﺎﺗﯩﻤﻪ .ﺑﯩﺮﺩﻩﻣﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻼ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ .ﻣﻪﻥ ﭼﯩﻘﻤﺎﻱ.
6
..... -ﺩﯨﻠﻨﯘﺭ ،ﻛﻪﭼﺘﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻛﯩﻨﻮﺧﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺑﻪﻙ ﭘﻪﻳﺰﻯ ﻛﯩﻨﻮ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ ،ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻛﯩﺮﻩﻣﺪﯗﻕ؟-ﺑﻮﻟﺪﻯ ،ﺳﯩﻠﻪﺭ ﭼﯩﻘﯩﯖﻼﺭ ،ﻣﻪﻥ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻕ ﺋﯩﺸﻠﻪﻱ.-ﺋﻪﺗﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ ،ﺋﻪﺗﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺴﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻏﯘ؟-ﺋﻪﺗﻪ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﺘﻪ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﻤﻪﻛﭽﻰ ﺋﯩﺪﯨﻢ .ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺋﯚﮔﻪﻧﻤﻪﻛﭽﯩﺪﯗﻕ...... -ﺩﯨﻠﻨﯘﺭ ،ﺋﻪﺗﻪ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﯜﻡ ،ﺋﻪﺗﻪ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ »ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﺗﯧﺰ ﺗﺎﻣﺎﻗﺨﺎﻧﯩﺴﻰ« ﻏﺎ ﺗﺎﻣﺎﻗﻘﺎﭼﺎﻗﯩﺮﺩﯨﻢ .ﻛﻪﭺ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺑﻪﺷﺘﻪ ،ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺑﯧﺮﯨﯔ. -ﮬﻪ؟ ﺋﻪﺗﻪ...ﺋﻪﺗﻪ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻢ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ...-ﯞﺍﻱ-ﯞﯗﻱ ،ﺳﯩﺰﻧﯩﯖﻼ ﺋﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﺗﯜﮔﯩﻤﻪﻳﺪﯗ .ﺋﯩﺶ ﺩﯦﮕﻪﻧﻨﻰ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ،ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﯜﻡ ﻳﯩﻠﯩﻐﺎﺋﺎﺭﺍﻥ ﺑﯩﺮﻻ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. -ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺴﺎﻡ...ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﻨﻰ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪﺵ ﺩﯨﻨﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﮕﻪﻥ .ﺷﯘﯕﺎ....ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﯓ ،ﺑﺎﺭﺍﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ....... ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﺎﺗﺎﻗﺪﺍﺷﻼﺭ ﺑﺎﺭﺍ-ﺑﺎﺭﺍ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺑﯩﺰﺍﺭﻟﯩﻖ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﺪﺍ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪﻯ .ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﭼﯘﻕ-ﻳﻮﺭﯗﻕ ،ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺗﯜﺟﯜﭘﯩﻠﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯩﺠﻪﺯﻯ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﯚﺭﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﻗﺎﻳﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ .ﺑﯩﺮ ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﭼﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﭼﺎﭘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﻛﯩﻴﯩﭗ ،ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ﺋﺎﺭﺗﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﯦﺪﻯ ،ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﻪﻳﺮﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﺎﺷﺘﻰ. ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻳﻼ ﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻥ ﺋﯧﻴﻰ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ .ﻳﺎﺗﺎﻗﺘﯩﻜﻰ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺩﯨﻨﻐﺎ ﻗﯩﻠﭽﻪ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﻪﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺗﻪﻗﯟﺍﺩﺍﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﻰ .ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﻛﯩﻢ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺗﯘﺭﺳﺎ ﺷﯘ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﻐﯩﺘﺎﺗﺘﻰ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ »ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﺎﺗﺎﻗﺘﯩﻜﻰ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﺳﻮﮬﯘﺭﻏﺎ ﻣﻪﻥ ﺋﻮﻳﻐﯩﺘﯩﻤﻪﻥ «...ﺩﻩﭖ ﻣﺎﺧﺘﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ .ﺳﻪﮬﻪﺭﺩﻩ ﮬﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﯧﮕﻪﻧﺪﯨﻦ
7
ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺩﯨﻠﻨﯘﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯩﺮﻩﺗﺘﻰ .ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯩﺰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻕ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺑﺎﺷﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﻓﺎﺗﯩﻤﻪﻣﯘ ﺳﻪﭘﺘﯩﻦ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ .ﺷﯘﻏﯩﻨﯩﺴﻰ ﺋﯘ ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﯘﺷﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﻨﻰ ﺗﺎﺯﺍ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺘﺘﻰ .ﻳﺎﺗﺎﻗﺘﺎ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ »ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﯩﻠﻪﺭ ،ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﺴﺎ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻜﻪ ﺑﻪﻙ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻘﻜﻪﻥ....ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻤﯩﺰ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺩﯨﻦ« ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻼﮬﯩﻲ ﺳﯧﺰﯨﻢ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﺩﻩﻣﻠﯩﻚ ﭼﯘﻟﻐﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻼﺗﺘﯩﻴﯘ ،ﺑﯘ ﺳﯧﺰﯨﻢ ﺑﯩﺮﺩﻩﻣﻼ ﻳﻮﻗﺎﭖ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﻰ .ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﻯ ﺋﯘﻳﻘﯘﺳﯩﺮﺍﺵ ﯞﻩ ﻗﻮﺭﺳﯩﻘﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻚ ﺳﻪﻩﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﺩﻩﺭﺱ ﯞﻩ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺧﻮﺷﻴﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘ ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﯘﺷﺘﯩﻦ ﺑﻪﻛﻼ ﺯﯦﺮﯨﻜﻪﺗﺘﻰ. ﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻧﻨﯩﯔ -27ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻪﭼﺘﻪ ،ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺗﯜﻧﯩﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﺑﯘ ﺩﻩﻝ ﺟﯜﻣﻪ ﻛﻪﭼﻜﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﮕﻪﭺ ،ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺋﯘﺧﻠﯩﯟﺍﻟﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ .ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮﺩﻩﻡ ﮔﺎﺯﯨﺮ ﭼﺎﻗﻘﺎﭺ ﺋﯘﻧﯩﯔ-ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﭘﺎﺭﺍﯓ ﺳﻮﻗﯘﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺩﻯ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﺪﻩ ﺗﯜﻧﻪﺵ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﺋﯘﺧﻠﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﻯ .ﺩﯨﻠﻨﯘﺭ ﺑﺎﻟﻜﻮﻧﺪﺍ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﺎﺗﺘﻰ. -ﮬﻪﻱ ﻗﯩﺰﻻﺭ ،ﺩﯨﻠﻨﯘﺭ ﺑﺎﻟﻜﻮﻧﺪﺍ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﺳﺎ ﺗﻮﯕﯘﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﺳﻤﯘ؟ ﮬﻪﻱ ﻓﺎﺗﯩﻤﻪ ،ﭼﯩﻘﯩﭗ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ ﻛﯩﺮﮔﯩﻨﻪ ،ﻳﺎﺗﺎﻗﺘﺎﺋﻮﻗﯘﺳﯘﻥ ،ﺑﯩﺰﻣﯘ ﺗﯚﯞﻩﻧﺮﻩﻙ ﺋﺎﯞﺍﺯﺩﺍ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﺎﻳﻠﻰ. ﻓﺎﺗﯩﻤﻪ ﺑﺎﻟﻜﻮﻧﻐﺎ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ،ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ﺑﺎﻟﻜﻮﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻣﺎﯕﺪﻯ-12 .ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺳﻮﻏﯘﻗﻰ ﺑﺎﻟﻜﻮﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯚﯕﻪﻛﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﺋﯘ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺩﯨﻠﻨﯘﺭ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ. -ﺩﯨﻠﻨﯘﺭ ،ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﻰ ﻳﺎﺗﺎﻕ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﻮﻗﯘﯕﻪ ،ﺑﯘ ﻳﻪﺭ ﺑﻪﻙ ﺳﻮﻏﯘﻗﻜﻪﻥ--،ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘ ،ﻟﻪﯞﻟﯩﺮﻯ ﺳﻮﻏﯘﻗﺘﯩﻦ ﺗﯩﺘﺮﻩﭖﻛﻪﺗﺘﻰ. -ﮬﻪ ،ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﯩﻢ ،ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﺳﯩﺰﮔﻪ--،ﺩﯨﻠﻨﯘﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯘﭼﻰ ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ،ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﻮﯕﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ. -ﻗﯩﺰﻻﺭ ،ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻛﯧﭽﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯧﭽﻪ ،ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﯩﻠﻪﺭ؟--ﺩﯦﺪﻯ ﺩﯨﻠﻨﯘﺭ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ.-ﻳﺎﻕ--،ﻗﯩﺰﻻﺭ ﻗﺎﻳﺴﯩﯖﻼﺭ ﺑﯩﻠﯩﺴﯩﻠﻪﺭ ،ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﻰ.-ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﯧﭽﻪ .ﺋﺎﻟﻼﮪ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥﺋﯩﻜﻪﻥ .ﻗﻪﺩﯨﺮ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯘﻟﯘﻍ ،ﺑﯘ ﻛﯧﭽﯩﻨﻰ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺳﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻗﻪﺩﯨﺮ ﻛﯧﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺋﻮﻥ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﻕ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺰﺩﻩﯕﻼﺭ ،ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ ،ﻛﯚﭖ
8
ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ -27ﻛﯧﭽﻪ ،ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻜﻪﻥ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎﯕﻼﺭ ،ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮﺩﻩﻡ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﯧﺮﻩﻱ. -ﺋﻪﺟﻪﺏ ﻳﺎﺧﺸﻰ—.ﺩﯦﻴﯩﺸﺘﻰ ﻗﯩﺰﻻﺭ--،ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ﭼﯩﮕﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻣﺪﯗﻕ ،ﻳﺎ ﭼﯩﮕﻤﯩﺴﻪﻛﻤﯘ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ؟-ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﯨﯖﻼﺭ--،ﺋﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﭖ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﯚﺯﻯ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﭺ ،ﺩﻩﻝ ﺷﯘﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ ،ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻳﯩﭙﻰ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﺪﻯ: »
ﺋﺎﲰﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ۋە ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ھﻪﳑﯩﺴﻰ ﺍﷲ ﻗﺎ ﺗﻪﺳﺒﯩﻬ ﺋﯧﻴﺘﱴ ،ﺍﷲ ﻏﺎﻟﯩﺒﺘﯘﺭ ،ھﯧﻜﻤﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺶ
ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ ] .[1ﺋﺎﲰﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ۋە ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھﻠﯩﻘﻰ ﺍﷲ ﻗﺎ ﺧﺎﺳﺘﯘﺭ ،ﺍﷲ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭەﻟﻪﻳﺪﯗ ،ﺗﯩﺮﯨﻠﺪﯛﺭەﻟﻪﻳﺪﯗ ،ﺍﷲ ھﻪﺭ ﻧﻪﺭﺳﯩﮕﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮﺩﯗﺭ ] .[2ﺍﷲ ﻧﯩﯔ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺳﻰ ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ ،ﺋﯩﻨﺘﯩﻬﺎﺳﻰ ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ) ،ﺍﷲ( ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﺪﯗﺭ )ﻳﻪﱏ ﻣﻪۋﺟﯘﺗﻠﯘﻗﯩﲎ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ﺩەﻟﯩﻠﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﺪﯗ( ،ﻣﻪﺧﭙﯩﻴﺪﯗﺭ )ﻳﻪﱏ ﺋﯘﱏ ﻛﯚﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﳌﺎﻳﺪﯗ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺯﺍﺗﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎھﯩﻴﯩﺘﯩﲎ ﺗﻮﻧﯘﺷﻘﺎ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﻪﺭ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﳌﻪﻳﺪﯗ( ،ﺍﷲ ھﻪﺭ ﻧﻪﺭﺳﯩﲎ ﺑﯩﻠﮕﯜﭼﯩﺪﯗﺭ ] .[3ﺍﷲ ﺋﺎﲰﺎﻧﻼﺭﱏ ۋە ﺯﯦﻤﯩﻨﲎ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻛﯜﻧﺪە ﻳﺎﺭﺍﺗﱴ) ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻻﻳﯩﻖ ﺭەۋﯨﺸﺘﻪ( ﺋﻪﺭﺵ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﻗﺎﺭﺍﺭ ﺋﺎﻟﺪﻯ ،ﺍﷲ ﺯﯦﻤﯩﻨﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﱏ، ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﱏ ،ﺋﺎﲰﺎﻧﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﱏ ،ﺋﺎﲰﺎﻧﻐﺎ ﺋﯚﺭﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﱏ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ، ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩە ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼﺭ ،ﺍﷲ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ،ﺍﷲ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺸﯩﯖﻼﺭﱏ ﻛﯚﺭﯛپ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺪﯗﺭ ] .[4ﺋﺎﲰﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ۋە ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھﻠﯩﻘﻰ ﺍﷲ ﻗﺎ ﺧﺎﺳﺘﯘﺭ ،ھﻪﳑﻪ ﺋﯩﺶ ﺍﷲ ﻗﺎ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯗ ] .[5ﺍﷲ ﻛﯧﭽﯩﲎ ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﮔﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯨﺪﯗ، ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﱏ ﻛﯧﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯨﺪﯗ ،ﺍﷲ ﺩﯨﻠﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺳﯩﺮﻻﺭﱏ ﺑﯩﻠﮕﯜﭼﯩﺪﯗﺭ ] .[6ﺍﷲ ﻗﺎ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﯕﻼﺭ ،ﺍﷲ ﺳﯩﻠﻪﺭﱏ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﺳﻪﺩﯨﻘﻪ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ ،ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﻼﺭ ۋە ﺳﻪﺩﯨﻘﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭ ﭼﻮڭ ﺳﺎۋﺍﺑﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ]) .[7ﺋﻰ ﻛﯘﻓﻔﺎﺭﻻﺭ!( ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺍﷲ ﻗﺎ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻣﻪﻳﺴﯩﻠﻪﺭ؟ ھﺎﻟﺒﯘﻛﻰ ،ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭﱏ ﭘﻪﺭۋەﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯖﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺪﯗ ،ﺍﷲ ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻦ ﺋﻪھﺪە ﺋﺎﻟﺪﻯ ،ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺷﲎ ﺋﯩﺮﺍﺩە ﻗﯩﻠﺴﺎﯕﻼﺭ )ﺋﯩﻤﺎﻧﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﯕﻼﺭ( ]①......«.[8 ﺋﯘ ﺋﺎﺳﺘﺎ ،ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﯞﻩﺯﻣﯩﻦ ﺋﺎﮬﺎﯕﺪﺍ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻳﺘﺘﻰ .ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻓﺎﺗﯩﻤﻪﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﻨﻰ ﮬﯧﭽﻘﺎﭼﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻟﯜﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﯧﺰﯨﻢ ،ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﯘﻟﯘﻍ ،ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻼﮬﯩﻲ ﺳﯧﺰﯨﻢ ﭼﯘﻟﻐﯩﯟﺍﻟﺪﻯ .ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﻪﺕ ،ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﺳﯚﺯ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﻩ ﺋﻪﻛﺲ ﺳﺎﺩﺍ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ. --ﻣﺎﯞﯗ ﮬﻪﺩﯨﺲ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ ،ﺧﺎﻟﯩﺴﺎﯕﻼﺭ ﺑﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﭺ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﯕﻼﺭ--،ﺩﯦﺪﻯ ﺩﯨﻠﻨﯘﺭ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ
9
ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﺳﯘﻧﯘﯞﯦﺘﯩﭗ--،ﻣﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﺩﻩﻡ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﻻﻱ. -ﺩﯨﻠﻨﯘﺭ ،ﻣﻪﻥ ﺳﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﺳﺎﻡ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ؟--ﺩﯦﺪﻯ ﺋﺎﻳﮕﯜﻝ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﻗﯩﺰ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯﻧﯧﻤﯩﺸﻘﯩﺪﯗﺭ ﻧﻪﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ--،ﻣﻪﻧﻤﯘ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻳﺎﻻﻳﻤﻪﻥ ،ﺋﺎﭘﺎﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ. -ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ،ﺟﯜﺭﯛﯓ ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ ،ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﺎﮬﺎﺭﻩﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯩﺮﻩﻳﻠﻰ .ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺗﺎﮬﺎﺭﯨﺘﯩﻤﻨﻰ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﯟﺍﻻﻱ» .ﺗﺎﮬﺎﺭﻩﺕ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪﺗﺎﮬﺎﺭﻩﺕ ،ﮔﯜﻝ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﮔﯜﻝ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪﻩﻙ«② . ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻣﺎﯕﺪﻯ ،ﻓﺎﺗﯩﻤﻪﻣﯘ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﮔﻪﺷﺘﻰ..... ﻗﯩﺸﻠﯩﻖ ﺗﻪﺗﯩﻞ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﺋﯘ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﺷﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﭼﻜﻪ ،ﺗﻪﺗﯩﻠﺪﻩ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺑﺎﮬﺎﻧﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﻤﯩﺪﻯ ،ﺩﯨﻠﻨﯘﺭﻣﯘ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﮬﻪﻣﺮﺍﮪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. -ﺩﯨﻠﻨﯘﺭ ،ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺑﻪﻙ ﮬﻪﯞﯨﺴﯩﻢ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ--،ﺩﯦﺪﻯ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﻓﺎﺗﯩﻤﻪ.-ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ؟-ﺳﯩﺰ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻲ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﺴﯩﺰ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﺋﯩﺴﻼﻣﺪﯨﻦ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱﻳﯩﺮﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﮬﯩﺘﺘﺎ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ .ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺳﺎﻗﭽﻰ ،ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ .ﻧﯧﻤﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﺩﯦﻤﻪﻣﺴﯩﺰ؟ ﺑﯩﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ،ﺳﯧﭙﻰ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻣﺎﻳﻤﯘﻧﺪﯨﻦ ﺗﯚﺭﻩﻟﮕﻪﻥ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﯩﻨﻰ .ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﮬﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻐﯩﻤﯘ ﺑﺎﺭﻣﺎﻳﺪﯗ .ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﺎﻡ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﯕﻠﯜﻡ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﯩﺪﯗ. -ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺴﺎﻡ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺳﯩﺰﺩﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﮬﯩﺘﺘﺎ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ--،ﺩﯦﺪﻯ ﺩﯨﻠﻨﯘﺭ ﭘﻪﺱ ﺋﺎﯞﺍﺯﺩﺍ.-ﺭﺍﺳﺘﻤﯘ؟ ﺑﯩﺰ ﺗﯧﺨﻰ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻤﯩﻜﯩﻦ ﺩﻩﭖ ﻳﯜﺭﯛﭘﺘﯘﻕ--،ﺩﯦﺪﻯ ﻓﺎﺗﯩﻤﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﯜﺳﻰ ﻛﻪﻟﻤﻪﻱ.-ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪﻣﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﺎﻛﯩﻤﻰ--،ﺩﯦﺪﻯ ﺩﯨﻠﻨﯘﺭ ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯﺩﺍ--،ﺋﺎﭘﺎﻡ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ .ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﻪﻙ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﭘﺎﭼﺎﻕ .ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﺪﻩ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺗﺎﺱ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﻧﺎﻛﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﯩﻠﻰ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﻛﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺗﻮﺳﯘﯞﺍﻟﻐﺎﻥ .ﻣﻪﻥ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﻼﻣﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻛﺎﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ .ﺩﯦﺴﻪﻡ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﺴﯩﺰ ،ﺋﺎﻛﺎﻡ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﻥ ﻧﻪﮔﻪ ﺑﺎﺭﺳﺎﻡ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻳﻨﯩﻤﺪﯨﻦ ﺑﺎﺭﺍﺗﺘﻰ ،ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺩﯦﺴﻜﻮﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﺳﻪﻡ ﻛﻪﻳﻨﯩﻤﺪﯨﻦ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﺎﻳﻪﺕ-ﮬﻪﺩﯨﺲ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺘﺘﻰ .ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻛﺎﻣﻐﺎ »ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺋﺎﻛﺎ ،ﺋﺎﯞﺍﺭﻩ ﺑﻮﻟﻤﺎ ،ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﺴﻪﯕﻤﯘ ﻣﯧﻨﻰ
10
ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺴﻪﻥ« ﺩﻩﻳﺘﺘﯩﻢ ،ﻛﯩﻢ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ ،ﺑﻪﻧﺪﻩ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﺶ ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﻜﻪﻥ ،ﺑﻪﻧﺪﯨﮕﻪ ﺗﻪﺱ ﺋﯩﺶ ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﺋﺎﺳﺎﻧﻜﻪﻥ ،ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻛﺎﻡ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﻙ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﻤﻪﻥ .ﺋﯚﻳﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﺭﺍﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺗﯧﺨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ .ﻛﯩﻢ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ ،ﺑﯩﻠﺴﻪ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﻨﻰ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺋﺎﻛﺎﻣﻤﯘ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯗ، ﺋﯩﻨﺸﺎﺋﺎﻟﻼﮪ③. ﻓﺎﺗﯩﻤﻪ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﭽﻪ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ﻗﺎﻟﺪﻯ ،ﻣﺎﯞﯗ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ -ﺳﺎﺩﺩﺍ، ﻗﯩﻠﭽﻪ ﮬﺎﻛﺎﯞﯗﺭﻟﯘﻗﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻜﻪﻥ .ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﭙﺘﯘ. ﺗﯧﺨﻰ ﺑﯘ ﻗﯩﺰ ﺩﯦﺴﻜﻮﺧﺎﻧﯩﻐﯩﻤﯘ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﯩﻜﻪﻥ ،ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﮔﻪﭘﻜﻪ ﻛﯩﻤﻨﯩﯖﻤﯘ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﯜﺳﻰ ﻛﻪﻟﺴﯘﻥ؟! -ﻣﻪﻥ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﻩ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﺎﺭﻯ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﻜﻪﻥ ،ﺩﻩﭖ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ،ﺑﯘﺭﯗﻧﺪﯨﻨﻼ ﺋﻮﺭﺍﻧﻐﯘﻡ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﺎﻟﻼﮪ ﻣﯘﺳﻠﯩﻤﻪﻟﻪﺭﻧﻰ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﺭﯨﻨﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺑﯘﻳﺮﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ! -ﺩﯨﻠﻨﯘﺭ ،ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ...ﺳﯩﺰﭼﻪ ﺋﻪﺭﺯﯨﻤﺪﯗ؟ ﺑﻪﻙ ﺟﺎﭘﺎﺩﺍ ﻗﺎﭘﺴﯩﺰ .ﺗﯧﺨﻰ ﺗﺎﻳﺎﻗﻤﯘ ﻳﻪﭘﺴﯩﺰ.-ﺗﺎﻳﺎﻗﻨﯩﻐﯘ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﻳﻪﻳﺘﺘﯩﻢ ،ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﮬﯧﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .ﺋﯘﺭﯗﭖ ﺗﻮﺧﺘﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍﻛﯩﺮﯨﭗ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻤﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻳﺘﺘﯘﻡ .ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ ﺳﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﻤﻪﻥ ،ﺩﻩﭖ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﺋﺎﺭﺍﻥ ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﺘﻰ .ﺑﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ،ﺩﺍﺩﺍﻣﻤﯘ ﻣﯧﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻟﯩﻘﻨﻰ ﻣﻪﻧﺪﯨﻨﻤﯘ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﻩﻣﺪﯨﻜﯩﻦ، ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ .ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻟﻼﮬﺘﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯩﻠﻪﯞﺍﺗﯩﻤﻪﻥ ،ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﮬﻪﻗﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯗ ،ﮬﺎﻣﺎﻥ ﺑﯩﺮﻛﯜﻧﻰ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻤﺪﯨﻦ ،ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﻤﺪﯨﻦ ﻛﯧﭽﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﭘﻤﯘ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﯨﻢ .ﺳﺎﮬﺎﺑﯩﻠﻪﺭ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﭘﺎ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ ،ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﯩﺰ؟ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﮬﺎﺑﯩﻨﻰ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﭼﻮﻏﻨﻰ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﯧﻴﯩﺘﯩﭗ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺩﻭﻣﯩﻠﯩﺘﯩﭙﺘﯩﻜﻪﻥ ،ﺑﯩﺮ ﺳﺎﮬﺎﺑﯩﻨﻰ ﻣﻪﻛﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﺧﯘﻣﻨﻰ ﻗﻮﻳﺴﺎ ﭘﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﯨﻖ ﻗﯘﻣﯩﻐﺎ ﻳﺎﺗﻘﯘﺯﯗﭖ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺗﺎﺷﻨﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﯘﭘﺘﯩﻜﻪﻥ ،ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﯞﻩﮬﺸﯩﻲ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﯧﭽﻘﺎﻳﺴﯩﺴﻰ ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﭼﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ .ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﻣﯩﯔ ﮬﻪﺳﺴﻪ
ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﺗﯘﺭﯗﭘﻤﯘ ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﻗﯩﻠﭽﯩﻠﯩﻚ ﻳﺎﻧﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﻛﯘﺭﻣﯩﯔ .ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﺘﻪ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﺎﻕ ﺋﺎﺳﺎﻥ
ﺋﻪﻣﻪﺱ.... ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﺋﯘﻻﺭ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯧﺰ ﺗﺎﻣﺎﻗﺨﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﯩﮕﻪ ﺑﯩﻨﺎﺋﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ
11
ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﺩﻯ. -ﺑﺎﻟﺪﯗﺭﺭﺍﻕ ﻛﯧﻠﯩﯖﻼﺭ VCD ،ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﻤﻪﻥ ،ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻛﯩﻨﻮ ﺳﯧﻐﯩﻨﻐﺎﻧﺴﯩﻠﻪﺭ ﮬﻪﻗﯩﭽﺎﻥ--،ﺩﯦﮕﻪﻧﯩﺪﻯ ﺋﯘ ﺋﺎﻳﺎﻝﺗﯧﻠﯩﻔﻮﻧﺪﺍ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﻰ .ﺋﯘﻻﺭ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﯚﻱ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺗﺎﮬﺎﺭﻩﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﯩﻜﻪﻥ. -ﮬﻪﻱ ﺩﯨﻠﻨﯘﺭ ،ﻣﻪﻧﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻓﯩﻠﯩﻢ ﺑﺎﺭ ،ﺳﯩﺰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺰ--،ﺩﯦﺪﻯ ﻧﺎﻣﺎﺯﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ .ﺋﯘ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﭼﺎﻗﭽﺎﻗﭽﻰ،ﺧﯘﺷﺨﯘﻱ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯩﺪﻯ--،ﺑﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﭺ ﺗﯘﺭﯗﯕﻼﺭ ،ﻣﻪﻥ ﻗﻮﺭﯗﻣﯩﻨﻰ ﻗﻮﺭﯗﭖ ،ﭘﯩﻠﺘﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ،ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻛﯩﺮﻩﻱ. -ﺑﯩﺰﻣﯘ ﻗﺎﺭﯨﺸﺎﻣﺪﯗﻕ؟-ﺑﻮﻟﺪﻯ ،ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻛﯚﺭﮔﻪﭺ ﺗﯘﺭﯗﯕﻼﺭ.ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﻪﺭﮔﯩﻨﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﮬﯧﻜﺎﻳﻪ ﻓﯩﻠﯩﻤﻰ» ﺩﺍﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﻛﯧﻠﯩﻦ« ﺋﯩﺪﻯ .ﺩﯨﻠﻨﯘﺭ ﺑﯘ ﻓﯩﻠﯩﻤﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﻜﻪﻥ .ﻓﺎﺗﯩﻤﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﯕﻼﭘﻤﯘ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ .ﻛﯩﻨﻮ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﺋﯘ ﻛﯩﻨﻮﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭙﻼ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﻛﯩﻨﻮﺩﯨﻜﻰ ﺧﻪﺩﯨﭽﻪ ﺟﻪﻳﻨﺎﻣﺎﺯ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﻛﻪﺗﻜﯩﻨﯩﺪﻩ ﺋﯘﻣﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﻻﻟﻤﺎﻱ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﺗﺎﺷﻠﯩﺪﻯ ،ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﯞﯗﺟﯘﺩﯨﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﯩﻠﻜﯩﻨﮕﻪﻥ ،ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯧﺴﻪﺩﻩﺗﻜﻪﻥ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﯩﺪﯗﺭ ﻳﯩﻐﻠﯩﻴﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻗﺎﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ،ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﯩﻨﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﯩﻐﯩﺴﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﺳﻜﯩﻦ ﺗﺎﭘﻘﯘﺯﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﻛﯩﻨﻮ ﺗﯜﮔﯩﮕﻪﻥ ﭼﺎﻏﺪﯨﻤﯘ ﺋﯘ ﺋﻪﺱ-ﻳﺎﺩﻯ ﻛﯩﻨﻮﺩﺍ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭﻣﯩﻜﯩﻦ ،ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﯧﻜﺮﺍﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﮬﺎﯕﯟﯦﻘﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. -ﺗﯘﺭﯗﯕﻼﺭ ،ﺷﺎﻡ ﺋﻮﻗﯘﻳﻠﻰ--،ﺩﯦﺪﻯ ﺳﺎﮬﯩﭙﺨﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ.ﺷﺎﻡ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﯞﯗﺟﯘﺩﻯ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻟﻪﺭﺯﯨﮕﻪ ﻛﻪﻟﺪﻯ .ﺋﯘ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ،ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺭﺍﮬﻪﺕ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﻯ ،ﺧﯘﺩﺩﻯ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ،ﭘﯜﺗﯜﻥ ﯞﯗﺟﯘﺩﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﻣﺎﺯﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ.
12
-ﮬﻪﺩﻩ ،ﺑﯘ ﺋﺎﺑﺎﻳﯩﯖﯩﺰ ﺑﻪﻙ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻘﻜﻪﻥ ،ﻣﺎﯕﯩﻤﯘ ﺋﻮﺑﺪﺍﻧﻼ ﻛﻪﻟﺪﻯ ،ﻣﻪﻥ ﻛﯩﻴﺴﻪﻡ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ؟--ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘ ﻧﺎﻣﺎﺯﺩﯨﻦﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﻨﯩﭙﻘﯩﻨﻪ. -ﺑﯘ ﻛﻮﻧﯩﺮﺍﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﺑﯘ ﻳﯩﻞ ﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻦ ﺋﻪﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ ،ﺷﯘﻧﻰ ﺑﯧﺮﻩﻱ .ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﺪﺍ ﻛﯩﻴﻪﻣﺘﯩﯖﯩﺰ؟-ﻳﺎﻕ ،ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﻮﺭﯗﻧﺎﻱ ،ﺩﯦﮕﻪﻧﺘﯩﻢ.-ﻣﺎﺷﺎﺋﺎﻟﻼﮪ! ﻧﯧﻤﯩﺪﯦﮕﻪﻥ ﭼﻮﯓ ﺧﻮﺵ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺑﯘ! ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ ﻣﻪﻥ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﻩﻱ ،ﻛﯧﻠﯩﯔ ،ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﺗﺎﻟﻠﯩﯟﯦﻠﯩﯔ. -ﻗﺎﺭﺍﯓ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻐﺎ .ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﯜﺯﻩﻝ!—ﺩﯦﺪﻯ ﻓﺎﺗﯩﻤﻪ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ .ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯘﭼﯩﺴﯩﺪﺍﺋﺎﺑﺎﻳﻰ ،ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. -ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﻣﯘﺷﯘﻧﭽﻪ ﺗﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﺪﯨﻜﻪﻥ-ﮬﻪ! ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰﻻﺋﻮﺭﯨﻨﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﯖﯩﺰﻏﯘ؟ -ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﯩﺰ ،ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻤﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﺎﺭﺍﻣﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺯﺍﺩﯨﻼ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﺪﯨﻢ .ﺗﺎﻛﻰﺑﺎﻳﺎ ﺋﺎﯞﯗ ﻛﯩﻨﻮﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻼ ﺋﯚﺯﻩﻣﺪﻩ ﻧﯧﻤﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﻣﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﺪﯨﻢ... ........... ﻓﺎﺗﯩﻤﻪ ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﻼﯞﯦﺘﯩﭗ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﺷﺎﻡ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﺪﻯ ﯞﻩ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺷﺎﻡ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻐﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﻯ.... ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ ① ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻰ ﻛﻪﺭﯨﻢ ،ﮬﻪﺩﯨﺪ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ-57 .ﺳﯜﺭﻩ ② ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ﺗﻮﻻ ﺩﻩﻳﺘﺘﻰ .ﮬﻪﺩﯨﺴﻤﯘ ،ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ ،ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﯩﺪﯨﻢ .ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺩﻩﭖ ﻗﻮﻳﯘﺷﯘﯕﻼﺭﻧﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ.
13
ﮬﻪﻣﺸﯩﺮﯨﻠﻪﺭ )( 2
ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻓﺎﺗﯩﻤﻪ ﯞﻭﮔﺰﺍﻟﺪﺍ ﺋﯘ ﻳﺎﻕ-ﺑﯘﻳﺎﻗﻘﺎ ﻣﯧﯖﯩﭗ ﻳﯜﺭﻩﺗﺘﻰ .ﺋﯘﻻﺭ ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻳﻨﯩﯔ ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﻰ ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻗﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜﯞﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﺪﻯ. ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻕ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺷﻪﮬﻪﺭﺩﻩ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﺎﺗﺘﻰ» .ﮬﻪﺩﻩ ،ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﯜﻡ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ،ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﯜﻣﺪﻩ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻗﺎﻟﻐﯘﻡ ﻳﻮﻕ ،ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﯖﻐﺎ ﺑﺎﺭﺍﻳﭽﯘ!« ﺩﯦﮕﻪﻧﯩﺪﻯ ﺋﯘ ﺗﯧﻠﯩﻔﻮﻧﺪﺍ ﺋﻪﺭﻛﯩﻠﻪﭖ .ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﯘ ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻳﺪﯨﻦ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯜﭺ ﻳﺎﺷﻼ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻳﻨﯩﯔ ﻣﯩﺠﻪﺯﻯ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ،ﭼﻮﯓ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﺩﻩﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﯩﻤﯘ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪﺭﻛﯩﻠﻪﭘﻼ ﻳﯜﺭﻩﺗﺘﻰ .ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﺎﻱ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﻪﺭﻛﻪ ﻗﯩﺰ ﮬﻪﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﮔﯧﭙﯩﻨﯩﻤﯘ ﻳﯩﺮﻣﺎﻳﺘﺘﻰ .ﮬﻪﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﻩﺗﺘﻰ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻱ ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺯﺍﺩﯨﻼ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺘﺘﻰ .ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﯘﻧﯩﯖﻤﯘ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺑﺎﺭ: ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻓﺎﺗﯩﻤﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﺘﺎ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﮬﺎﺭﺩﺍ ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻳﻤﯘ ﺋﻮﺭﺍﻧﻐﺎﻧﯩﺪﻯ .ﺋﯘﻣﯘ ﻓﺎﺗﯩﻤﻪﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ،ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻲ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻱ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﻩ ﺋﯩﺴﻼﻣﻐﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ .ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﮬﺎﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻴﺘﺴﺎﻕ ،ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺧﺎﺗﺎﻻﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﺎﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﻣﯘﺷﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﮬﺎﺟﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻗﯩﺰﯨﻐﺎ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﺗﯩﻠﻰ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ ).ﺋﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﺗﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﻛﯚﭖ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ( .ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﻳﯘﻕ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻲ ﻣﯘﮬﯩﺖ ،ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻲ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺟﻪﻟﭗ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ .ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﺋﯘ ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ ،ﺑﯘ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻣﯧﯖﯩﺸﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ،ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﭘﻼﺷﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﮕﻪ ﺳﯩﻐﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﺎﻣﻤﯩﺴﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮﺍﻗﻼ ﺋﯩﺴﺘﯧﭙﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ .ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ ﯞﻩ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﻪﻗﯟﺍﺩﺍﺭ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﮕﯩﺖ )ﺋﯩﻨﺸﺎﺋﺎﻟﻼﮪ( ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ
14
ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺘﺘﻰ ،ﯞﻩ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻚ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﮬﺎﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﻠﯩﮕﻪﭼﻜﻪ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯜﻟﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮬﺎﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ،ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﮬﯩﻞ ﻣﯩﺠﻪﺯﯨﮕﻪ ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﻰ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯘ ﻣﯘﺷﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﻼﯞﯦﺘﯩﭗ ﺋﯚﺯ-ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ» ﮬﻪﻱ ،ﺳﯩﯖﻠﯩﻢ ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﭽﯘ! ﺋﯘﻣﯘ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻗﺎﻟﺘﯩﺲ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﻮﻻﻻﻳﺘﺘﻰ« ﺩﯦﺪﻯ. ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻱ ﺋﻮﺭﯨﻨﯩﭗ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﺪﻯ .ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯘﺭﻣﯩﺪﻯ ،ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺋﻪﺳﻼ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﺎﺭﻣﺎﻳﺘﺘﻰ .ﻗﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﻰ ﺗﻮﻡ ،ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﯩﻨﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﻘﺎﻥ ،ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻗﺎﭘﻘﺎﺭﺍ ﻛﯩﺮﭘﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﻳﻮﻏﺎﻥ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﺎﻳﻪ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ،ﺑﯘﺭﯗﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﯕﺸﺎﺭﻟﯩﻖ ،ﺋﯧﯖﯩﻜﻰ ﺋﯘﭼﻠﯘﻕ ،ﻟﻪﯞﻟﯩﺮﻯ ﺗﻮﻕ ،ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﮬﯧﭻ ﮔﻪﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻻﻳﯩﻢ ﻗﯩﺰﻏﺎ ﻛﯩﻤﻤﯘ ﻗﻮﻝ ﺗﻪﮔﻜﯜﺯﻩﻟﯩﺴﯘﻥ! ﺋﯘ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺗﺎﺳﻼ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ .ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﺎﻟﻘﯩﻨﯩﺪﺍ ﭘﯜﯞﻟﻪﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ .ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯘﻣﯘ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﻣﯩﺪﯨﻨﻰ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻗﻮﻳﻤﺎﻱ ،ﮬﻪﻣﻤﯩﻼ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﺯﯨﻨﻰ ﻳﻮﺭﯗﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﺘﻪ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ،ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﻪﺧﻼﻕ-ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ،ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻣﺮﺍﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰ ﺋﯩﺪﻯ .ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻳﻼ ﻗﻮﻳﺪﻯ .ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻧﻪﻗﻪﺩﻩﺭ ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﻗﺎﺗﺘﯩﻘﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﺋﯘ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﭗ ﻳﯜﺭﺳﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻣﯩﻨﯘﺗﻤﯘ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﻳﺎﻟﯟﯗﺭﺩﻯ .ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻱ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﻣﯩﺪﻯ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺟﺎﯞﺍﺑﺴﯩﺰ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ ﻳﯩﻐﻼﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .ﺑﯩﺮﻛﯜﻥ ،ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯜﻥ ،ﺋﯜﭺ ﻛﯜﻥ ﺋﯘﺩﺍ ﺋﯜﻧﺴﯩﺰ ﻳﺎﺵ ﺗﯚﻛﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻳﺎﻏﻠﯩﻘﻨﻰ ﭼﯩﮕﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻜﻪ ﻗﻮﺷﯘﻟﺪﻯ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ،ﺑﻪﺯﻯ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻗﺎﺗﺘﯩﻘﻠﯩﻘﺘﯩﻨﻤﯘ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺗﻪﺗﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﻳﺎﻏﻠﯩﻘﺴﯩﺰ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻛﻪﻟﺪﻯ .ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﺷﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ،ﺋﯚﺯﻯ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﺪﻯ .ﺋﯘ ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﻪﯞﺭﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﯜﺭﯛﯞﯦﺮﯨﺸﻜﻪ ﭼﯩﺪﯨﺴﯘﻧﻤﯘ؟ ﮬﯧﻠﯩﻤﯘ ﺗﻪﺗﯩﻞ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺳﺎﺭﺍﯓ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻻﻳﻼ ،ﺩﯦﺪﻯ .ﺋﯘ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻳﺎﻏﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻨﯘﺗﻤﯘ ﺋﺎﻳﺮﯨﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺋﯘ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﻏﻠﯩﻘﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺳﺎﻟﺪﻯ. ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻧﻘﻰ ﺗﻪﺗﯩﻠﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﻤﯩﺪﻯ .ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻳﻼ
15
ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﭽﻰ .ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺋﯘﻣﯘ ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺳﯧﻐﯩﻨﻐﺎﻧﯩﺪﻯ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻧﭽﻪ-ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺋﯘﺭﯗﺷﯘﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﺮﺩﻩﻣﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻼ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﻡ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﺋﻪﺭﻛﯩﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﺎﺩﯨﻤﻰ ﺋﯩﺪﻯ .ﺷﯘﻏﯩﻨﯩﺴﻰ ،ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﻰ ﺋﯚﻳﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﻮﻳﺴﯩﭽﯘ؟ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﻪﺭﻣﯘ؟ ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺋﯘﻻﺭ ﺑﻪﺭﯨﺒﯩﺮ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻗﯘﺗﯘﻻﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ. -ﮬﻪﺩﻩ!! ﻣﺎﻧﺎ ﻣﻪﻥ!!—ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﯞﻟﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ.ﺋﯘ ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯘﭼﺎﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯚﺭﯛﺷﺘﻰ .ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﻨﻰ ﺭﺍﺳﺘﻼ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺳﯧﻐﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﻛﺴﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻗﺎﻳﺘﺘﻰ .ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺷﻮﺧﻠﯘﻗﻠﯩﺮﻯ ﺗﯜﮔﻪﭖ ﻳﯘﯞﺍﺷﻼﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻛﻼ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯘ ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻳﻐﺎ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪﻥ ﻳﺎﺕ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﺎﺭﺗﯩﻨﯩﭙﻘﯩﻨﻪ ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺘﺘﻰ. -ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ،ﺑﻪﻙ ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﯞﺍﺗﺎﻣﺪﯨﻤﻪﻥ؟--ﺩﯦﺪﻯ ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻱ ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ،ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮﯨﮕﯩﻨﯩﭽﻪ.-ﻧﻪﺩﯨﻜﯩﻨﻰ! ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭﺩﻩﻛﻼ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﯟﺍﺗﯩﺴﯩﺰ .ﻣﻪﻥ ﺋﯚﻣﺮﯛﻣﺪﻩ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻗﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ .ﺋﯚﻳﮕﻪﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻥ ﭼﯧﻐﯩﯖﯩﺰﺩﺍ ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ﭼﯩﮕﻜﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺸﺘﺎﻥ ﻛﯩﻴﯩﭙﺘﯩﻜﻪﻧﺴﯩﺰ.ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﻴﯩﻨﮕﯩﻨﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﻡ. ﺭﺍﺳﺘﻼ ﺑﻪﻙ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﭙﺴﯩﺰ ،ﻣﯧﻨﯩﯖﻤﯘ ﻛﯩﻴﮕﯜﻡ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻱ ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﺎﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ .ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻼ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﭘﺎﻙ ﻣﯘﺳﻠﯩﻤﻪﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ،ﮬﯩﺠﺎﺑﻨﯩﯔ ﮬﯚﺭﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯚﻛﯜﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺋﺎﺯ ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﺋﯘ ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮬﯧﭽﻨﯧﻤﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯟﯦﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ،ﺑﯩﻠﯩﭗ-ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺳﺎﺩﯨﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﯩﻐﺎ ﺋﯘ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ﻗﻮﺷﯘﻟﺴﯘﻥ!؟ -ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﯨﻤﺎﯓ ،ﺳﯩﺰ ﺗﯧﺨﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ .ﮬﺎﻳﻠﻰ① ﺑﺎﺭ.-ﮬﻪﺩﻩ ،ﻣﻪﻥ ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺩﯗﻡ.-ﻧﯧﻤﻪ؟!—ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻳﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﮬﻪﻳﺮﺍﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﭼﻪﻛﭽﯩﻴﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ--،ﺳﺎﺭﺍﯕﻤﯘﺳﯩﺰ؟ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻼﺗﺘﯩﯖﯩﺰ؟ --ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﺗﯩﻠﻰ ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻤﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﻛﯩﭽﯩﻚ
16
ﺋﻮﻗﯘﺷﻠﯘﻕ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﺳﺎﯕﻼﺭ ،ﺩﯦﺴﻪﻡ ﺳﺎﭘﻼ ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ .ﮬﻪﺩﻩ ،ﻳﺎﺩﯨﯖﯩﺰﺩﯨﻤﯘ؟ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻣﺎﯕﺎ ﺩﯨﻦ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﭘﯧﻨﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ،ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ .ﺩﯨﻨﻐﺎ ﺯﺍﺩﯨﻼ ﻗﯩﺰﯨﻘﻤﺎﻳﺘﺘﯩﻢ ،ﺷﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﯩﺪﯗﺭ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻱ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﻰ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﻧﯘﭖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺳﯚﮬﺒﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﺪﻯ .ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻕ ﮬﻪﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻗﻮﻏﺪﺍﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ »ﺳﯧﻨﻰ ﻛﯚﺯﯛﻡ ﻛﯚﺭﻣﯩﺴﯘﻥ ،ﺳﯩﺮﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎ ،ﻳﺎﺗﺎﻕ ﺋﯚﻳﯜﯕﺪﯨﻼ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭ« ﺩﻩﭖ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ » ،ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ ﻣﯧﻨﯩﻤﯘ ﻛﯚﺯﯨﯖﯩﺰ ﻛﯚﺭﻣﯩﺴﯘﻥ ،ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻳﻤﻪﻥ، ﻣﻪﻧﻤﯘ ﻳﺎﺗﺎﻕ ﺋﯚﻳﯜﻣﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﻤﻪﻥ!« ﺩﻩﭖ ﮬﻪﺩﯨﺴﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﻪ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﯩﺪﻯ ،ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮬﻪﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺗﯩﺮﻛﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻳﺘﺘﻰ. -ﮬﻪﺩﻩ ،ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺴﯩﺰ ﺑﯘﻧﭽﻪ ﺟﺎﭘﺎ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ؟ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﻣﻤﯘ ﺭﻩﻧﺠﯩﺪﻯ .ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻣﯩﺴﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﭘﺘﯘ؟ ﺷﯘﻧﻰ ﺩﻩﭖﺑﯘﻧﭽﯩﯟﺍﻻ ﺟﺎﭘﺎ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯧﺘﻪﻣﺪﯗ؟ -ﮬﯧﭽﻘﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ--،ﺩﯦﮕﻪﻧﯩﺪﻯ ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻱ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺋﺎﯞﺍﺯﺩﺍ--،ﺑﯘﻧﻰ ﺟﺎﭘﺎ ﺩﯦﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍﺳﺎﮬﺎﺑﯩﻠﻪﺭ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﻮﯓ ﻣﯜﺷﻜﯜﻻﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ. -ﯞﺍﻱ-ﯞﯗﻱ ،ﺧﻪﻕ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﺴﺎ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﻛﺎﺭﯨﯖﯩﺰ؟ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮔﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻳﻨﯩﯔ ﻛﯜﻟﮕﯜﺳﻰ ﻛﻪﻟﺪﻯ ،ﺗﻮﯞﺍ ،ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻗﺎﺭﺍﺷﻨﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭼﻮﯓ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ—ﮬﻪ! ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯘﺭﯗﻍ-ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﯩﻠﭽﯩﻠﯩﻚ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﻳﻮﻕ... ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﻰ ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ ،ﺩﻩﻳﺪﯗ .ﺑﯘ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻘﯘ! ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﯘ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﻪﮬﻜﺎﻣﻼﺭﻏﺎ ﺭﯨﺌﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ،ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼ ﺩﯦﺴﻪ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ،ﺋﯩﻨﺸﺎﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﯘ ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﺍﻻﻻﻳﺪﯗ .ﺋﻪﻣﺪﯨﭽﯘ؟ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﻰ ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟ ﺋﯘ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﺩﻭﺯﺍﺥ ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﻐﺎ ﻣﻪﮬﻜﯘﻡ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻏﯘ!؟ -ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻕ ،ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﯖﯩﺰ؟--ﮬﻪﺩﻩ ،ﻣﻪﻥ ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪﯨﻢ .ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﻛﺎﻟﻼﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ
17
ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﯟﯦﻠﯩﭗ ﺳﯩﺰﺩﯨﻦ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﺑﺎﻗﺎﻱ ،ﺩﻩﭖ ﺋﻪﻛﻪﻟﮕﻪﻥ .ﺳﯩﺰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﯓ ﮬﻪ. -ﻗﺎﺭﺍﯓ ﮬﻪﺩﻩ» ،ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﯩﺸﻰ« ﺩﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ» .ﺧﯘﺩﺍ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﻯ«....ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﺪﺍ .ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺧﯘﺩﺍ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺭﺍﺳﺘﻼ ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺑﻮﻟﺴﺎ )ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﺧﯘﺩﺍﻧﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ،ﺩﻩﭖ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﻪﻳﺪﯗ( ﺋﯘ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻣﺪﯗ؟ ﺋﻪﺟﯩﺒﺎ ﺧﯘﺩﺍﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻜﯩﺪﯨﻤﯘ؟.... ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻕ ﻣﯘﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ 18ﻧﻰ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ ،ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﭽﻪ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﻳﯧﺮﯨﻤﻐﯩﭽﻪ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﻪﻙ ﺑﯩﻤﻪﻧﻪ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﺳﻰ ﻛﻪﻟﻤﻪﭘﺘﯘ. -ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ ﺩﯨﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺟﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﯩﻢ ﻳﻮﻕ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﻤﻪﻥ.ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺳﯩﺰ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻏﺎ ﻣﻪﻥ ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﺎﻗﺎﻱ ،ﻗﯧﻨﻰ ﺳﯩﺰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺑﯧﻘﯩﯔ، ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺷﻨﻰ ﺋﻪﻗﻠﯩﯖﯩﺰ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﯩﻦ. -ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﮬﻪﺩﻩ .ﻣﻪﻥ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍﺷﯘﻧﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪﯗ ،ﺩﻩﭖ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ .ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻤﯩﺰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﻨﺪﯗ، ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﺪﯨﻢ .ﺩﯨﻨﯩﻤﯩﺰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺟﯩﻘﺮﺍﻕ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﯩﻠﮕﯜﻡ ﻛﻪﻟﺪﻯ ،ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﯜﻣﻨﻰ ﺑﺎﮬﺎﻧﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺳﯩﺰﺩﯨﻦ ﺳﻮﺋﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻤﻐﺎ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺗﺎﭘﺎﻱ ،ﺩﻩﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺘﯩﻢ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯚﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻱ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺋﯘ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﯓ ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺳﯚﺯ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯘ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﯗﺋﺎﻏﺎ ﻛﯚﺗﯜﺭﺩﻯ »:ﺋﻰ ﺋﺎﻟﻼﮪ! ﺳﯩﯖﻠﯩﻤﻨﻰ ﮬﯩﺪﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻳﻼ! ﺋﻰ ﺋﺎﻟﻼﮪ! ﺳﯩﯖﻠﯩﻤﻨﻰ ﮬﯩﺪﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻳﻼ! ﺋﻰ ﺋﺎﻟﻼﮪ! ﺳﯩﯖﻠﯩﻤﻨﻰ ﮬﯩﺪﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻳﻼ! ﺳﯩﻠﻰ ﮬﯩﺪﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻨﻰ ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﺋﺎﺯﺩﯗﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺯﺩﯗﺭﻏﺎﻧﻨﻰ ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﮬﯩﺪﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﮬﯧﭻ ﺋﯩﺶ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ«. -ﮬﻪﺩﻩ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﮔﻪﭖ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ ،ﺩﯦﺴﻪﻡ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﻪﺧﻤﻪﻕ ،ﺩﻩﭖ ﺯﺍﯕﻠﯩﻖ ﻗﯩﻼﺭﺳﯩﺰﻣﯘ ،ﺩﻩﭖ ﻗﻮﺭﻗﯩﻤﻪﻥ.-ﺩﻩﯓ ،ﺑﻮﻟﺪﻯ ،ﻣﻪﻥ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﺯﺍﯕﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ؟-ﺑﯩﺮﻩﺭ ﮬﻪﭘﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ ،ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﭼﯜﺵ ﻛﯚﺭﯨﻤﻪﻥ .ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺩﻩﺭﯨﺰﯨﻠﯩﺮﻯ ﻳﻮﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺗﯘﺭﻏﯘﺩﻩﻛﻤﻪﻥ ،ﺋﯚﻳﻨﯩﯔﺋﯜﺳﺘﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﯕﻠﯜﻛﺘﯩﻦ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﯩﺮ ﻧﯘﺭ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﺗﯘﺭﻏﯘﺩﻩﻙ .ﻣﻪﻥ ﺩﻩﻝ ﺷﯘ ﻧﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ،ﺋﯘﭼﺎﻣﺪﺍ ﺋﺎﭘﭙﺎﻕ
18
ﻛﯩﻴﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﯘﺩﻩﻛﻤﻪﻥ .ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﭗ ﮬﻪﻳﺮﺍﻧﻼ ﻗﺎﻟﯩﻤﻪﻥ ،ﻣﻪﻥ ﺋﯚﻣﺮﯛﻣﺪﻩ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﺴﺎﻡ ،ﺑﯘ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﺘﯘ، ﺩﻩﭖ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﭼﯜﺵ ﻛﯚﺭﯛﯞﺍﺗﯩﻤﻪﻥ. -ﻣﺎﺷﺎﺋﺎﻟﻼﮪ!! ﻣﺎﺷﺎﺋﺎﻟﻼﮪ!.........ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻱ ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻼﺭﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﻪﻳﻼ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﻯ ﺗﺎﺭﺍﻣﻼﭖ ﺗﯚﻛﯜﻟﻤﻪﻛﺘﻪ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯘ ﺭﻩﺑﺒﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﻪﻣﺪﻟﻪﺭ ﺋﯩﺪﻯ .ﺭﻩﺑﺒﯩﻨﯩﯔ ﺩﯗﺋﺎﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ،ﻣﯜﺷﻜﯜﻻﺗﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ...ﮬﻪﻣﺪ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺗﯚﻛﯜﻟﯜﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﺎﺷﻼﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻕ ﮬﻪﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺋﯜﭺ ﻛﯜﻥ ﺗﯘﺭﺩﻯ ،ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﻳﯩﭙﻴﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﻟﺐ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. »ﮬﻪﺩﻩ ،ﺑﯘ ﻣﯘﮬﯩﺘﺘﯩﻦ ﺑﻪﻙ ﮬﯧﺮﯨﻜﺘﯩﻢ .ﻣﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﻟﻼﮬﺘﯩﻦ ﻣﺎﯕﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺗﯩﻠﻪﭖ ﻗﻮﻳﯘﯓ. ﻣﻪﻧﻤﯘ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﺭﻣﻪﻧﻤﯘ ،ﺩﻩﭖ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﻩﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ«... » ﺧﯧﺘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻰ ﻛﻪﺭﯨﻤﻨﻰ ﺋﺎﭼﺘﯩﻢ .ﺋﺎﭼﻘﯩﻨﯩﻢ ﺩﻩﻝ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ :ﺑﯩﺮ ﻣﯜﺷﻜﯜﻻﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﺎﺭ ،ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻣﯜﺷﻜﯜﻻﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﺎﺭ...ﺳﯩﯖﻠﯩﻢ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺑﻪﺭﺩﺍﺷﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﯔ ،ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ«.... ﺋﯘﻻﺭ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﺧﻪﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﺎﺗﺘﻰ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺧﻪﺗﺘﻪ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻼﻻﻳﺘﺘﻰ. »ﮬﻪﺩﻩ ،ﻣﻪﻥ ﯞﺍﻟﯩﺒﻮﻝ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﺪﻩ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﻨﯩﯔ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ«. »ﮬﻪﺩﻩ ،ﺑﯩﺰ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺪﻩ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪﯗﻕ« »ﮬﻪﺩﻩ ،ﻣﻪﻥ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ ﻧﯘﺗﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﻪﺵ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﯩﻢ .ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ«... ﮬﻪﺭﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﺕ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﯞﺍﻟﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻱ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﭼﯚﻣﻪﺗﺘﻰ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﻰ ﮬﻪﺭ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﻗﯩﺰ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﯧﻐﯩﺪﯨﻼ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﮔﯧﺰﯨﺖ-ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺩﻩﺭﺳﺘﻪ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ،ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺗﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﯨﻼ ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻱ» ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﯖﻠﯩﻢ ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻣﯘﺳﻠﯩﻤﻪﺩﻩﻙ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﻪﻟﻪﻳﺘﺘﻰ« ﺩﻩﭖ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﻣﺎﻧﺎ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﭖ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
19
ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺷﻪﮬﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ .ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻱ ﺗﻪﺗﯩﻠﺪﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﻳﺘﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ .ﺋﯘ ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜﯞﯦﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﻰ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﻪﮬﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﺪﻯ .ﺋﺎﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﭘﻮﻳﯩﺰ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﯩﺴﯩﺴﺪﺍ ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻳﻨﯩﯔ ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺴﯩﺰ :ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﻛﯚﻛﯜﭺ ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ،ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﺳﯩﻴﺮﯨﻠﯩﭗ ﭼﯧﭽﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻤﻰ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﻗﺎﭘﺘﯘ ،ﺋﯘﭼﯩﺴﯩﺪﺍ ﻗﺎﺭﺍ ﺭﻩﯕﻠﯩﻖ ﭘﺎﺩﯨﭽﯩﻼﺭ ﭼﺎﭘﯩﻨﻰ ،ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﻰ ﺋﺎﭘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺟﯧﺪﻩﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﺑﯘ ﭼﺎﭘﺎﻧﻨﻰ ﮬﯧﻴﺘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ،ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﭘﺎﺩﯨﭽﯩﻼﺭ ﺭﻩﺧﺘﯩﺪﯨﻦ ﺗﯩﻜﯩﻠﮕﻪﻥ ﻳﻮﭘﻜﺎ ،ﭘﯘﺗﯩﺪﺍ ﺗﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺋﺎﻳﯩﻘﻰ .ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯘﭼﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺳﻠﯩﻤﻪ ﻗﯩﺰﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ،ﺋﯘ ﺋﻮﺭﺍﻧﻐﺎﻧﯩﺪﻯ ،ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﻪﺩﻩﻣﻨﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ .ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﺎﺭﺍ-ﺑﺎﺭﺍ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ .ﺑﺎﺭﺍ-ﺑﺎﺭﺍ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ..... ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻱ ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭘﻼ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯧﺘﯩﻠﺪﻯ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﮬﻪﺩﯨﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭘﻤﯘ ﻗﻮﻳﻤﺎﻱ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺵ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻳﺎﻏﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯜﺯﻩﺷﺘﯜﺭﻣﻪﻛﺘﻪ ﺋﯩﺪﻯ .ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻱ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ،ﻳﺎﻏﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯜﺯﻩﭖ ﭼﯩﮕﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻣﺎﯕﻼﻱ ﭼﺎﭼﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﻏﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. -ﺋﻪﺳﺴﺎﻻﻣﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯘﻡ.-ﯞﻩﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯘﻡ ﺋﻪﺳﺴﺎﻻﻡ ،ﮬﻪﺩﻩ--،ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘ ﭼﯘﯕﯘﻟﺪﺍﭖ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ--،ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﺭﯨﻨﯩﻤﻪﻥ ،ﺩﻩﭖﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻮﭘﻜﺎ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ .ﭘﻮﻳﯩﺰﺩﺍ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺑﺎﻗﺴﺎﻡ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﻪﯞﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﻛﯚﺭﺳﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ ،ﺷﯘﯕﺎ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﺎﺭﺍﻱ ،ﺩﻩﭖ ﭘﻮﻳﯩﺰﺩﯨﻼ ﺋﻮﺭﯨﻨﯩﯟﺍﻟﺪﯨﻢ ،ﺑﻮﭘﺘﯩﻤﯘ. ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﯩﻨﯩﺪﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﭘﻪﺭﺩﻩ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﯩﺪﻯ ،ﻣﺎﻧﺎ ﺋﻪﻣﺪﯨﻠﯩﻜﺘﻪ ﺋﯘ ﭘﻪﺭﺩﻩ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻏﺎﻳﯩﺐ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﺪﻩﻙ ،ﻳﺎﻕ ،ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﮬﻪﺳﺴﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﮬﻪﻣﺸﯩﺮﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻧﯩﺪﻯ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻗﺎﻥ-ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ ﺋﯩﺪﻯ. -ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺩﺍﺩﺍﻡ-ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺑﯩﺮ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﻤﯩﺪﯨﻤﯘ؟-ﺩﯦﻤﻪﻱ ﻗﺎﻻﻣﺪﯗ ،ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﯧﺘﯩﯟﺍﺗﺴﺎﻡ...--ﻧﯧﻤﻪ؟ ﺳﯩﺰ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﻪﺗﺘﯩﯖﯩﺰﻣﯘ؟--ﺩﯦﺪﻯ ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻱ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﯚﻟﯜﭖ ،ﻛﯜﻟﮕﯩﻨﯩﭽﻪ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻕ
20
ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﻪﺭﻛﯩﻠﻪﭘﻼ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ،ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﻱ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺗﺎﺱ ﻗﺎﻻﺗﺘﻰ ﭘﺎﻳﭙﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯﻯ ﻳﯘﻳﯘﭖ ﺑﻪﺭﮔﯩﻠﻰ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﻪﺗﺘﯩﻢ ،ﺩﯦﮕﯩﻨﻰ ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻳﻐﺎ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻗﯩﺰﯨﻘﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯘﻳﯘﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. -ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ،ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻐﺎ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯨﻐﺎﻥ ،ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺳﯩﺰﻣﯘ ﺑﯩﻠﯩﺴﯩﺰ ﺋﺎﭘﺎﻡ ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﻯﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺪﺍ ﺑﻪﻙ ﮬﯧﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ .ﺷﯘﯕﺎ ﺩﺍﺩﺍﻡ-ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﯜﭼﻪ ﻗﯩﻼﻟﯩﻐﯩﻨﯩﻤﭽﻪ ﺗﺎﻣﺎﻗﻘﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﯩﻢ. ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﯧﺘﯩﯟﺍﺗﺴﺎﻕ ﺋﺎﭘﺎﻡ ،ﺑﺎﻻﻡ ،ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﺪﯨﯖﯩﺰ ،ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯩﺮﺳﻪﻙ ﺳﻪﻧﺪﻩﻝ)ﺳﺎﭘﻤﺎ ﻛﻪﺵ(ﻧﻰ ﺳﯘﻧﯘﭖ ،ﺋﺎﭘﺎ ﭼﺎﻱ ﺋﯩﭽﯩﯔ ،ﺩﺍﺩﺍ ﺩﻭﻏﺎﭖ...ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﭙﺴﯩﺰﻏﯘ؟ ﻛﯜﻥ ﻧﻪﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ؟ ﺩﯦﺪﻯ .ﻣﻪﻥ ،ﺋﺎﭘﺎ ،ﺭﺍﺳﺘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﯖﻪ ،ﻗﯩﺰﯨﯖﯩﺰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯩﻤﯘ ،ﺩﯦﺴﻪﻡ ،ﮬﻪﺋﻪ ﺩﯦﺪﻯ .ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﭘﺘﯩﻜﻪﻥ ،ﺩﯦﺴﻪﻡ ﭼﯩﺮﺍﻳﻰ ﺋﯚﯕﯜﭘﻼ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﻛﻪﭼﺘﻪ ﻳﺎﺗﺎﻕ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺗﻮﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﺗﺴﺎﻡ ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺳﯩﺮﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺩﺍﺩﺍﻣﻐﺎ »ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﻤﯘ ﭼﻮﯕﯩﻨﻰ ﺩﻭﺭﺍﭖ ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﭘﺘﯘ ،ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ﻗﯩﻼﺭﻣﯩﺰ؟ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻗﺎﺗﺘﯩﻘﺮﺍﻕ ﭼﺎﺭﻩ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﯩﺴﺎﻕ ﺑﯘﻻﺭ ﭘﺎﺗﻘﺎﻗﻘﺎ ﭘﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﯦﺮﯨﺪﯗ« ﺩﻩﯞﺍﺗﯩﺪﯗ .ﺋﻪﺗﯩﺴﯩﻼ ﭼﺎﻣﺎﺩﺍﻧﯩﻤﻨﻰ ﺋﺎﺧﺘﯘﺭﯗﭖ ﺟﻪﻳﻨﺎﻣﺎﺯ ﯞﻩ ﻧﺎﻣﺎﺯﻟﯩﻖ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﭘﺘﯘ .ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻪ ﺑﻪﻙ ﻗﯩﻴﻨﺎﻟﺪﯨﻢ ،ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﺎﻱ ﺩﯦﺴﻪﻣﻼ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ. -ﻧﺎﻣﺎﺯﻟﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﺴﯩﺰ؟-ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ .ﺋﺎﺧﺸﯩﻤﻰ ﻗﻮﯕﻐﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖ ﻗﻮﻳﺴﺎﻡ ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ،ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯘﺧﻠﯩﻐﯩﭽﻪﺳﺎﻗﻼﭖ ﺧﯘﭘﺘﻪﻧﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﻟﯩﻤﻪﻥ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﺩﻩﻡ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﻮﻗﯘﺳﺎﻡ ،ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ ﺑﺎﻣﺪﺍﺕ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﻣﺪﺍﺗﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﻟﯩﻤﻪﻥ .ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﺎﻣﺎﺯﻻﺭﻧﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﺩﯗﻡ .ﺷﻪﻧﺒﻪ ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ ﺑﻪﺯﻯ ﻧﺎﻣﺎﺯﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﻗﺎﺯﺍ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ.... ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻗﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﺭﺍﻧﺪﻯ ،ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯩﻠﺒﺎﺏ ﻛﯩﻴﯩﺸﻨﯩﻤﯘ ﺋﯚﮔﻪﻧﺪﻯ .ﮬﻪﺵ-ﭘﻪﺵ ﺩﯦﮕﯜﭼﻪ ﻗﯩﺸﻠﯩﻖ ﺗﻪﺗﯩﻞ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﺘﻰ .ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻱ ﺗﻪﺗﯩﻠﺪﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻓﺎﺗﯩﻤﻪﻧﻰ ﻳﻮﻗﻼﭖ ﻛﯩﺮﺩﻯ. -ﺋﺎﺩﺍﺵ ،ﻣﻪﻥ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺳﺎﮬﺎﺑﯩﻼﺭﻏﺎ ،ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﻣﻨﻰ ﻣﻪﻛﻜﻪ ﻛﯘﭘﭙﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﺘﯩﭗﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯩﻜﻪﻧﻤﻪﻥ .ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﺸﺴﺎﻡ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﯚﺯﻩﻣﻨﻰ ﺟﯩﮫﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﯩﻢ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭘﻼ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯩﻜﻪﻧﻤﻪﻥ .ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺷﯘﻧﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻤﻜﻰ ،ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ
21
ﺭﻩﻧﺠﯩﻴﻪﻟﻤﯩﮕﯜﺩﻩﻛﻤﻪﻥ ،ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻛﯚﺭﮔﯩﻦ ،ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺳﺎﻗﭽﻰ ،ﺋﯘ ﺗﯜﺭﻣﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺳﻮﻻﻧﻐﺎﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﻳﺎﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ،ﺑﯩﺮ ﺩﺍﺩﺍ ﺋﯚﺯ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﺎ ﭼﯩﺪﺍﭖ ﺗﯘﺭﺍﻻﻣﺪﯗ؟ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ،ﺟﺎﻥ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻜﯩﺪﻩ ،ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﻗﺎﺯﺍﺳﯩﺪﯨﻦ ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻗﯘﺗﯘﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﯘﻧﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﻪﺗﺘﯩﻤﯘ؟ ﻗﺎﺭﺍ ،ﺩﺍﺩﺍﻡ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﯜﭺ ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻻﻱ ﺩﯦﺪﻯ ،ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻳﺪﯗ .ﻣﻪﻥ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺷﯘﻧﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﻨﯩﻤﯘ ﻳﻮﻕ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭙﺘﯩﻤﻪﻥ. ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻧﯧﻤﯩﻼ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ،ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﯓ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﺎﯞﺍﺑﻼﺷﻤﺎ .ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﻘﯩﻦ.... ﮬﻪﺩﻩ-ﺳﯩﯖﯩﻞ ﺋﯩﻜﻜﯩﻴﻠﻪﻧﻨﯩﯖﻼ ﺋﻮﺭﯨﻨﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻳﻼ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻱ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺗﯩﻚ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭘﻤﯘ ﻗﺎﺭﯨﻴﺎﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ .ﻳﻪﻧﻪ ﻓﺎﺗﯩﻤﻪﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﻧﯧﻤﯩﻼ ﺩﯦﺴﯩﻤﯘ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﺎﯞﺍﺑﻼﺷﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺪﻯ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻕ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﺴﻪ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯕﻼ ﺩﯦﻴﯩﺸﻪﺗﺘﻰ: -ﻣﻪﻥ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﯩﯖﻨﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺋﻮﻗﯘﺳﯘﻥ ،ﺩﻩﭖ ﺋﻪﯞﻩﺗﺘﯩﻢ ،ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﻴﯩﻨﺴﯘﻥ ،ﺩﻩﭖ ﺋﻪﯞﻩﺗﻤﯩﺪﯨﻢ!-ﺩﺍﺩﺍ ،ﻛﯩﻴﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ؟ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺩﻩﺭﺳﺘﻪ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﻗﯩﺰ ﻛﯩﻴﯩﻤﻨﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺯﻛﯩﻴﯩﺪﯨﻐﯩﻨﻰ.... -ﺗﻮﻻ ﮔﻪﭖ ﻳﻮﺭﻏﯩﻼﺗﻤﺎ! ﺑﯘ ﻛﯩﻴﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﻜﺎﺭﻻ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﻴﯩﯟﺍﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺴﻪﻥ؟ ﻧﺎﻣﺎﺯﭼﯘ؟ ﺩﻩﺭﺳﻜﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﻪﻣﺪﯨﻜﻪﻥ؟-ﺑﻪﺵ ﯞﺍﻕ ﻧﺎﻣﺎﺯﻏﺎ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋﻪﺗﻤﯘ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ .ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺩﻩﻡ ﺋﺎﻟﺴﺎﻣﻤﯘ ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺪﯗ؟ ﻣﻪﻥ ﻳﺎ ﺧﻪﻗﺘﻪﻙﺩﯦﺴﻜﻮﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ،ﻗﺎﯞﺍﻗﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﺎﺭﻣﯩﺴﺎﻡ. -ﺩﺍﺩﺍﯓ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﺗﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﻧﻪﺩﯨﻦ ﺋﯚﮔﻪﻧﺪﯨﯔ؟-ﺳﻮﺋﺎﻝ ﺳﻮﺭﺍﯞﺍﺗﺴﯩﯖﯩﺰ ،ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻪﺭﻣﯩﺴﻪﻡ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﻣﯚﯕﻠﯩﺸﯩﭗ② ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ ﺳﻮﺋﺎﻟﻐﯩﻤﯘ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻪﺭﻣﻪﺱ ﺑﻮﻟﯘﺷﯘﭖﻛﯧﺘﯩﭙﺴﻪﻥ ،ﺩﻩﺭﺳﯩﺰ ﮬﻪﻗﯩﭽﺎﻥ. -ﻳﻪﻧﻪ ﺗﻪﯓ ﺗﯘﺭﻩ!-ﯞﺍﻳﺠـــــﺎﻥ ،ﺩﺍﺩﺍ ،ﻧﯧﻤﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺴﯩﺰ؟-ﺑﯩﻠﯩﺸﻪﻣﺴﻪﻥ ،ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺷﺎﻡ ﻳﻮﻕ؟ ﻣﻮﻟﻼ ﺑﯩﻠﻪﻥ! ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﺎﻕ ،ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔﮬﯚﺭﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﻮﻟﻼ ﺑﺎﺭﻣﯩﻜﻪﻥ؟ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯚﻳﯩﺪﻩ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺗﺎﻻﺩﺍ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳﻜﯩﻠﯩﻜﻰ ﻳﻮﻕ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭ .ﺑﯘ
22
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﻣﻮﻟﻠﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ. ﮬﻪﺩﻩ-ﺳﯩﯖﯩﻞ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﺴﻰ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﻴﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺩﯦﮕﯜﺳﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﻩﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﻰ .ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺭﺍﺳﺘﻼ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ ،ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯩﺮﻩﺭ-ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻳﻮﻕ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ .ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯘﺭﯗﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﻰ. -ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﺎ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﯔ ﺋﺎﯞﯗ ﺑﯧﺸﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ،ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ﭼﯩﮕﻤﻪﻳﻤﻪﻥ ،ﺩﻩﭖ ﯞﻩﺩﻩ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻣﺎﯕﯩﺴﻪﻥ .ﻳﺎﮬﯧﭽﻨﻪﮔﻪ ﺑﺎﺭﻣﺎﻱ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﺴﻪﻥ ،ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻤﯘ ﺋﻮﻗﯘﺗﻤﺎﭘﺘﯩﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ! ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻗﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﮔﯧﭙﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﺎﭼﯩﺘﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﺳﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻼ ﺋﯘﻻﺭ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻰ .ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﻰ »ﺋﻮﻥ ﺋﻮﻏﯘﻟﻐﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻜﯜﺳﯩﺰ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻢ« ﺩﻩﭖ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﭗ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺷﺎﭘﯩﻼﻕ ﺳﯧﻠﯩﺸﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﺶ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ ،ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﻩﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .ﺋﻪﺟﯩﺒﺎ ،ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺭﺍﺳﺘﻼ ﻗﺎﻳﺘﺎﻟﻤﺎﺳﻤﯘ؟ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻗﺎﻳﺘﺎﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﯘ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺋﻮﺭﯗﻧﯘﺷﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺋﻮﻗﯘﺷﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﭼﻮﯓ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ....
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ ① ﮬﺎﻳﻠﻰ ﺑﺎﺭ—ﻳﻪﻧﻪ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺑﺎﺭ ،ﺗﯧﺨﻰ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﺪﻩ. ②ﻣﯚﯓ—ﺩﯙﺕ ،ﮔﻪﭘﻜﻪ ﻻﻳﯩﻘﯩﺪﺍ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﮔﯧﭙﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﻳﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ ،ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻣﻪﻧﯩﺪﻩ.
23
ﮬﻪﻣﺸﯩﺮﯨﻠﻪﺭ )( 3 -10ﺋﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺗﻪﺗﯩﻠﺪﻩ ﺩﯨﻠﻨﯘﺭ ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻓﺎﺗﯩﻤﻪﻧﻰ ﻳﻮﻗﻼﭖ ،ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺷﻪﮬﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﺪﻯ .ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﻯ ﺋﯘ ﻳﻪﺭ ﺑﯘﻳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﻛﻪﭼﺘﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺳﯚﮬﺒﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜﻙ ﺋﯜﭺ ﻛﯜﻧﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﺩﻯ ،ﺗﻪﺗﯩﻞ ﺗﻮﺷﯘﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯚﺕ ﻛﯜﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. -ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻳﻮﻗﻼﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺑﻪﻝ ﺧﻮﺵ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﺘﯩﯖﯩﺰ .ﺷﯘﻏﯩﻨﯩﺴﻰ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻣﻪﻥ ﮬﻪﻣﺮﺍﮪ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥﺑﻮﻟﺪﯗﻡ .ﮬﻪﻣﺸﯩﺮﻩﻡ ،ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺳﯩﯖﻠﯩﻤﻨﻰ ﻳﻮﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺮﻩﻙ ،ﺳﯩﯖﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻰ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ. -ﺳﯩﯖﻠﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ؟-ﺩﻩﭖ ﻛﻪﻟﺴﻪﻡ ﮔﻪﭖ ﺋﯘﺯﯗﻥ--،ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻱ ﮔﯧﭙﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ--،ﻗﯩﺸﻠﯩﻖ ﺗﻪﺗﯩﻠﺪﻩ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻥ ﭼﯧﻐﯩﻤﯩﺰﺩﺍﺋﯚﻳﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﺷﯩﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺋﻮﺭﯗﻧﯘﭖ ﻳﯜﺭﯛﺷﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺑﻪﻛﻼ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺳﯩﯖﻠﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﺎﻳﺎﻗﻤﯘ ﻳﯧﺪﻯ ،ﮬﻪﻱ ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﺎ ﺋﯩﭽﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻠﻼ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ .ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺗﻮﻻ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰ ﺑﯧﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﭘﻮﺳﻤﺎ ﻛﯩﻴﯩﭗ ،ﺑﻮﻳﻨﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺷﺎﺭﭘﺎ ﺋﻮﺭﺍﭖ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﯚﻳﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺍﻧﻼ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﻟﺪﯗﻕ .ﺑﯩﺮ ﻣﻪﯞﺳﯜﻡ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺗﯧﻠﯩﻔﻮﻥ ﻗﯩﻠﺴﺎﻕ ﺋﺎﻟﻤﺎﻱ ،ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﻮﭘﺎﻝ ﺗﯧﮕﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺧﯧﻠﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺋﯩﺪﯗﻕ-5 .ﺋﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺩﻭﺳﺘﻰ ﺳﯩﯖﻠﯩﻢ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺷﻪﮬﻪﺭﮔﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ ،ﺳﯩﯖﻠﯩﻤﻨﻰ ﻳﻮﻗﻼﭘﺘﯘ .ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺳﯩﯖﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙﯩﻨﻰ ﻗﯩﭙﺘﯘ .ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﯦﺪﻯ ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ ،ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﯘﺩﺍ ﺋﯜﭺ ﻛﯜﻧﮕﯩﭽﻪ ﺗﯜﺯﯛﻙ ﺋﯘﺧﻠﯩﻴﺎﻟﻤﺎﭘﺘﯘ .ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺳﯩﯖﻠﯩﻤﻐﺎ ﺗﯧﻠﯩﻔﻮﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ »ﻳﺎ ﺑﯧﺸﯩﯖﺪﯨﻦ ﻳﺎﻏﻠﯩﻘﯩﯖﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺴﻪﻥ ،ﻳﺎ ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﺑﺎﺳﻤﺎﻳﺴﻪﻥ ،ﺳﻪﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﺰﯨﻢ ﻳﻮﻕ« ﺩﻩﭘﺘﯘ .ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﻣﻪﻥ ﺗﯧﻠﯩﻔﻮﻥ ﻗﯩﻠﺴﺎﻣﻤﯘ ﺩﺍﺩﺍﻡ -ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﺴﻰ ﺗﯧﻠﯩﻔﻮﻧﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. -ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻣﯘ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﯨﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻨﺪﯗ ،ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﯜﺭﯛﺷﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ،ﻟﯧﻜﯩﻦﺧﻪﻗﻨﯩﯔ ﮔﻪﭖ-ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ .ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻗﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻜﯩﻦ ،ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﯩﺶ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻜﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺧﻪﻗﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺑﻪﻙ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻧﻤﯩﺰ.
24
-ﺷﯘﻧﻰ ﺩﯦﻤﻪﻣﺴﯩﺰ ،ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ﭼﯩﮕﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﭘﺘﯘ ،ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﻪﭖ ﺑﯩﺮﺩﻩﻣﺪﯨﻼ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﭘﯘﺭ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥﭼﯧﻐﻰ ،ﻛﯩﻤﻼ ﺋﯘﭼﺮﯨﺴﺎ ﺋﺎﭘﺎﻣﻐﺎ »ﺑﯘ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ ،ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻧﯧﻤﺎﻧﺪﺍﻕ ﻏﻪﺭﻩﺯ ﺋﯘﻗﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﺪﯗ« ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﯜﺩﻩﻙ. ﺗﯧﺨﻰ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ» ﻗﯩﺰﻻﺭﻏﺎ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﯗ؟ ﺑﯩﺮﻩﺭﻯ ﺑﻮﺯﻩﻙ ﻗﯩﭙﺘﯩﻤﯘ؟ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﯩﻐﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯗ؟« ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ .ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻨﯩﻤﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﻧﻪﺳﯩﮫﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯧﻠﯩﻔﻮﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﺎﻣﻤﺎﻣﺪﯨﻦ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯨﻢ .ﻗﺎﺭﺍﯕﻪ ،ﻳﺎﻗﯩﻼﺭ ﺋﯧﺘﻪﻙ ﺑﻮﻟﺪﻯ ،ﺋﯧﺘﻪﻛﻠﻪﺭ ﻳﺎﻗﺎ ﺑﻮﻟﺪﻯ ،ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﯘﺩﻩ .ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﺎﺯﻟﯩﻖ ﺗﻪﺗﯩﻞ ﺑﻮﻟﺪﻯ ،ﺳﯩﯖﻠﯩﻢ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻤﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﯞﯦﺪﻯ، ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﭼﻮﯕﺮﺍﻕ ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺷﯘ ﺗﻪﺗﯩﻠﺪﻩ ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺋﯚﻳﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻤﯩﺰﻧﯩﻤﯘ ﺋﯜﺯﯛﯞﻩﺗﻜﻪﭼﻜﻪ ﻣﻪﻥ ﺗﻪﺗﯩﻞ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻮﺭﺳﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯧﻘﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﯩﻢ .ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﻳﺎﺗﺎﻗﻘﺎ ﻛﯩﺮﺳﻪﻡ ﺳﯩﯖﻠﯩﻢ ﻳﻪﺭﺩﯨﻼ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﯞﺍﭘﺘﯘ ،ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ .ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﺪﯨﯖﯩﺰ ،ﺩﯦﺴﻪﻡ ﭘﯘﺗﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ، ﭘﯘﺗﻰ ﺋﯩﺸﺸﯩﭗ ﭘﯘﺗﺒﻮﻟﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﻜﻪﻥ ،ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ .ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﺪﯨﯖﯩﺰ ،ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﺭﯗﯞﺍﻟﺪﯨﯖﯩﺰﻣﯘ ،ﺩﯦﺴﻪﻡ ﻳﺎﻕ، ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ ،ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﭘﯘﺗﯘﻡ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺋﺎﻏﺮﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ ،ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﺪﯨﻜﯩﻦ ،ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﺪﯨﻤﻴﯘ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻮﯕﺸﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻻﺭ ،ﺩﻩﭖ ﻛﺎﺭﯨﻤﻨﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﻳﯜﺭﯛﯞﯦﺮﯨﭙﺘﯩﻤﻪﻥ .ﺑﺎﻳﺎ ﺑﻪﻙ ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﺩﻩﻣﺪﯨﻼ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﺩﻩﻳﺪﯗ .ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ،ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ ﺟﯘﯕﻴﻰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ ،ﻳﯧﻨﯩﻤﺪﺍ ﺑﺎﺭ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺗﯚﻟﻪﭖ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻏﺎ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﯩﻢ .ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﻛﯚﺭﯛﭘﻼ ﻳﺎﺗﺎﻗﻘﺎ ﺋﺎﻟﻤﯩﺴﺎﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ،ﺩﯦﺪﻯ .ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﺳﯩﯖﻠﯩﻢ ﭘﯘﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﯘﺧﻠﯩﻴﺎﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ... -ﻧﯧﻤﻪ ﻛﯧﺴﻪﻟﻜﻪﻥ؟--ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭖ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﯚﻟﺪﻯ ﺩﯨﻠﻨﯘﺭ.-ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻧﻼ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﺴﻪﻟﻜﻪﻥ ،ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻠﯩﻨﯩﭙﺘﯘ ،ﺩﻩﻳﺪﯗ .ﭘﯘﺗﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﻗﯩﻠﺴﯩﻼ ﭘﯘﺗﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯩﺸﺸﯩﭗﻛﯧﺘﻪﺗﺘﻰ ،ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻴﻨﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﻰ ﺋﯚﺭﻩ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﻮﻗﯘﻳﺘﺘﻰ» .ﺋﯚﺭﻩ ﺗﯘﺭﺍﻻﻳﻤﻪﻧﻐﯘ ،ﮬﻪﺩﻩ! ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﯞﺍﻟﺴﺎﻡ ﺑﻮﻻﺭﻣﯘ؟« ﺩﻩﻳﺘﺘﻰ ،ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﻳﺎﺷﻼﺭ ﻗﯘﻳﯘﻻﺗﺘﻰ .ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻥ ﻳﺎﺗﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﺎﺗﯩﻘﯩﻤﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ ،ﭘﯘﻝ ﺗﯚﻟﻪﻱ ﺩﻩﭖ ﺑﺎﺭﺳﺎﻡ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﺳﯩﯖﻠﯩﯖﻨﯩﯔ ﻳﺎﺗﺎﻕ ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﻯ ﺗﯚﻟﯩﯟﻩﺗﺘﻰ ،ﺩﻩﻳﺪﯗ .ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺯﺍﺩﻯ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﯩﺪﯨﻢ .ﺳﯧﺴﺘﯩﺮﺍﺩﯨﻦ ﺳﻮﺭﯨﺴﺎﻡ ،ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ﭼﯩﮕﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯘﻳﺰﯗ ﺋﺎﻳﺎﻝ ،ﺩﻩﻳﺪﯗ .ﺳﯩﯖﻠﯩﻢ ﻳﺎﺗﺎﻗﺘﺎ ﻳﺎﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯚﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺧﯘﻳﺰﯗ ﮬﻪﺩﯨﻠﻪﺭ ﻓﺎﺗﯩﻤﻪﺩﯨﻦ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﻳﻮﻗﻼﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﻜﻪﻥ ،ﺷﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺳﻮﺭﯨﺴﺎﻡ ﮬﯧﭽﻘﺎﻳﺴﯩﺴﻰ ﺩﯦﮕﯩﻠﻰ ﺋﯘﻧﯩﻤﯩﺪﻯ.
25
-ﻣﺎﺷﺎﺋﺎﻟﻼﮪ!! ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻛﯩﻤﻼ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺷﯘ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺋﻪﺟﯩﺮ ﺑﻪﺭﺳﯘﻥ! ﺋﺎﻣﯩﻦ! ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔﺑﻪﻧﺪﯨﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﺴﯩﺰ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ .ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺰ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﺳﺎﻕ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ .ﺳﯩﯖﻠﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﻪﻙ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﻳﯧﺮﯨﻤﺪﯗ ﮬﻪ؟ -ﻛﯚﯕﻠﻰ ﻳﯧﺮﯨﻤﺪﯗ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺭﻭﮬﯩﻲ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ .ﻓﺎﺗﯩﻤﻪﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﺩﺍﺋﯩﻢﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻤﯩﺰﻏﯩﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻻﺭ ﮬﻪﺩﻩ ،ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﻳﻠﻰ ،ﺩﻩﭘﻼ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. -ﻓﺎﺗﯩﻤﻪ ﺋﯚﻳﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺮﺍﻕ ﺋﯚﺗﯜﯞﺍﺗﯩﺪﯗ؟-ﮬﻪﻱ ،ﺑﻮﻟﺪﯨﻼ ،ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻨﻼ ﺳﻮﺭﺍﯓ .ﺳﯩﯖﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﭘﯘﺗﻰ ﺗﯧﺨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ.ﺟﯩﻖ ﻳﻮﻝ ﻣﺎﯕﺴﺎ ﭘﯘﺗﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺋﯩﺸﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ .ﺷﯘﯕﺎ ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﺑﯘ ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻤﯘ ﻳﺎﺗﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ .ﻣﻪﻥ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺳﯩﯖﻠﯩﻤﻐﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯜﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﮬﻪﻣﺮﺍﮪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﻠﻪﻱ. -ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺳﯩﯖﻠﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻳﻮﻗﻠﯩﺴﺎﻡ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ،ﻣﻪﻥ ﺑﺎﺭﺳﺎﻡﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﻱ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻱ ﻗﯩﻴﻨﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻻﺭﻣﯩﺰ ﮬﻪﻗﯩﭽﺎﻥ. -ﺳﯩﺰ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻳﺎﺗﯩﻘﯩﻤﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﯞﯦﺮﯨﯔ .ﻓﺎﺗﯩﻤﻪﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻳﻮﻕ ،ﺳﯩﺰﮔﻪ ﮬﻪﻣﺮﺍﮪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﻮﻳﻨﯩﺘﯩﺪﯗ .ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﺘﺎﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﯩﺰﻻﺭﻣﯘ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﻳﻨﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ،ﺩﻩﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ. -ﺑﯘﻧﻰ ﺳﯩﯖﻠﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﯔ ،ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻥ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ ،ﻻﺯﯨﻢ ﻗﯩﻼﺭ--،ﺩﯨﻠﻨﯘﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﭺ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩﺪﯨﻦ 400ﻳﯘﻩﻥ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﻪﯕﻠﯩﺪﻯ. -ﻳﺎﻕ ،ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎﯓ....-ﺋﯧﻠﯩﯔ ،ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﻛﯚﯕﻠﯜﻡ .ﻳﺎ ﺳﯩﯖﻠﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﺋﯚﺯﻯ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﻩﺭﺳﯩﺰ .ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗﻗﺎﻟﯩﺪﯗ .ﮬﻪ ﺭﺍﺳﺖ ،ﮬﺎﺯﯨﺮ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺴﯩﻠﻪﺭ؟ -ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﭘﯘﻟﯩﻤﯩﺰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ ،ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺷﯘﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ .ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﮬﺎﻣﻤﺎﻡ 1000ﻳﯘﻩﻥﭘﯘﻝ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻪﻥ ،ﺋﯘ ﺗﯜﮔﯩﺴﻪ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯧﺮﻩﺭ--،ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻳﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯ ﭼﺎﻧﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺑﯘﺭﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﻰ ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. -ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﯨﻤﻪﯓ ،ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﺎﻟﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﯧﻨﻰ ﻳﺎﺕ ﻛﯚﺭﻣﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ،ﻣﻪﻥ ﭘﯘﻝ ﺑﯧﺮﻩﻱ ،ﺷﯘﻧﻰﺧﻪﺟﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﯗﯕﻼﺭ...
26
-ﻳﺎﻕ ،ﺳﯩﺰﻣﯘ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ...-ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺋﺎﻛﺎﻣﻨﯩﯔ ﭘﯘﻟﻰ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﺎﻛﺎﻣﻐﺎ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ﺋﺎﻛﺎﻡ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺧﻮﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﻮﺷﯘﻟﯩﺪﯗ .ﺋﺎﻛﺎﻡﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﮔﯩﻨﯩﺪﺍ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻱ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﭼﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻛﯩﭽﯩﻜﺮﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﯞﺍﻟﺪﻯ ،ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ ،ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ .ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﻱ ﻧﻪﮔﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯗ؟ ﺩﯨﻠﻨﯘﺭ ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻳﻨﯩﯔ ﺳﻮﻣﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﺸﺘﯘﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﭺ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ: ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﻳﺎﺯﻟﯩﻖ ﺗﻪﺗﯩﻠﺪﻩ ﺋﯘﻣﯘ ،ﻓﺎﺗﯩﻤﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻧﯩﺪﻯ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻏﯩﻨﯩﻐﺎ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﺍﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﯩﺰﻣﯘ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻼﻻﻳﺴﯩﺰ .ﺋﯘ ﺋﺎﭘﺘﻮﺑﯘﺳﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﯩﺸﯩﮕﻪ ﻧﯧﺮﯨﻘﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﻪ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﯕﮕﻰ ﺋﯚﯕﯜﭘﻼ ﻛﻪﺗﺘﻰ ،ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭘﻤﯘ ﻗﻮﻳﻤﺎﻱ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ»ﺑﺎﻻﻡ ،ﺑﯘ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ؟!« ﺩﻩﭖ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﺎﻛﯩﺴﯩﻼ ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘﭼﺎﻗﻼﭖ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﯞﺍﻟﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺗﻪﺗﯩﻞ ﺑﻮﻳﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﺭﺍﻣﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ .ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﭘﺎ-ﺗﻪﻧﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺳﯩﻨﯩﻘﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ،ﻣﯘﺷﯘ ﻛﯚﺭﯛﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺋﻪﺟﯩﺮ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﻗﻪﻟﺒﻰ ﻳﻮﺭﯗﭖ ،ﺭﻭﮬﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﯜﭘﻼ ﻗﺎﻻﺗﺘﻰ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻛﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﺸﺘﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺧﻮﺷﻨﯩﻼﺭ ﻛﯩﺮﺳﯩﻤﯘ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﯚﻛﯜﭖ ،ﮬﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﻪﻱ ﻳﯜﺭﯛﭖ ،ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﺎﻱ ﺗﻪﺗﯩﻠﻨﻰ ﺗﻪﺳﻠﯩﻜﺘﻪ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺧﻮﺷﻤﯘ ﺩﯦﻤﻪﻱ ﺗﻪﺗﯜﺭ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﺘﻰ .ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﯞﺳﯜﻡ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺋﯚﺗﺘﻰ .ﻗﯩﺸﻠﯩﻖ ﺗﻪﺗﯩﻞ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺗﯧﻠﯩﻔﻮﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺗﯧﺰ ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯨﺪﻯ. ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﺑﯘﺱ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺪﻩ ﻛﯜﺗﯜﯞﺍﻟﺪﻯ ،ﻗﺎﭘﯩﻘﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﺎﭼﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﮔﻪﭘﻤﯘ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺋﯘﻧﻰ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ .ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﯘﭼﺎﻗﻼﭘﻤﯘ ﻗﻮﻳﻤﯩﺪﻯ ،ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﺳﻮﻣﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﯩﺪﻯ ،ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﺪﻩﻙ ﺋﺎﺵ ﻛﯚﻛﻰ ﭘﯘﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻣﯧﺰﯨﻠﯩﻚ ﭼﯚﭼﯜﺭﻩ ،ﮬﯧﭽﺒﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﭘﯩﻴﺎﻟﻪ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﭼﺎﻳﻤﯘ ﻗﻮﻳﻤﯩﺪﻯ .ﺋﯘ ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﻖ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺗﯧﺨﻰ ﻳﯜﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﻳﯘﻳﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﺩﻯ:
27
-ﺑﯘ ﻳﺎﻗﻘﺎ ﭼﯩﻖ! ﺳﺎﯕﺎ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﯧﭙﯩﻢ ﺑﺎﺭ!—ﺋﯘ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻟﭙﺎﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻗﻮﺭﻗﯘﻣﺴﯩﺮﺍﭖ ﺗﺎﺷﻘﺎﺭﻗﻰﺋﯚﻳﮕﻪ ﭼﯩﻘﺘﻰ. -ﺳﺎﯕﺎ ﺑﯩﺮ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ ،ﺋﯚﺯﻩﯕﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﯔ ،ﺋﻪﻣﺪﻯ ﮔﯧﭙﯩﯖﻨﻰ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﻗﯩﻞ .ﻳﺎ ﻳﺎﻏﻠﯩﻘﻨﻰ ﺑﯧﺸﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﯩﺴﻪﻥ،ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﻣﻪﻳﻤﻪﻥ ،ﻳﺎ ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ﭼﯩﮕﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺴﻪﻥ ،ﭘﯘﺕ-ﻗﻮﻟﯘﯕﻨﻰ ﭼﯧﻘﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ،ﺳﺎﯕﺎ ﻧﺎﻥ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﺎﻗﯩﻤﻪﻥ. -ﺩﺍﺩﺍ ،ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﺪﯨﯖﯩﺰ؟ ﻣﻪﻥ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺗﯧﺨﻰ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻛﻪﻟﺪﯨﻤﻐﯘ؟--ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺍﻣﻼﭖ ﻳﺎﺵ ﺗﯚﻛﯜﻟﯜﺷﻜﻪﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. -ﺋﻪﻝ-ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﻩﯞﺍﺗﯩﺪﯗ ،ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﻪﻥ؟ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻳﯘﺭﺗﺘﺎ ﻳﯜﺯﯛﻣﻨﯩﻤﯘ ﺗﯚﻛﯜﭖ ﺑﻮﻟﺪﯗﯓ .ﺗﯧﺨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﯞﺍﻟﯩﻲﺋﺎﺗﺎﻳﯩﺘﻪﻥ ﭼﺎﻗﯩﺮﺗﯩﭗ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙﯩﯖﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ .ﺋﺎﭘﺎﯓ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﻤﯘ ﻳﻮﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺴﻪﻥ .ﺳﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺑﺎﻗﻘﯘﭼﻪ ﺋﯩﺘﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﯜﻛﯩﻨﻰ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻳﺎﺭﺍﭖ ﻗﺎﻻﺭ ﺋﯩﺪﻯ. -ﺩﺍﺩﺍ ،ﺳﯩﺰ ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﯘﺩﺍﻳﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯩﺴﯩﺰ ،ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﯚﺯﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﮕﻪﻣﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯩﻤﻪﻥ .ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﺴﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﻣﻪﻥ ﺑﯘﺋﯩﺸﺘﺎ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻳﯜﺯﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺑﻪﻙ ﺗﯚﻛﯜﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ﻣﯧﻨﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺋﯚﻳﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﯦﺘﯩﯔ. -ﮬﻪ ﻣﺎﻗﯘﻝ ،ﺑﯜﮔﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺳﻪﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﺰﯨﻢ ﻳﻮﻕ .ﺋﯚﻟﻪﻣﺴﻪﻥ ،ﺗﯩﺮﯨﻠﻪﻣﺴﻪﻥ ﻛﺎﺭﯨﻢ ﻳﻮﻕ ،ﻣﺎﯓ ﺋﯚﻳﺪﯨﻦﭼﯩﻖ!—ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﭘﻼ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺘﺘﯩﺮﮔﯩﻨﯩﭽﻪ ﺋﯚﻳﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﻯ ﯞﻩ ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﻰ ﺯﻩﺭﺏ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﭘﺘﻰ .ﺋﯘ ﺳﻪﻧﺪﯛﺭﯛﻟﮕﯩﻨﯩﭽﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯘﺗﺘﯘﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯘﺭﯗﻟﺪﻯ. -ﺩﺍﺩﺍ ،ﭼﺎﭘﯩﻨﯩﻢ! ﭼﺎﭘﯩﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﻻﻱ! ﻳﺎﻏﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﻻﻱ ،ﺩﺍﺩﺍ!!—ﺋﯘ ﺳﯩﺮﺗﺘﺎ ﺗﻮﯞﻻﻳﺘﺘﻰ ،ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﻰ ﺋﯘﺭﺍﺗﺘﻰ.ﻣﯘﺷﻼﻳﺘﺘﻰ ،ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮔﻪﭖ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﺋﺎﯕﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ. ﻳﺎﻧﯟﺍﺭﻧﯩﯔ ﺳﻮﻏﯘﻗﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺟﺎﻥ-ﺟﯧﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﻛﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﻳﺎﺷﻼﺭ ﻗﯘﻳﯘﻻﺗﺘﻰ .ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﺎﯞﺍﺯﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﻮﻏﯘﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯘﺩﯗﻟﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﻮﺷﻨﯩﺴﻰ ﺳﯩﺮﺗﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ. -ﯞﺍﻱ ﺩﯨﻠﻨﯘﺭ ،ﻗﯩﺰﯨﻢ ،ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﺪﯨﯖﯩﺰ؟ﺩﯨﻨﯘﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺗﯚﻛﯜﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﺋﯘ ﻧﯧﻤﯩﻤﯘ ﺩﯦﻴﻪﻟﯩﺴﯘﻥ؟ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺧﻪﻗﻘﻪ ﻳﺎﻣﺎﻧﻼﭖ ﺑﻪﺭﺳﯘﻧﻤﯘ؟ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ،ﺋﯘﻻﺭ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ،ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯧﻘﯩﭗ ﭼﻮﯓ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ،ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻦ
28
ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﯧﮫﯩﺮ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ-ﺩﻩ! ﺧﻮﺷﻨﺎ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﻧﺴﯩﺰ ﻳﯩﻐﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﯘﺭﻗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﺎﻏﺮﻯ ﺋﯧﺰﯨﻠﺪﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻱ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯩﺮﺩﻯ. -ﮬﻪﺩﻩ ،ﺋﺎﻛﺎﻣﻐﺎ ﺗﯧﻠﯩﻔﻮﻥ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﻟﺴﺎﻡ ﺑﻮﭘﺘﯩﻜﻪﻥ--،ﺩﯦﺪﻯ ﺩﯨﻠﻨﯘﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺳﻪﻝ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ.-ﺋﻪﻧﻪ ﺗﯧﻠﯩﻔﻮﻥ ،ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﯟﯦﺮﯨﯔ ﻗﯩﺰﯨﻢ.-ﯞﻩﻱ ،ﺋﻪﺳﺴﺎﻻﻣﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯘﻡ!-ﯞﻩﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯘﻡ ﺋﻪﺳﺴﺎﻻﻡ ،ﺑﯘ ﻣﻪﻥ ،ﺋﺎﻛﺎ!-ﯞﺍﻱ ﺟﯧﻨﯩﻢ ﺳﯩﯖﻠﯩﻢ ،ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻧﯧﺮﻯ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﺪﯨﻢ .ﻛﻪﭼﺘﻪ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺳﯧﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﯩﻠﻰﺑﺎﺭﯨﻤﻪﻥ .ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯩﻦ. -ﺋﺎﻛﺎ ،ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﻪﻛﻪﺗﻜﯩﻦ—.ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﺑﻮﻏﯘﻟﯘﭖ ﭼﯩﻘﺎﺗﺘﻰ .ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺋﯧﺴﻪﺩﻩﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ.-ﺳﻪﻥ ﻧﻪﺩﻩ؟ ﺑﯘ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﻧﻮﻣﯘﺭﻯ ﺋﻪﻣﻪﺳﻘﯘ؟-ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﻮﻻﻻﻳﺴﻪﻥ؟ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻨﺎﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﻱ.-ﺋﻮﻥ ﻣﯩﻨﯘﺗﺘﯩﻼ ﺑﺎﺭﯨﻤﻪﻥ .ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺗﯘﺭ .ﻳﯩﻐﻠﯩﻤﯩﻐﯩﻦ ،ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯨﯖﻤﯘ؟ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭﻩﺑﺒﯩﻤﯩﺰ ﺑﺎﺭ.ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺶ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﺳﯩﻤﯘ ﻛﯚﯕﻠﯜﯕﻨﻰ ﺗﻮﻕ ﺗﯘﺗﻘﯩﻦ. ﺋﺎﻛﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮔﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺑﯩﺮﺩﻩﻣﺪﯨﻼ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﺭﺍﺳﺖ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭﻩﺑﺒﻰ ﺗﯘﺭﺳﺎ ،ﺋﯘ ﻧﯧﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﻩﻳﺪﯗ؟ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻤﯘ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺧﺎﻟﯩﺲ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﮬﻪﻗﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯗ .ﮬﺎﻣﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﻗﯩﺰﯨﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯗ .ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﻡ ﺳﻮﺭﺍﻳﺪﯗ.... -ﮬﻪﺩﻩ ،ﺭﻩﻧﺠﯩﻤﻪﻱ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ--،ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘ ﺋﯚﻱ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﺎﻟﻐﺎ.-ﮬﻪ ﻣﺎﻧﺎ ،ﻣﺎﯞﯗ ﺑﻮﻻﻣﺪﯨﻜﻪﻥ؟ ﻣﻪﻧﺪﻩ ﭼﻮﯓ ﻳﺎﻏﻠﯩﻘﻤﯘ ﻳﻮﻗﻜﻪﻥ--،ﺩﯦﺪﻯ ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﭗ ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ--،ﻗﯩﺰﯨﻢ ،ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺴﯩﺰ .ﻣﯧﻨﯩﯖﻤﯘ ﺳﯩﺰﺩﻩﻙ ﻗﯩﺰﯨﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﯩﻢ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﻮﺭﻧﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻛﯚﺭﯛﯓ ،ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﯖﯩﺰﻧﯩﻤﯘ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ﭼﯩﮕﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ ،ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﻪﭖ ﻳﻮﻗﺘﯘ؟ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﯩﺰﻟﻪﺭ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻻﺭﻣﯩﺰﻣﯘ؟
29
ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ،ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺩﯨﻠﯩﯖﯩﺰﺩﺍ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﯞﻩﺭﺳﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﺑﻮﻻﺗﺘﯩﻐﯘ؟ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﻪﻻ ﺩﻩﭘﺘﯩﻜﻪﻥ، ﻛﯚﯕﻠﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﯩﻨﻰ ﺧﯘﺩﺍﻳﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﻰ.... ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ،ﮔﻪﭖ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﯘﺳﻰ ﻛﻪﻟﻤﯩﺪﻯ. -ﮬﻪﺩﻩ ،ﺋﺎﻛﺎﻣﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﻣﻪﻥ ﭘﻪﺳﻜﻪ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﺎﻗﺎﻳﻤﯩﻜﯩﻦ.-ﻣﺎﻗﯘﻝ ﻗﯩﺰﯨﻢ ،ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ ﺧﻮﺵ ،ﺋﺎﻟﻼﻏﺎ ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺕ.ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺷﺎﻣﺎﻝ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯜﺯﯨﮕﻪ ﯞﯨﺸﯩﻠﺪﺍﭖ ﺋﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻗﯩﺸﻠﯩﻖ ﭼﺎﭘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﻴﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﯧﭙﯩﺰ ﻛﯚﻳﻨﯩﻜﻰ ﺷﺎﻣﺎﻟﺪﺍ ﻟﻪﭘﯩﻠﺪﻩﻳﺘﺘﻰ .ﭼﯩﺮﺍﻳﻰ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺩﻩﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ» .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﯘﺷﯘ ﭘﯧﺘﻰ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪﻡ ﮬﻪ« ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﺪﻯ ﺋﯘ »ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺷﻪﮬﯩﺘﻠﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﺑﻮﻻﺭ ﺋﯩﺪﯨﻢ«.... ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﺎﻛﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺴﻰ ﮬﻮﻳﻼ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ .ﺋﯘ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭘﻼ ﺋﺎﻛﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﯜﮔﯜﺭﺩﻯ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﻛﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﭼﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﺎﺗﺘﻰ .ﻣﯘﺷﯘ ﺗﺎﭘﺘﺎ ﺋﯘ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﭼﺎﻗﻼﭖ ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﺎ ﻧﻪﻗﻪﺩﻩﺭ ﻣﻮﮬﺘﺎﺝ ﺋﯩﺪﻯ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ،ﺋﯘﻧﻰ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯘﭼﺎﻗﻼﭘﻼ ﺗﯘﺭﺳﺎ... ﺋﯘ ﺋﺎﻛﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﭼﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﯚﺳﯜﭖ-ﺋﯚﻛﺴﯜﭖ ﻳﯩﻐﻼﻳﺘﺘﻰ .ﺋﯘ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺳﻪﭘﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﯧﺨﻰ ﺑﯜﮔﯜﻧﻼ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ ،ﺋﯘ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﺎﻏﺮﯨﻨﻰ ،ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﯩﻠﯩﺘﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ،ﺋﺎﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯧﺰﯨﻠﯩﻚ ﺗﺎﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰﻻ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯘ ﻧﻪﺩﯨﻦ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﻰ؟ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﻟﻜﻮﻧﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺟﯜﭖ ﻛﯚﺯﻧﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﺴﻰ ﻛﯚﺭﻣﯩﺪﻯ .ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﻗﻮﺭﻭ ﮬﻮﻳﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﮔﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﺭﯨﺴﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺟﯜﭖ ﻛﯚﺯ ﻧﻪﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ....
30
ﮬﻪﻣﺸﯩﺮﯨﻠﻪﺭ )( 4 -ﮬﻪﺩﻩ ،ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺩﯨﻠﺮﺍﺑﺎ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﺰ ﺋﯘ؟--ﺗﯘﻣﺸﯘﻗﯩﻨﻰ ﺋﯘﭼﻠﯩﺪﻯ ﭘﻪﺭﯨﺪﻩ ،ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻗﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ .ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻕﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻏﺎ ﻗﺎﺩﯨﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﺗﺘﻰ ،ﺋﯘ ﻗﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﭘﻪﺭﯨﺪﻩﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮﯨﺪﻯ. ﭘﻪﺭﯨﺪﻩ ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻕ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺷﻪﮬﻪﺭﮔﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﮬﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﻗﯘﻳﺘﺘﻰ .ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺗﻪﺗﯩﻠﺪﻩ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﺪﻩ ﭘﻮﻳﯩﺰﺩﺍ ﺗﻮﻧﯘﺷﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ .ﭘﻪﺭﯨﺪﻩﻧﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﭽﻪ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﻪﻗﯟﺍﺩﺍﺭ ،ﻧﻪﻓﻠﻪ ﻧﺎﻣﺎﺯﻻﺭﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺧﻮﻟﯘﻡ-ﺧﻮﺷﻨﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺳﻪﺩﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ. -ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳﻜﯩﻠﯩﻜﻰ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ،ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺧﻮﺷﻨﺎ-ﺧﻮﻟﯘﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﭘﺮﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻜﻪﻥ .ﻛﯧﻴﯩﻦﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﭖ ،ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﯘﯞﺍﺷﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ .ﺧﻪﻕ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﭙﺘﯘ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺗﻪﻗﯟﺍﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ .ﺑﯩﺰﻧﯩﻤﯘ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﯕﻼﺭ ،ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ﭼﯩﮕﯩﯖﻼﺭ ،ﺩﻩﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ .ﺑﯩﺮ ﺳﯩﯖﻠﯩﻢ ،ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﯩﻢ ﺑﺎﺭ ،ﺋﯩﻨﯩﻤﻐﯘ ﺗﯧﺨﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻣﯘ ﺟﻪﻳﻨﺎﻣﺎﺯﺩﯨﻦ ﻗﻮﭘﻤﺎﻳﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ،ﺳﯩﯖﻠﯩﻤﻤﯘ ﺳﯩﺰﺩﻩﻙ ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ﭼﯩﮕﯩﭗ ،ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﻰ ﻗﺎﺯﺍ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﻳﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﻤﻪﻥ ،ﻣﻪﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺴﻰ-ﺩﻩ!—ﺩﯦﮕﻪﻧﯩﺪﻯ ﭘﻪﺭﯨﺪﻩ .ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻕ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﻣﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ .ﮬﻪﭘﺘﻪ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﺎ ﭘﻪﺭﯨﺪﻩ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﺭﺍ ﻗﺎﺗﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﭘﺘﻮﺑﯘﺳﻘﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ،ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﺪﻯ. -ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺴﯩﺰ؟ ﺋﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻗﯩﺰﻏﯘ؟--ﺩﯦﺪﻯ ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻕ ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮﻩﭖ.-ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﯨﻤﺪﺍ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺵ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﺳﯘﻥ ﯞﯗﻛﯘﯕﻨﯩﯔ ﺋﯩﺘﻮﺗﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ ،ﺷﯘﻧﻰ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪﻡ »ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺗﺎﻳﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ ﻧﻪﺭﺳﯩﮕﻪ ﻛﯜﻟﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺯﺍﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺩﻭﺯﺍﺧﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯗ« ﺩﻩﻳﺪﯗ .ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ .ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺪﯗ؟ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﯚﺯﯨﻼ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ،ﻣﻪﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﻪﻙ. -ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺩﯦﮕﻪﭼﻜﻪ ﺩﻩﻳﺪﯗ-ﺩﻩ ﺋﯘ ﮔﻪﭘﻨﯩﻤﯘ .ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺩﯦﺴﻪ ﺋﯘﻧﭽﻪ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰﺯﺍﻳﻪ ﻗﯩﻼﺗﺘﯩﻤﯘ؟ --ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ ،ﻣﻪﻧﻤﻪﻧﭽﻰ ﻗﯩﺰﻛﻪﻥ.
31
-ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﯗﯓ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺰ--،ﺩﯦﺪﻯ ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻕ ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﮬﺎﻟﺪﺍ--،ﺋﯘ ﻗﯩﺰ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﺱ،ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﭖ ﻳﯜﺭﺳﯩﻤﯘ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﮕﻪ ﭼﯧﻠﯩﻘﯩﺪﯗ .ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﺰ ﺋﯘ .ﺳﻪﻝ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﺳﯩﻤﯩﺰ ﺑﺎﺭ ،ﭼﯩﻘﺎﻣﺴﯩﺰ؟ -ﻣﺎﻗﯘﻝ ،ﻧﯧﻤﻪ ﺩﻩﺭﺱ؟»-ﺋﻪﻗﯩﺪﻩﺗﯘﻝ ﻣﯘﺋﻤﯩﻨﯩﻦ «)ﻣﯘﺋﻤﯩﻨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﺴﻰ( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﯗﻕ .ﺑﯜﮔﯜﻥ ﯞﻩﺳﯩﻠﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﯗﻕ. -ﯞﻩﺳﯩﻠﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﯧﻤﻪ ﮬﻪﺩﻩ؟-ﮬﯧﻠﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺰ .ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﯗﯓ ،ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺳﻮﺭﺍﻳﺪﯗ.ﺋﯘﻻﺭ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﭼﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﻛﻪﺭﺗﯩﻠﮕﻪﻥ ﭘﯘﺗﺒﻮﻝ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯩﺰ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﻛﯧﻠﯩﭗ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﯩﺪﻯ .ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﯩﻤﯘ ،ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﺍ ﺗﯜﺯﯛﻙ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ .ﺗﯧﺨﻰ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮﺩﻩﻡ ﺳﺎﻗﻼﺷﺘﻰ ،ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻕ ﯞﻩﺳﯩﻠﻪ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ،ﺩﺍﺩﯨﻞ ﻗﯩﺰ ﺋﯩﺪﻯ .ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﻮﭼﯘﻕ ،ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺘﺘﻰ .ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻣﯩﺴﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻜﻪ ﺋﯘﺳﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ ،ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﻗﺎﻗﺎﮬﻼﭖ ﻛﯜﻟﺪﯛﺭﺳﻪ ،ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﻗﺎﭘﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯜﺭﯛﭖ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺗﯜﺳﻜﻪ ﻛﯩﺮﻩﺗﺘﻰ .ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺳﯚﺯﻟﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﯘﭼﻪ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻳﺘﺘﻰ. ﺩﻩﺭﺱ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﺎﻳﺎﻗﻼﺷﺘﻰ .ﭘﻪﺭﯨﺪﻩ ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻗﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﮕﻪ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ .ﻗﯩﺰﯨﻖ ﺋﯩﺶ ،ﺋﯘ ﻗﯩﺰ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻲ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺋﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﯘﺭﺳﺎ ،ﺑﯘ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﻩ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻧﺪﯗ؟ -ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﮬﻪﺩﻩﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﮔﻪﻧﺪﯨﻢ ،ﮬﻪﺩﻩﻡ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﯧﻐﯩﺪﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭙﺘﯩﻜﻪﻥ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﺪﻩ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﻜﻪﻧﺪﯗﻕ .ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮬﻪﺭ ﺗﻪﺗﯩﻠﺪﻩ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺧﻪﻕ ﻛﯚﺭﺳﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﻩﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ،ﺩﻩﭖ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﻘﯩﻠﻰ ﻗﻮﻳﻤﯩﺪﻯ .ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﯩﻤﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﻕ، ﺷﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﮬﻪﺩﻩﻡ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﺟﯟﯨﺪ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺩﻩﺭﺳﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﻪﺭﮔﯜﺯﺩﻯ. --ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺘﯩﯖﯩﺰ؟--ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ ﭘﻪﺭﯨﺪﻩ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭖ.
32
-ﺑﻮﯞﺍﻡ ﻣﻮﻣﺎﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﺋﯩﺪﻯ.-ﮬﻪ ،ﻣﻪﻥ ﺗﯧﺨﻰ ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯜﻣﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﯓ ،ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﯩﺘﯩﻢ .ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺧﻮﺵﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. -ﻣﯘﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﺳﯩﯖﻠﯩﻢ ،ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ.ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﭘﻪﺭﯨﺪﻩ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﺘﻰ .ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻕ ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎﻏﺎ ﺗﯧﻠﯩﻔﻮﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ: -ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎ ،ﻣﻪﻥ ﺯﯗﻛﺎﻣﺪﺍﭖ ﻗﺎﭘﺘﯩﻤﻪﻥ ،ﺭﻩﻧﺠﯩﻤﻪﻱ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺶ ﺩﻭﺭﯨﺴﻰ ﺑﻪﺭﺳﯩﯖﯩﺰ.-ﻧﯧﻤﻪ؟--ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭼﺎﻗﭽﺎﻕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﻳﺎﻛﻰ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﯩﺪﻯ،-ﺯﯗﻛﺎﻣﺪﺍﭖ ﻗﺎﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺶ ﺩﻭﺭﯨﺴﻰ ﺋﯩﭽﻪﻣﺴﯩﺰ؟-ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟-ﺩﻭﺭﺍ ﺩﯦﮕﻪﻧﻨﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ .ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﭘﺎﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻭﺭﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭﻣﯩﻜﻪﻥ؟-ﮬﺎ ﮬﺎ ﮬﺎ--،ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻕ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ --،ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺋﯩﻤﺎﻧﭽﯘ؟ ﺑﯩﻤﺎﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺩﻭﺭﺍ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻛﯧﺮﻩﻛﻘﯘ؟ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮﺩﻩﻡ ﭘﻪﺭﯨﺪﻩ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺷﺘﻰ .ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎ ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻗﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﯨﺪﻩ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﺪﻯ ،ﯞﻩ ﻛﯜﻟﯜﺷﻜﯩﻨﯩﭽﻪ ﺗﯧﻠﯩﻔﻮﻧﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘﯞﻩﺗﺘﻰ. ﭘﻪﺭﯨﺪﻩﻧﯩﯔ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﻪﻣﺸﯩﺮﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺘﺘﻰ .ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﻪﻣﺸﯩﺮﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﺩﯗﭺ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ .ﭘﻪﺭﯨﺪﻩﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭘﻪﺭﯨﺪﻩﻧﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺳﻠﯩﻤﻪﺩﻩﻙ ﻳﺎﺷﯩﺸﯩﻨﻰ ،ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﻰ ﻣﺎﮬﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ ﺑﯘ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﻮﻳﯘﻥ-ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﺪﯨﻦ ﻣﯧﮫﺮﯨﻨﻰ ﺋﯜﺯﻩﻟﻤﻪﻳﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ .ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻕ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻼﻣﻐﺎ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻳﻪﺗﺘﻰ. ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﯘ ﭘﻮﻳﯩﺰﺩﺍ ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭘﻼ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺳﺎﻻﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ ،ﺷﻪﻧﺒﻪ ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﯩﻠﯩﻚ ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﺎ ﺋﺎﺗﺎﻳﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ .ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﭘﻪﺭﯨﺪﻩﺩﯨﻦ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻛﯜﺗﻪﺗﺘﻰ .ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﮕﻪ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺕ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﯩﯖﺪﯛﺭﻩﻟﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻼ ،ﭘﻪﺭﯨﺪﻩﻧﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻗﻮﻝ ﺋﯜﺯﯛﺷﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻗﻮﻻ ﺋﯜﺯﻩﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﻰ ،ﮬﻪﻡ ﺋﺎﻟﻼﮬﺘﯩﻦ ﺷﯘﻧﻰ ﺗﯩﻠﻪﭖ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ.
33
ﭘﻪﺭﯨﺪﻩﻣﯘ ﺋﯩﺴﻼﻣﻐﺎ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻗﻨﻰ ﺋﻪﯓ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ،ﺑﯘ ﻗﯩﺰ ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺩﻭﺳﺖ ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ .ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻗﻨﯩﯔ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻼﻣﻐﺎ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﭘﯧﺘﻰ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺩﻭﺳﺘﻰ ﺋﯩﺪﻯ. -ﮬﻪﺩﻩ ،ﺋﯘﻧﻰ ﺑﻪﻛﻼ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﻤﻪﻥ ،ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎﻡ ﺑﯘ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﻣﺎﯕﺎ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺰ ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .ﺋﯘﻣﯘ ﻣﯧﻨﻰﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﺷﯘﻣﻨﻰ ،ﺋﻮﺭﯨﻨﯩﺸﯩﻤﻨﻰ ،ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﯩﺴﻼﻣﻐﺎ ﻣﺎﺳﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﯘﻣﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ .ﺷﯘﯕﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﻪﻱ ﺑﯧﺸﯩﻢ ﻗﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. -ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﺴﻼﻣﻐﺎ ﻣﺎﺳﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺳﯩﺰ ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻣﯘ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺴﯩﺰ.-ﻳﺎﻕ ،ﻣﻪﻥ ﺧﺎﻻﻳﻤﻪﻥ .ﮬﻪﺭﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻢ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ...-ﺳﯩﺰﺩﻩ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻛﯧﻠﯩﺸﻼ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﯖﯩﺰ ﺗﻮﻧﯘﺷﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﻳﺎﻟﯩﻐﺎﻥﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﯖﯩﺰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻴﻼ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ. -ﮬﻪﺩﻩ ،ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﻮﺭﯨﻨﯩﭗ ﻳﯜﺭﻣﯩﺴﻪﻙ ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺪﯗ؟ ﺋﻮﺭﯨﻨﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻚﺋﯜﭼﯜﻧﻠﯩﻤﯘ؟ -ﺳﯩﯖﻠﯩﻢ ،ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﯖﯩﺰﺩﺍ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﮬﻪﺩﯨﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﯧﺴﯩﻤﻼﺭﺩﯨﻤﯘ ﺋﻮﺭﯨﻨﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰﻛﯚﺭﯛﯞﺍﺗﯩﺴﯩﺰ ،ﺋﻪﺟﯩﺒﺎ ﺳﯩﺰﻧﯩﯖﭽﻪ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻗﯩﻴﻨﯩﻠﯩﺶ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﺋﯜﭼﯜﻧﻠﯩﻤﯘ؟--ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻕ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﻡ ﺗﻮﺧﺘﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ--،ﺋﯘ ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ،ﺋﺎﻟﻼﮪ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ،ﺑﯩﺰ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ،ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﻳﯘﻧﭽﯘﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﮬﻪﺭﻗﺎﭼﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪ ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺳﻮﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻳﯧﺘﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺗﻪﺑﯩﻘﻪ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺭﺍﻧﺴﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺶ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ ،ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﯩﺰ؟ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﭼﯧﭽﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﯟﺍﻟﺴﺎ ﺷﯘﻧﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﭖ ﺳﺎﻗﻼﻳﺪﯗ .ﻧﺎﺯﺍﻛﯩﺘﯩﻨﻰ ،ﻗﻪﺩﺩﻯ-ﻗﺎﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻏﺮﯨﻨﻰ ﻛﺎﯞﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ،ﺋﯚﺯ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﻰ ﺋﻪﻣﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﺪﻩﻛﻼ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ .ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ ،ﭘﻪﭘﯩﻠﻪﻳﺪﯗ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﭼﯘ؟ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﭺ ،ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ
34
ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﭺ ATM ،ﺋﺎﭘﭙﺎﺭﺍﺗﯩﺪﺍ ﭘﯘﻝ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﭺ....ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﮬﯘﺯﯗﺭﻟﯩﻨﯩﺪﯗ .ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﮬﺎﻳﺎﺗﺘﺎ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯗ .ﮬﯧﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯧﺮﻯ ،ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺧﻮﺗﯘﻧﻰ ﺋﯧﺘﯩﺪﯗ ،ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺗﺎﭘﻘﺎﭼﻘﺎ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙﯩﻤﯘ ﺋﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻳﻮﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺑﯘ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﭘﻪﺩﯨﺸﻪﭖ ﻗﺎﻻﻣﺪﯗ؟ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺧﻮﺗﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ،ﺗﺎﭘﺎ-ﺗﻪﻧﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬﻪﺭ ﺋﺎﻣﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ،ﮬﺎﻻﻝ-ﮬﺎﺭﺍﻣﻨﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﻤﺎﻱ ﭘﯘﻝ ﺗﯧﭙﯩﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯗ .ﭘﯘﻟﻨﯩﻤﯘ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ-ﻳﯘ ،ﺋﯚﻳﺪﯨﻦ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺳﻮﯞﯗﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ .ﺳﯩﺮﺗﺘﺎ ﻳﺎﺵ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﻗﺎﺵ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﻧﺎﺯ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ،ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺋﺎﻳﯩﻤﺎﻱ ﺧﻪﺟﻠﯩﺴﻪﯕﻼ ﺳﺎﯕﺎ ﺳﻮﺭﯨﻐﯩﻨﯩﯖﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ،ﻧﯧﻤﻪ ﻛﻪﭘﺘﯘ ﺋﯚﻳﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺯ ﻗﺎﭘﺎﻕ ﻗﯧﺮﻯ ﺧﻮﺗﯘﻧﻨﯩﯔ ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ؟! ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻳﺎ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﺩﻩﺭﺩﯨﻨﻰ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻳﯘﺗﯘﭖ ﺋﯚﻳﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﯩﺪﯗ ،ﻳﺎ ﺑﻮﻟﺪﯨﻼ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺪﯗ .ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﯩﺪﯗ .ﻣﯘﺷﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﻪﯓ ﻧﯧﮕﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﭖ ،ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻳﯜﺭﻣﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ .ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺋﯩﺴﻼﻣﻰ ﺗﯜﺯﯛﻡ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻤﯩﻐﺎﭺ ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﻰ ﻳﯧﭙﯩﻨﭽﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻗﯧﻠﯩﭙﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﺋﺎﺯ ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﭼﻪ ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺗﯘﺭﺍﻳﻠﻰ .ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻢ ،ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺭﯨﺰﺍﻟﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﭼﻮﯓ ﺑﯩﺮ ﭘﻪﺭﺯﻧﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﺋﻪﺧﻼﻕ ﯞﻩ ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﻴﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺳﻠﯩﻤﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﺎﻟﻪﻣﮕﻪ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻮﺭﯨﻨﯩﺪﯗ!! ﭘﻪﺭﯨﺪﻩ ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻗﻨﯩﯔ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ،ﭼﯘﺱ ﻣﯩﺠﻪﺯﻟﯩﻚ ﻗﯩﺰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﻰ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﯧﭽﻘﺎﭼﺎﻥ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﯩﺪﻩﻙ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ .ﭘﻪﺭﯨﺪﻩﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻤﯘ ﯞﺍﻟﻠﯩﺪﻩ ،ﻳﻮﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻕ ﭘﻪﺭﯨﺪﻩﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﻪﺵ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮﺩﻩﻡ ﺋﻮﻳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﭘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺧﻪﺕ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﺗﯘﺗﯘﻧﺪﻯ ،ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻕ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﭘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻕ ﻧﺎﻣﺎﺯ ،ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﯩﯔ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﺩﯨﻨﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﮬﯧﺴﺎﺑﻼﻧﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺋﯧﻴﺘﻘﯘﺳﻰ ﻛﯧﻠﻪﺗﺘﻰ-ﻳﯘ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺷﯘ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻕ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﯩﻤﯘ ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﻱ ﺑﯩﺮﺍﻗﻼ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﻩﻳﺘﺘﻰ .ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺋﺎﭘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺧﻪﺕ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻣﯘﯕﺪﺍﺷﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ: »ﺋﻪﺳﺴﺎﻻﻣﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯘﻡ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻚ ﺋﺎﭘﺎ .ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﯖﯩﺰ؟ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﯩﻜﻜﯩﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭﻗﺎﭼﺎﻥ ﺳﺎﻕ-ﺳﺎﻻﻣﻪﺕ، ﺗﯧﻨﯩﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻼﮬﺘﯩﻦ ﮬﻪﺭﯞﺍﻗﯩﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻤﺪﺍ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ.
35
ﺋﺎﭘﺎ ،ﺋﺎﻟﻼﮬﯘ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻙ ﻛﺎﻻﻣﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻰ ﻛﻪﺭﯨﻤﺪﻩ »ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﺋﻪﮬﻠﻰ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﻠﯩﻚ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﯩﺰ ،ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﺪﯗ« ﺩﯦﮕﻪﻥ .ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﮬﻪﺩﯨﺴﯩﺪﻩ ﺋﻪﺳﺴﺎﻻﻡ ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﺋﻪﮬﻠﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻟﯩﻤﯩﺪﯗﺭ، ﺩﯦﮕﻪﻧﯩﻜﻪﻥ .ﺑﯩﺰﻣﯘ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﻻﻣﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﺎﻳﻠﻰ« . ﺋﯘ ﻣﯘﺷﯘﻻﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﯟﯦﺘﯩﭗ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﮬﻪﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺧﻪﺗﻨﻰ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻗﻪﻟﺒﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻟﻪﺭﺯﯨﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﯞﻩ ﺭﺍﺯﯨﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮﯨﺪﻯ. » ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻚ ﺋﺎﭘﺎ ،ﺋﯧﺴﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻤﯘ؟ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﭼﯧﻐﯩﻤﺪﺍ ﮬﻪﺭﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺧﺎﭘﺎ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻼﭖ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﻮﻟﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﻩﺗﺘﯩﯖﯩﺰ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﯩﻢ ،ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﯩﺰﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﻻﺗﺘﯩﻢ ،ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﻗﯘﻣﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺳﯩﺰﻣﯘ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﺗﺎﺷﻼﻳﺘﺘﯩﯖﯩﺰ ﯞﻩ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﯩﯖﯩﺰ ﻧﻪﻟﻪﺭﮔﯩﺪﯗﺭ ﻏﺎﻳﯩﺐ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ19 .ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﯩﭽﻪ ﺳﯩﺰ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺩﻭﺳﺘﯘﻣﺪﻩﻙ ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﺳﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﻛﻪﻟﺪﯨﯖﯩﺰ .ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺑﺎﻻ ﺳﯚﻳﮕﯜ ﺧﯧﺘﻰ ﻳﺎﺯﺳﯩﻤﯘ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﻪﺗﺘﯩﻢ ،ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰ ﺧﻪﺗﻨﻰ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﻗﺎﻗﺎﮬﻼﭖ ﻛﯜﻟﯜﺷﻪﺗﺘﯘﻕ .ﺳﯩﺰ ﺩﺍﺋﯩﻤﻼ ﻣﺎﯕﺎ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﻣﺎﯕﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﻤﻪﻥ ،ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﯔ ،ﺩﻩﻳﺘﺘﯩﯖﯩﺰ. ﺋﻪﺟﯩﺒﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﻥ ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﻰ ﺋﯚﺯﻩﻣﻨﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﻳﻮﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﯩﺪﯨﯖﯩﺰ؟«.... ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﻧﯩﺪﯗﺭ ﻳﺎﺯﻣﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﻯ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺋﺎﺭﯨﺴﻰ ﻳﯘﻣﺸﯩﻤﺎﻱ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺑﯘﺯﯗﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﯞﻩ ﻗﻮﻟﻰ ﻗﻪﻟﻪﻣﮕﻪ ﺑﺎﺭﻣﯩﺪﻯ. ﺑﯩﺮ ﮬﻪﭘﺘﻪ ﻛﯚﺯﻧﻰ ﻳﯘﻣﯘﭖ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﻪ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﮬﻪﭘﺘﻪ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎ ﭘﻪﺭﯨﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺷﻪﮬﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﻧﻰ ﻳﻮﻗﻼﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ. -ﺧﻮﺵ ﺧﻪﯞﻩﺭ--،ﺩﯦﺪﻯ ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﭗ ،ﺋﯘ ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﭘﻪﺭﯨﺪﻩﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭙﻼﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻗﻘﺎ ﺗﯧﻠﯩﻔﻮﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. -ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺧﻮﺵ ﺧﻪﯞﻩﺭ ،ﺗﯧﺰ ﺩﻩﯕﻪ؟!—ﺩﯦﺪﻯ ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻗﻤﯘ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﭗ.-ﭘﻪﺭﯨﺪﻩ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﯟﺍﻟﺪﻯ ،ﮬﻪﻡ ﺋﻮﺭﺍﻧﺪﻯ.--ﺭﺍﺳﺘﻤﯘ؟ ﻣﺎﺷﺎﺋﺎﻟﻼﮪ .ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ ﮬﻪﻣﺸﯩﺮﻩﻡ ،ﺑﯘ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯚﮬﭙﯩﯖﯩﺰ.
36
-ﮬﻪﺩﻩ ،ﺑﯘ ﮔﻪﭖ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﯨﻐﯘ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ؟--ﺩﯦﺪﻯ ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎ ﺋﻪﺭﻛﯩﻠﻪﭖ»--،ﺋﺎﻟﻼﮪ ﮬﯩﺪﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﺋﺎﺯﺩﯗﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﺎﺯﺩﯗﺭﻏﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﮬﯩﺪﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ« ،ﺑﯘﻧﻰ ﺳﯩﺰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﯚﮔﻪﺗﻜﻪﻧﻐﯘ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ؟! -ﮬﻰ ﮬﻰ ،ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﯖﯩﺰ ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﯩﻐﯘ ﻣﻪﻥ ،ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﻗﯩﺰ .ﮔﯧﭙﯩﻤﺪﯨﻦ ﻗﯘﺳﯘﺭ ﺋﯩﺰﺩﻩﭘﻼ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ.ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻕ ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎﻧﯩﯔ ﺳﻪﯞﺭﭼﺎﻥ ،ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﻩ ﺋﺎﺯﺭﺍﻗﻼ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﮬﻪﻕ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﻰ .ﺋﯘ ﭘﻪﺭﯨﺪﻩ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ﺗﯧﻠﯩﻔﻮﻧﺪﺍ ﯞﻩ ﺗﻮﺭﺩﺍ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﭘﻤﯘ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺯﻭﺭ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯘ ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ،ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺩﯗﺋﺎﻏﺎ ﻛﯚﺗﯜﺭﺩﻯ ،ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﻗﯘﺩﺭﯨﺘﯩﮕﻪ ﮬﻪﻣﺪ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ ﯞﻩ ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎﻏﺎ ﺋﺎﻟﻼﮬﺘﯩﻦ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﺗﯩﻠﯩﺪﻯ. ﺑﻪﻧﺪﯨﻨﻰ ﮬﯩﺪﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ ،ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﭽﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﻛﯘﭘﺎﻳﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﯞﻩ ﺋﻮﺭﯨﻨﯩﺶ ﺋﯩﺸﯩﺪﺍ ﭼﻮﯓ ﺳﯩﻨﺎﻗﻼﺭﻏﺎ ﺩﯗﭺ ﻛﻪﻟﮕﻪﭺ ،ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯚﺗﻜﻪﻟﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﺴﯩﻼ ﮬﻪﻣﺸﯩﺮﯨﻠﻪﺭ ﺑﯘ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﻣﯧﯖﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ ،ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﻳﺘﺘﻰ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻗﻪﻟﺒﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻧﺎﺯﯗﻙ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ،ﺑﻪﺯﻯ ﻗﻪﻟﺒﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻣﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﭼﯧﻜﯩﭗ ﻗﻮﻳﺴﺎ ﺗﯩﺮﯨﯖﻼﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﺎﭘﺎﻟﺪﻩﻙ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﯞﻩ ﻗﺎﻗﺸﺎﻝ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ،ﺋﯘﻧﻰ ﺳﯘﻏﯘﺭﯗﭖ ﻛﯚﻛﻪﺭﺗﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﭽﻪ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻳﯧﺘﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﯩﺪﻯ....
37
ﮬﻪﻣﺸﯩﺮﯨﻠﻪﺭ )( 5 ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎ ﭘﻪﺭﯨﺪﻩﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻦ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺧﻮﺷﺎﻝ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻗﺎﻳﺘﺘﻰ .ﺋﯘ ﺧﻮﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﻛﯩﻤﻤﯘ ﺧﻮﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ؟ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺑﻪﻧﺪﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﮬﯩﺪﺍﻳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺷﺎﮬﯩﺖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ! ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ »ﺗﯧﻜﺴﺎﺱ ﺷﯩﺘﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮬﯚﺟﺠﻪﺗﻠﯩﻚ ﻓﯩﻠﯩﻤﻨﻰ ﻳﺎﺩﯨﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﻯ ،ﻓﯩﻠﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﮬﯩﺠﺎﺏ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﻰ ،ﯞﻩ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻏﺎ»: ﮬﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﻡ ﺋﯚﺯﻩﻣﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﻨﻰ ﺋﯧﺴﯩﻤﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﻤﻪﻥ« ﺩﻩﻳﺘﺘﻰ. ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎﻣﯘ ﮬﻪﺭﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﻰ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ،ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻧﯘﭖ ﭘﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺩﯨﻐﺎ ﺋﺎﻻﺗﺘﻰ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﻗﯩﺸﻠﯩﻖ ﺗﻪﺗﯩﻠﺪﻩ ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺩﻭﺳﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﭘﻮﻳﯩﺰﺩﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ .ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻻ ﺋﯩﻜﻪﻥ .ﺋﯘ ﺑﺎﻻ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ ،ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﯩﮕﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﯧﺘﯩﺸﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﯘﻳﻤﺎﻳﻼ ﻗﯧﻠﯩﺸﻘﺎﻧﯩﺪﻯ. -ﻣﯘﺷﯘ ﺷﻪﮬﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻕ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﺑﺎﺭ ،ﺧﺎﻟﯩﺴﺎﯕﻼﺭ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﯩﻤﻪﻥ .ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻥ ،ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﯨﻨﯩﭗ ﻳﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰ--،ﺩﯦﮕﻪﻧﯩﺪﻯ ﺋﯘ ﺑﺎﻻ ﭘﺎﺭﺍﯓ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ .ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﺪﻩ ﺋﻮﺭﯨﻨﯩﺶ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﻜﺎﺭﭼﻰ ﺧﻮﺗﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ،ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ ﺋﯩﺪﻯ .ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﯨﻨﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﺷﯩﻨﻰ ﺯﺍﺩﯨﻼ ﺋﻪﻗﻠﯩﮕﻪ ﺳﯩﻐﺪﯗﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ» .ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﯘﻣﯘ ﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺯﻭﺭﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﺪﯗ؟« ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﺪﻯ ﺋﯘ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﭖ ﺑﺎﻗﻘﯘﺳﻰ ،ﻳﯧﯖﻰ ﺩﻩﯞﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﻳﯘﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻗﯩﺰﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﻘﯘﺳﻰ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﺎﻳﺪﻩﻙ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻧﻮﺭﯗﺯ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ .ﺋﯘﻻﺭ ﻧﻮﺭﯗﺯ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﯩﺪﺍ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻮﺭﯗﺯﻟﯘﻕ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﺎﺭﻣﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﻯ. 38
-ﺷﻪﻧﺒﻪ-ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﯘﺭﺳﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺘﯩﻢ ،ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﻣﻪﻥ ﺩﻩﺭﺳﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﯜﭘﻼ ﺑﯧﺮﯨﭗﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺗﯘﺭﺍﻱ ،ﺳﯩﻠﻪﺭ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﯖﻼﺭ--،ﺩﯦﮕﻪﻧﯩﺪﻯ ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻕ ﺗﯧﻠﯩﻔﻮﻧﺪﺍ .ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﯨﻤﯘ ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎ ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻗﻨﻰ ﺯﺍﺩﯨﻼ ﺋﯧﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﺍﻟﻤﯩﺪﻯ .ﺳﻪﻝ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﺎ ،ﻗﻪﻟﺒﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺳﯧﺰﯨﻤﻐﺎ ﭼﯚﻣﻪﺗﺘﻰ. ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻤﯘ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺗﯜﮔﯩﺪﻯ .ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﯨﺘﯩﭗ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﺍ ﺗﯜﯞﯨﮕﻪ ﭼﯩﻘﺘﻰ .ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﯩﻤﻠﯩﻘﺘﺎ ،ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﺑﻮﻳﻠﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﺎﺗﺘﻰ .ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎﻧﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻥ ﺷﯘﺭﺭﯨﺪﻩ ﺗﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﺗﻮﯞﺍ ،ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻧﻐﯘ؟ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ-ﻛﻪﭼﻜﻪﻧﻠﻪﺭ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﻮﻳﺴﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﭘﺘﯘ؟ ﻣﻪﻥ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﻘﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﯞﺍﻗﻤﯘ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻤﻪﻥ.... ﺋﯘﻻﺭ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻛﻮﻧﺎ ﺗﻮﻧﯘﺷﻼﺭﺩﻩﻙ ﻳﯜﺯ ﻳﯧﻘﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺳﺎﻻﻣﻼﺷﺘﻰ .ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﻏﯩﺰﺍ ﻳﯧﻴﯩﺸﺘﻰ .ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻕ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ ﺳﻮﺋﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﻪﻣﻜﯩﻨﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯧﻐﯩﺰﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﻩﺗﺘﻰ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﻩ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﺠﺎﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﯞﺍﺗﻘﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺴﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﺎﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻻﺗﺘﻰ. ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺗﻪﺳﺒﯩﮭ-ﮬﻪﻣﺪﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﻗﯘﺩﺭﯨﺘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺳﯚﺯﻟﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﯚﻟﻪﻛﭽﯩﻼ ﻧﯘﺭﻟﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﻰ .ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﯨﻨﯩﺸﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺳﯚﺯ ﺑﻮﻟﯘﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺋﯩﭙﺘﯩﺨﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. -ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﭗ ﻳﯜﺭﺳﯩﯖﯩﺰ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻣﺪﯗ ﮬﻪﺩﻩ؟--ﺩﯦﻴﯩﺸﺘﻰ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ .ﺋﯘ ﺋﯘﭼﯩﺴﯩﻐﺎﺋﯘﺯﯗﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﻛﯚﻳﻨﻪﻙ ﻛﯩﻴﮕﻪﻥ ،ﻛﯚﻳﻨﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﭙﯩﻨﭽﺎ ﺋﺎﺭﺗﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ .ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯘﺱ ﮬﺎﻟﺮﻩﯓ ﻳﺎﻏﻠﯩﻘﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﻛﯚﻳﻨﯩﻜﯩﮕﻪ ﺧﻮﻳﻤﯘ ﻳﺎﺭﺍﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. -ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ .ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻛﺎﺭﻯ ﻳﻮﻕ .ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﮬﯧﭽﻜﯩﻢﻣﻪﻧﺪﻩﻙ ﻛﯩﻴﯩﻨﻤﯩﮕﻪﭼﻜﻪ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﯩﺮﻩﻙ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﻤﻪﻥ .ﻛﺎﺭﯨﻤﻨﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﻳﯜﺭﯛﯞﻩﺭﺩﯨﻢ .ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻥ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﯞﺍﻟﯩﺒﻮﻝ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﺪﻩ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺖ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺘﯩﻢ ،ﺷﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺯﺍﺩﯨﻼ ﻛﺎﺭﯨﻨﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﺱ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺖ ﻣﯘﺩﯨﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯧﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﮬﺎﻟﻰ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗﻏﯘ ﮬﺎﺯﯨﺮ! ﯞﺍﻱ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻠﯩﻖ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺵ ﺩﻩﭖ...
39
ﺋﯘ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﯨﻨﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﻨﻰ ،ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ .ﺋﯘ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ،ﺗﯧﺘﯩﻚ ﻗﯩﺰ ﺋﯩﺪﻯ .ﮬﯧﻜﺎﻳﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻜﯩﻤﯘ ﺋﯘﺳﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ ،ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ،ﺳﺎﮬﺎﺑﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺯﻭﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺘﺘﯩﻜﻰ ،ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺷﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﯘﻳﻐﯘﻏﺎ ﻛﯧﻠﻪﺗﺘﻰ. -ﯞﺍﻗﯩﺘﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ ،ﻗﯩﺰﻻﺭ ،ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﯟﺍﻻﻣﺪﯗﻕ؟--ﺩﯦﺪﻯ ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻕ ﺳﺎﺋﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ.ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﯘﺳﻰ ﻛﻪﻟﻤﻪﻱ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﺷﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﺘﻰ. ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺶ ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎﻧﯩﯔ ﺋﯧﺴﯩﺪﯨﻦ ﺯﺍﺩﯨﻼ ﭼﯩﻘﻤﯩﺪﻯ .ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻕ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﺋﻮﺭﯨﻨﯩﺶ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﮕﻪ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺷﯘ ﭘﯧﺘﻰ ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﺵ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﺴﯩﻼ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﻠﯩﻜﻰ ،ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﻘﻰ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﯩﺰﺩﯨﺸﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﯩﺪﻯ .ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﯧﻠﯩﻔﻮﻥ ﻧﻮﻣﯘﺭﯨﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﯧﻠﯩﻔﻮﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ )ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻗﻨﯩﯔ ﻧﻮﻣﯘﺭﻯ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ( ﯞﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﻰ ﻳﻮﻗﻼﭖ ﺑﺎﺭﻣﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ. -ﺋﻪﺟﻪﺏ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﺋﻪﺗﻪ ﭘﯩﺪﺍﮔﻮﮔﯩﻜﺎ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﯨﺴﺘﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺩﻭﺳﺘﯘﻣﻤﯘ ﻣﯧﻨﻰ ﻳﻮﻗﻼﭖ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﭽﻰ ﺋﯩﺪﻯ.ﺧﺎﻟﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻛﯚﺭﯛﺷﻪﻳﻠﻰ .ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﯩﻼ ﻛﯧﻠﻪﻣﺴﯩﺰ؟--ﺩﯦﺪﻯ ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻕ ﺗﯧﻠﯩﻔﻮﻧﺪﺍ .ﺑﯘ ﮔﻪﭖ ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺧﻮﺷﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﺘﻰ. ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎ ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻗﻨﯩﯔ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﺎﭘﺘﻮﺑﯘﺳﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻕ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﺑﯘﺱ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻕ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﻼ ﻗﯧﻠﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﭼﺎﭼﻠﯩﺮﻯ ﺳﯧﺮﯨﻖ ﺑﻮﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯜﺩﺭﻩ ﭼﺎﭼﻠﯩﺮﻯ ﻳﻪﻟﻜﯩﺴﯩﺪﻩ ﻳﯧﻴﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﻧﯧﭙﯩﺰ ﻟﻪﯞﻟﯩﺮﻯ ﺳﯘﺳﻘﯩﻨﻪ ﺑﻮﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﻮﺩﺍ ﻗﯩﺰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺭﻭﻣﯩﻠﻰ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﭼﺎﭼﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻮﺷﯘﺭﻏﺎﻥ ،ﺋﯘﺯﯗﻥ ،ﻛﻪﯕﺮﻯ ﻛﻮﭘﺘﯩﺴﻰ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﺑﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻴﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﻣﻪﯕﯩﺰﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺳﯘﺳﻘﯩﻨﻪ ﻗﯩﺰﯨﻠﻠﯩﻖ ﺋﯘﭼﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﻴﯩﻤﯩﮕﻪ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﭖ ﺋﯘﻧﻰ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭﺩﻩﻙ ﺗﯜﺳﻜﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﮔﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻗﯩﺰ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻗﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﺳﯩﺰﻻ ﻳﺎﺵ ﺋﻮﻻﺷﺘﻰ .ﺋﯘ ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﭼﯩﯖﯖﯩﺪﻩ ﻗﯘﭼﺎﻗﻠﯩﺪﻯ.... ﮬﺎﻳﺎﻟﺸﯩﻤﺎﻳﻼ ،ﭘﯧﺪﺍﮔﻮﻛﯩﻜﺎ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﯨﺴﺘﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺰ ﺭﯗﻗﯩﻴﻪﻣﯘ ﻛﻪﻟﺪﻯ .ﺋﯘ ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻗﻨﯩﯔ ﻳﯘﺭﺗﻠﯘﻗﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯘﻣﯘ ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻗﺘﻪﻛﻼ
40
ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﯨﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰ ﺋﯩﻜﻪﻥ. -ﺭﯗﻗﯩﻴﻪ ﮬﻪﺩﻩﻡ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﮬﻪﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﻰ ﺋﯩﺪﻯ .ﻣﻪﻥ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡﻗﯩﻠﻐﺎﻥ .ﺑﯘ ﮬﻪﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺷﻰ ﺑﻪﻙ ﻳﺎﺧﺸﯩﺘﻰ .ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺭﯗﻗﯩﻴﻪ ﺩﯦﺴﻪ ﺗﻮﻧﯘﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ .ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻣﯘ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﻪﻙ ﻣﺎﺧﺘﺎﭖ ﺑﯧﺮﻩﺗﺘﻰ—..ﺩﻩﭖ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﺩﻯ ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻕ ﺩﺍﺳﺘﯩﺨﺎﻥ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﭼﺎﻱ ﻗﯘﻳﻐﺎﭺ .ﺋﯘ ﻳﺎﺗﯩﻘﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﯚﻳﺪﻩﻛﻼ ﺑﯧﺰﯨﯟﺍﻻﺗﺘﻰ .ﻛﺎﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎ ﻗﻮﻳﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﺋﯜﺳﺘﻪﻟﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺩﺍﺳﺘﯩﺨﺎﻥ ﺳﯧﻠﯩﭗ ،ﺋﯚﻳﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻧﺎﻥ-ﺗﻮﻗﺎﭼﻼﺭﻧﻰ ﺗﯩﺰﯨﭗ ،ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﭼﻪﻳﻨﯩﻜﯩﮕﻪ ﭼﺎﻱ ﻗﯘﻳﯘﭖ ،ﺳﯩﺮﻛﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﭼﺎﭺ ﺗﯘﺗﺘﻰ. -ﺋﻪﺟﻪﺏ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ-ﻳﺎ!—ﺩﯦﺪﻯ ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎ ﺩﻭﺭﯨﻠﯩﻖ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﯧﺰﯨﻠﯩﻚ ﭼﺎﻳﺪﯨﻦ ﺋﻮﺗﻠﯩﻐﺎﭺ.-ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﻳﯜﻡ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﯩﭗ ،ﮬﻪﺭ ﮬﻪﭘﺘﯩﺪﻩ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﯓ .ﺗﯧﺨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻗﻤﯘ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻤﻪﻥ ،ﺳﻪﻝ ﺗﯘﺭﯗﭖ.-ﺭﺍﺳﺘﻤﺎ؟ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﺘﯩﺴﯩﺰ؟ ﻳﺎﺗﺎﻗﺘﯩﻤﯘ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ؟-ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﯧﺘﯩﺸﻨﯩﻐﯘ ﺗﻮﺳﯩﺪﯗ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﻛﻠﯘﻕ ﻗﺎﺯﺍﻥ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺘﯩﻢ ﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻧﺪﺍ ،ﺷﯘ ﻗﺎﺯﺍﻧﺪﺍ ﺋﺎﻧﭽﻪ-ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺗﺎﻣﺎﻕﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﻤﻪﻥ ،ﻳﺎﺗﺎﻗﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺳﻪﻡ ﺑﻪﻙ ﺧﻮﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. -ﻣﯘﺷﯘ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭﻏﺎ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻼﺗﺘﯩﯖﯩﺰ ﮬﻪﺩﻩ!—ﺩﯦﺪﻯ ﺗﯘﻣﺸﯘﻗﯩﻨﻰ ﺳﻮﺯﯗﭖ.-ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺧﻮﺷﻨﯩﻐﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺟﯜﻣﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻧﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ .ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ،ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ،ﺧﻮﺷﻨﯩﻐﺎ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯘﺭﭼﻰ ،ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ .ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪﺟﯩﺮ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ .ﺋﯘﻻﺭﻣﯘ ﻣﯧﻨﻰ ﺑﻪﻙ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ،ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻳﻤﻪﻥ ،ﺩﯦﺴﻪﻡ ﺟﯩﻤﻤﯩﺪﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ .ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯜﻧﻠﯜﻛﺮﻩﻙ ﮔﻪﭘﻤﯘ ﻗﯩﻠﯩﺸﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻳﺎﺗﺎﻗﺘﺎ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﻤﯘ ﻳﯧﻤﻪﻳﺪﯗ .ﻣﻪﻥ ﺑﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﭘﺘﯘ؟ ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﻟﯩﯖﺸﯩﺘﺘﻰ .ﺭﯗﻗﯩﻴﻪ ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻗﻘﺎ ﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻛﯜﻟﮕﯩﻨﯩﭽﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. -ﺋﯘﻛﺎﻡ ،ﺳﯩﻠﻪﺭ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﯩﯖﻼﺭ ،ﻣﻪﻥ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﻩﻱ--،ﺩﯦﺪﻯ ﺭﯗﻗﯩﻴﻪ.-ﺑﻮﻟﺪﻯ ﮬﻪﺩﻩ ،ﻣﻪﻥ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ .ﭘﻮﻟﻮ ﺋﯧﺘﻪﻱ ﺩﻩﭖ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺳﻪﻳﻤﯘ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ ،ﺳﻪﯞﺯﯨﻨﯩﻤﯘ ﺗﻮﻏﺮﺍﭖﻗﻮﻳﺪﯗﻡ .ﺷﯘﻏﯩﻨﯩﺴﻰ ﮔﯚﺵ ﻳﻮﻕ ،ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺗﯘﺧﯘﻡ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥ ﭘﻮﻟﻮ ﻳﻪﭖ ﺗﯘﺭﯗﯕﻼﺭ .ﺑﯩﮫﻰ ﻳﻮﻕ ،ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎ ﺑﺎﺳﯩﻤﻪﻥ ،ﻳﻪﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻧﻐﯘ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ ﮬﻪ! ﺑﯘ ﮬﯜﻧﻪﺭﻧﻰ ﮬﻪﺩﻩﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ. --ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻪﭖ ﺳﺎﻟﻤﯩﺴﺎﻗﻼ ،ﮬﺎﻻﻟﻼ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺯﺍﻏﺮﺍ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺗﯧﺘﯩﯟﯦﺮﯨﺪﯗ ﮬﻪﺩﻩ!—ﺩﯦﺪﻯ ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎ
41
ﻛﯜﻟﯜﭖ. -ﯞﯗﻱ ،ﺋﺎﭘﭙﺎﻕ ﺧﺎﻥ! ﻣﯧﻨﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﮬﺎﺭﺍﻡ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﯧﺮﻩﻣﺪﯨﻜﯩﻦ ،ﺩﻩﭖ ﻗﻮﺭﻗﯘﯞﺍﺗﯩﺴﯩﺰﻏﯘ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ ﮬﻪ! ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺑﻮﻟﯘﯓ،ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﻩﻡ ﻛﯜﺗﯜﭘﺨﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ .ﺳﻪﯞﺯﻩ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﯜﺭﯛﭺ ﮬﺎﻻﻟﺪﯗ ﺋﻪﻣﺪﻯ .ﻳﺎﻏﻨﯩﻤﯘ ﺑﻪﻙ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ .ﺷﯘﯕﺎ ﻗﻮﺭﻗﻤﺎﻱ ﻳﻪﯞﯦﺮﯨﯔ. -ﻳﺎﻕ ﻳﺎﻕ ﮬﻪﺩﻩ ،ﻧﯧﻤﻪ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻧﺴﯩﺰ .ﻣﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺩﻩﭖ ﻗﻮﻳﺪﯗﻣﻐﯘ ﺋﻪﻣﺪﻯ!-ﺑﯘ ﻗﯩﺰ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﺎﻗﭽﺎﻕ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ،ﺟﯩﺪﺩﯨﻠﻪﺷﻤﻪﯓ--،ﺩﯦﺪﻯ ﺭﯗﻗﯩﻴﻪ ﻛﯜﻟﯜﭖ--،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﮬﻪﺩﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭ ،ﺋﺎﺗﯩﻜﻪﻡ ﺩﻩﭖ ،ﺷﯘ ﻗﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺷﺴﺎ ﺗﯧﺨﻰ ،ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﯞﺍﻱ ﺑﯘﻻﺭ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻧﻐﯘ ،ﺩﻩﭖ ﮬﻪﻳﺮﺍﻧﻼ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ .ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ،ﺧﻮﺷﻰ ﻳﻮﻕ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﻪﻙ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. -ﮬﺎ ﮬﺎ ﮬﺎ ،ﻧﻪﺩﯨﻜﯩﻨﻰ ،ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺶ ﻳﻮﻕ ﮬﻪﺩﻩ .ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ،ﺩﻩﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﺗﯧﺨﻰ!ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻗﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻰ ﺋﯩﺸﺘﺎ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﺎﻏﺰﻯ ﮔﻪﭘﺘﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ .ﺋﯘ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺳﯚﻟﻪﭘﻼ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. -ﮬﻪ ﺭﺍﺳﺖ ﮬﻪﺩﻩ ،ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪﻥ ﺋﯩﺶ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺪﻯ؟--ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ ﺋﯘ ﮔﯜﺭﯛﭼﻨﻰ ﺩﯛﻣﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ،ﺭﯗﻗﯩﻴﻪﺩﯨﻦ. -ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻛﯚﺭﺳﻪﻡ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺷﯜﺑﮫﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ .ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺗﺎﭘﻤﺎﻳﻼ ﻗﻮﻳﺎﻱ ،ﺩﯦﺪﯨﻢ.-ﮬﻪ ،ﺋﯘﻣﯘ ﺑﻮﭘﺘﯘ .ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ ﮬﻪﺩﻩ .ﺯﺍﺩﻯ ﺷﯜﺑﮫﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﻧﯧﺮﻯ ﺗﯘﺭﻏﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ .ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭼﯧﮕﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﻪﻳﻼ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻧﻤﯩﺰ. -ﺷﯘﻧﻰ ﺩﻩﯕﻪ .ﻣﯘﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﻘﯩﭽﻪ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ .ﺋﯘ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺗﺎﭘﻤﯩﺴﺎﻣﻤﯘ ﺭﯨﺰﯨﻖ ﺑﻪﺭﮔﯜﭼﻰ ﺋﺎﻟﻼﮪ ،ﺭﯨﺰﻗﯩﻤﻨﻰﻣﺎﯕﺎ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ ،ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺳﻮﺋﺎﻝ ﻧﻪﺯﯨﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻕ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪﯨﻴﯘ، ﺭﯗﻗﯩﻴﻪﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﺑﻪﻟﯩﻢ ﺩﯦﻴﯩﺶ-ﺩﯦﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ. --ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺩﻩﯞﯦﺮﯨﯔ--،ﺩﯦﺪﻯ ﺭﯗﻗﯩﻴﻪ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ.
42
-ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻻ ﺩﻩﭖ ﺑﯧﺮﯨﯖﻪ ﮬﻪﺩﻩ .ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻜﯩﻦ.-ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ--،ﺭﯗﻗﯩﻴﻪ ﺑﯩﺮﺩﻩﻡ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ:ﺑﯩﺰ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺑﺎﻻ ،ﻣﻪﻥ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﭽﯩﻜﻰ ﺋﯩﺪﯨﻢ .ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﻡ ﻳﺎﺷﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ .ﺋﺎﻛﺎ-ﺋﺎﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻢ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺗﯜﺯﯛﻙ ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﻱ ،ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﻣﻐﺎ ﺟﯩﻖ ﺟﺎﭘﺎ ﺳﯧﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﻼ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ﻛﯩﭽﯩﻜﻼ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﺍﭘﺘﯩﻜﻪﻥ .ﺗﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺷﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺟﺎﭘﺎﺳﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﯩﺪﯗ .ﻣﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻣﻤﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﻳﺎﺧﺸﯩﺮﺍﻕ ﺋﻮﻗﯘﭘﺘﯩﻜﻪﻧﻤﻪﻥ .ﭼﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺗﯧﺠﻪﻳﻤﻪﻥ ،ﺩﻩﭘﻼ ﭘﯧﺪﺍﮔﻮﮔﯩﻜﺎ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻧﺘﯩﻢ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺋﯚﺗﯜﺷﯜﻣﮕﯩﻼ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ .ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﺷﯘﻣﻐﺎ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ .ﺷﯘﯕﺎ ﻣﯧﻨﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﺷﺘﻰ .ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ،ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﯟﺍﻟﻐﯘﻡ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ .ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﯘﻝ ﺋﺎﻟﻤﺎﻱ ﺋﯚﺯﻩﻡ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻗﺎﺭﺍﺭﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ .ﻣﺎﻧﺎ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ،ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻣﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﺟﯧﻨﯩﻤﻨﻰ ﺑﯧﻘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ .ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ ،ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ،ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭﻛﻪﻥ. ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ ﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﻪﺭﺳﯩﯖﯩﺰ ،ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﭽﻪ ﻣﻪﻥ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻧﻤﻪﻥ. ﮬﻪﻗﻘﯩﻤﻨﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻧﺘﯘﻕ ،ﺷﯘﯕﺎ ﻗﯩﻼﻳﻤﯘ ﻳﻪ ،ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﭘﺮﺍﻕ ،ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ ﮔﯘﻧﺎﮪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﯘﻳﻐﯘﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ ،ﺷﯘﯕﺎ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﻼ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ .ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﯩﻤﺎﻧﻐﺎ ﺩﻩﺧﻠﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﺳﻪﻙ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ. ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ﻗﺎﻟﺪﻯ ،ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯚﻳﯩﺪﯨﻜﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯧﻴﯩﻐﺎ ﻣﯩﯔ ﻳﯘﻩﻥ ﭘﯘﻝ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﺳﯩﻤﯘ ،ﺋﯘ ﺋﯘﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﺋﺎﻳﻐﺎ ﺋﺎﺭﺍﻧﻼ ﺋﯘﻟﯩﺸﺎﺗﺘﻰ .ﺑﯘ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺟﺎﭘﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ،ﺋﯚﻳﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺯﺭﺍﻗﻤﯘ ﭘﯘﻝ ﺋﺎﻟﻤﺎﻱ ،ﻳﻪﻧﻪ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ،ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﻳﯜﺭﮔﯩﻨﯩﮕﻪ ﮬﯧﭻ ﺋﻪﻗﻠﻰ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ. -ﮬﻪﺩﻩ ،ﺋﯧﻴﯩﻐﺎ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﭘﯘﻝ ﺧﻪﺟﻠﻪﻳﺴﯩﺰ؟--ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎ ﺗﺎﺭﺗﯩﻨﯩﭙﻘﯩﻨﻪ.-ﺳﯩﯖﻠﯩﻢ ،ﺋﺎﻟﻼﮪ ﭘﯘﻟﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﻪﺭﺳﻪ 100ﻳﯘﻩﻥ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ 1000ﻳﯘﻩﻧﻤﯘ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ .ﺑﺎﺭﯨﺪﺍ ﺟﯩﻖ ﺧﻪﺟﻠﻪﻳﻤﻪﻥ ،ﻳﻮﻗﺘﺎ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ .ﺳﻪﯞﺭﭼﺎﻥ ،ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺗﭽﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺑﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ، ﺳﯩﯖﻠﯩﻢ.
43
ﺋﯘﻻﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﺩﻩﻡ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﺘﻰ .ﺩﯨﻤﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﭘﻮﻟﻮﻧﯩﯔ ﻣﯧﺰﯨﻠﯩﻚ ﮬﯩﺪﻯ ﺋﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻼ ﻗﻮﺭﺳﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﺍﺳﺎ ﺋﺎﭼﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻳﺎﺩﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ-ﺩﻩ ،ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﯧﻴﯩﺸﻜﻪ ﺗﯘﺗﯘﻧﺪﻯ .ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻳﺎﺗﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﻳﯧﮕﻪﻥ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺩﻩﻳﺴﯩﺰ؟ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺑﯘ ﭘﻮﻟﻮ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺗﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﺪﺍ-ﺳﺎﻧﺪﺍ ﻳﯧﻴﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﮬﺎﻻﻟﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ.... -ﭘﯩﺸﯩﻦ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﻻﻣﺪﯗﻕ؟--ﺩﯦﺪﻯ ﺭﯗﻗﯩﻴﻪ ﺗﺎﻣﺎﻗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻗﻘﺎ ﺩﺍﺳﺘﯩﺨﺎﻧﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﺸﺘﯘﺭﯗﺷﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﯟﯦﺘﯩﭗ.-ﻣﺎﻗﯘﻝ ،ﻧﺎﻣﺎﺯ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ--،ﺩﯦﺪﻯ ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻗﻤﯘ.-ﻣﻪﻥ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﻳﻤﻪﻥ ،ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﻮﻗﯘﯞﯦﻠﯩﯖﻼﺭ.-ﮬﻪ ،ﺋﯚﺯﺭﯨﻠﯩﻜﻤﯘﺳﯩﺰ؟--ﺩﯦﺪﻯ ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻕ ﻛﯜﻟﯜﭖ--،ﺑﻮﭘﺘﯘ ،ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﯔ.-ﻣﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺗﺎﮬﺎﺭﻩﺕ ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ،ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻪ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺗﯘﺭﺍﻱ ﮬﻪ!—ﺩﯦﺪﻯ ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎﻛﺎﺭﯨﯟﺍﺗﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﯜﭖ. -ﻧﯧﻤﻪ؟!—ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﯗﻗﯩﻴﻪ ﺗﻪﯕﻼ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﻰ--،ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﻣﺴﯩﺰ؟ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ ﺗﯘﺗﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!-ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ؟-ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺋﺎﻳﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻪﻛﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ! ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺗﯘﺗﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!-ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ؟ ﻣﻪﻥ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺳﻘﯘ؟-ﮬﻪ؟ ﺳﯩﺰ...ﺋﯚﺯﺭﯨﻠﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﺎ؟-ﻳﺎﻗﻪﻱ ،ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﻮﺭﺍﻳﺴﯩﺰ؟-ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﻳﺴﯩﺰ؟-ﺗﯧﺨﻰ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺘﯩﻢ .ﮬﺎﺯﯨﺮﭼﻪ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻕ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﯩﻤﻪﻥ ،ﻛﯧﻴﯩﻨﺮﻩﻙ ﺑﻪﺵ ﯞﺍﻕ ﺑﺎﺷﻼﻱ،ﺩﻩﭖ. ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﯗﻗﯩﻴﻪ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ ،ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﻻﻟﻤﺎﻱ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﺗﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺸﺘﺎ ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻕ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﯨﺸﯩﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﺯﺩﯨﻨﻤﯘ ﺑﻪﻛﺮﻩﻡ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ ،ﺩﻩﭖ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ ،ﯞﻩ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻤﺎﻱ
44
ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ﺋﻮﺭﯨﻨﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. -ﺳﯩﯖﻠﯩﻢ ،ﺑﯩﺮ ﭘﻪﺭﺯﻧﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍﻱ ،ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﭘﺘﯘ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯧﺴﯩﯖﯩﺰﺩﻩ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ،ﻧﺎﻣﺎﺯﺩﯨﻨﻨﯩﯔ ﺗﯜﯞﺭﯛﻛﻰ ،ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺩﯨﻨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ،ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﻛﺎﻓﯩﺮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭﻗﯩﻤﯩﺰ ﻧﺎﻣﺎﺯ،ﺩﯦﮕﻪﻥ .ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﻰ ﮬﻪﻡ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺳﻮﺭﯨﻠﯩﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﺯ .ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ .ﺑﯘ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻗﻮﻳﺴﺎﻕ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻪﻟﮕﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﭼﻮﯕﻰ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺳﯩﯖﻠﯩﻢ. -ﯞﺍﻱ ﺭﺍﺳﻤﺎ؟ ﻣﻪﻥ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﭘﻪﺭﺯﻧﻰ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ ،ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﯩﻤﯘ ﺑﺎﺷﻼﺭﻣﻪﻥ ،ﺩﻩﭖ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﯨﻤﺎﭘﺘﯩﻤﻪﻥ.-ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺋﻮﺭﯨﻨﯩﺸﻤﯘ ﭼﻮﯓ ﭘﻪﺭﺯ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻨﻤﯘ ﻣﯘﮬﯩﻢ.ﮬﺎﺯﯨﺮﻻ ﺑﯩﻠﻠﯩﻼ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﻣﺪﯗﻕ؟-ﻣﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﺴﻪﻡ؟-ﺟﯜﺭﯛﯓ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﻤﯩﺰ .ﺑﺎﻣﺪﺍﺕ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻳﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﭘﯩﺸﯩﻨﻨﯩﻤﯘ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯗ..................................... ﺷﯘ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺋﯚﮔﯩﺮﯨﭙﻼ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﭘﺎﺩﯨﭽﯩﻼﺭ ﺷﯩﻤﻰ ،ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻛﻮﭘﺘﺎ ﻛﯩﻴﯩﭗ ،ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﭘﺎﺭﻗﯩﺮﺍﻕ ﻳﺎﻏﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﭼﯩﮕﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﺩﯨﻦ ،ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺟﯩﻠﺒﺎﺑﻼﺭﻧﻰ ﻛﯩﻴﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ .ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﺭﯨﻨﯩﭗ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯘﺯﯗﻧﻐﯩﭽﻪ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﺩﯨﻦ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﮬﻪﺭ ﺋﯩﺸﺘﺎ ﺷﻪﺭﯨﺌﻪﺗﻨﯩﯔ ﮬﯚﻛﻤﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺋﻪﻣﺪﯨﻠﯩﻜﺘﻪ ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﮬﯩﺪﺍﻳﯩﺘﯩﮕﻪ ،ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺭﻩﮬﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﻣﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﯩﺪﯗ .ﺋﯘ ﺧﻮﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﻛﯩﻤﻤﯘ ﺧﻮﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ؟ ﻣﯘﺷﯘ ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎ ﺑﯩﺮ ﮬﻪﭘﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺳﯧﺰﯨﻢ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﺩﻯ .ﮬﻪﭘﺘﻪ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺩﻭﺳﺘﻰ ،ﺑﯩﺮ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﭼﺎﺭﻩ ﮬﻪﺩﯨﺴﻰ ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﺪﻯ .ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻨﻰ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻧﻪﺳﯩﮫﻪﺗﻠﻪﺭ ،ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﻠﯩﻚ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﻮﻝ ﺋﺎﻟﺪﻯ .ﺑﺎﻳﺎﻣﻘﻰ ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺭ ،ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﺩﯨﻦ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﺗﻪﺑﻠﯩﻐﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪﭺ ﺭﻩﺑﺒﯩﮕﻪ ﮬﻪﻣﺪ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﻣﯧﯖﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﻗﯩﺰ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯜﺗﯜﭖ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺘﺘﻰ....
45
ﮬﻪﻣﺸﯩﺮﯨﻠﻪﺭ )( 6 -ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻕ ﮬﻪﺩﻩ ،ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺪﺍ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ ،ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﯖﯩﺰ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟--ﺩﯦﺪﻯ ﺳﯜﻣﻪﻳﻴﻪ ﺗﯧﻠﯩﻔﻮﻧﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭙﻼ.ﺳﯜﻣﻪﻳﻴﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﭼﺎﻕ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯘ ﻗﯩﺰﻣﯘ ﻧﺎﻣﺎﺯﻟﯩﺮﻯ ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ ،ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﻪﮬﻜﺎﻣﻼﺭﻏﺎ ﺭﯨﺌﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯚﺯﻯ ﺋﻮﻣﺎﻗﻘﯩﻨﻪ ﻗﯩﺰ ﺋﯩﺪﻯ .ﺗﯧﺨﻰ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﺎﺗﺘﻰ. -ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ؟ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻛﯜﻧﯩﻼ ﻳﯧﻨﯩﻤﺪﯨﻦ ﺳﺎﻕ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺘﯩﻐﯘ؟ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻪﻥ؟ --ﺟﯩﺪﺩﯨﻠﯩﺸﯩﭗﺳﻮﺭﯨﺪﻯ ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻕ. -ﮬﺎﯞﺍ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ-3ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩﻜﻪﻥ ،ﺷﯘ ﻳﻪﺭ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻨﺮﺍﻕ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ .ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ.ﺑﺎﻳﺎ ﺋ ﻩﮬﯟﺍﻝ ﺳﻮﺭﺍﻱ ﺩﻩﭖ ﻳﺎﻧﻔﻮﻧﯩﻐﺎ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ .ﻳﻮﻗﻼﭖ ﺑﺎﺭﯨﻤﻪﻥ ،ﺩﯦﺴﻪﻡ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎﯓ ،ﺋﯚﺗﯜﻧﯜﭖ ﻗﺎﻻﻱ ﮬﯧﭽﻘﺎﻳﺴﯩﯖﻼﺭ ﻛﻪﻟﻤﻪﯕﻼﺭ .ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﺮﻩﻙ ﻛﯧﻠﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ،ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﺗﯧﻠﯩﻔﻮﻧﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻗﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﺗﯘﻳﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﻼ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﺋﯘ ﻗﯩﺰﻏﺎ ﺯﺍﺩﻯ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯗ؟ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺗﯜﺯﯛﻛﺮﻩﻣﯘ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻧﻤﻪﻥ .ﺋﯚﻳﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺮﺍﻗﺘﯘ؟ ﻧﯧﻤﻪ ﺳﻪﯞﻩﺑﺘﯩﻦ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯗ؟ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﻛﻪﻟﻤﻪﯕﻼﺭ ،ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﯗ..... ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﮬﻪﭘﺘﯩﻤﯘ ﮬﻪﺵ-ﭘﻪﺵ ﺩﯦﮕﯜﭼﻪ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﺋﯘ ﺑﯘ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻝ ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎﻏﺎ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﺳﻮﺭﺍﭘﻼ ﺗﯘﺭﺩﻯ .ﺗﯧﻠﯩﻔﻮﻥ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺗﯧﻠﯩﻔﻮﻧﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﯟﯦﺘﻪﺗﺘﻰ ﯞﻩ »ﮬﻪﺩﻩ ،ﺋﻪﭘﺴﯩﺰ ﺋﯩﺪﻯ، ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﯓ «...ﺩﻩﭘﻼ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﺟﯜﻣﻪ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻕ ﺷﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﺎﺭﺳﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ-ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﻗﯩﻠﺪﻯ» .ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﮬﻪﺩﻩ ،ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ ﺋﻪﺗﻪ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺳﺎﻗﻼﻳﻤﻪﻥ« ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﺩﻯ ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎ. ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻕ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻦ ﻣﯧﯟﻩ-ﭼﯧﯟﻩ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﻯ ،ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﻪﮬﻪﺭ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﯘﺧﯘﻡ ﭼﺎﻗﻘﺎﻥ ﺳﯘﻳﯘﻗﺌﺎﺷﻨﻰ ﻗﺎﭼﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﯕﺪﻯ .ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ ﺳﻮﻣﻜﯩﺴﯩﻐﺎ ﺳﺎﻟﺪﻯ-ﺩﻩ ،ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯘ ﻳﺎﺗﺎﻗﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﭙﻼ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻰ ﺗﯧﯖﯩﻘﻠﯩﻖ ،ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻼ ﺟﯜﺩﻩﭖ ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﯩﻼ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. 46
-ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﺪﯨﯖﯩﺰ ﺳﯩﯖﻠﯩﻢ؟ --ﺩﯦﺪﻯ ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻕ ﺳﺎﻻﻣﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻼ ،ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﻠﯩﺸﯩﭗ.-ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﯓ ﮬﻪﺩﻩ ،ﺩﻩﭖ ﻛﻪﻟﺴﻪﻡ ﮔﻪﭖ ﺗﻮﻻ--،ﺩﯦﺪﻯ ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﺎﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ.ﺋﺎﺭﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﺟﯩﻤﺠﯩﺘﻠﯩﻖ ﺑﺎﺳﺘﻰ .ﺑﯩﺮﺩﻩﻣﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎ ﺋﯧﺴﻪﺩﻩﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ: -ﻣﻪﻥ ﺋﻮﺭﺍﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ .ﮬﻪﺭ ﺗﻪﺗﯩﻠﺪﻩ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﺴﺎﻡﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻯ ﻳﺎﻏﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﯨﯟﯦﺘﯩﺪﯗ .ﺗﻪﺗﯩﻠﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﺎﺷﯩﻤﺪﺍ ﭘﻮﻳﯩﺰﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﭙﻼ ﭼﯩﮕﯩﯟﺍﻟﯩﻤﻪﻥ .ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻤﺪﯨﻦ ،ﮬﻪﻡ ﺋﯚﻳﯜﻣﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﮔﯧﭙﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ،ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﯩﻨﯩﻤﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ ،ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺘﺘﯩﻢ--،ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯚﻛﺴﯜﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ--،ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﻗﺎﺗﺘﯩﻘﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺗﻮﻧﯘﺵ-ﺑﯩﻠﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﺷﯘ ﺷﻪﮬﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﻪﻥ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﻪﭘﻼ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ .ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﯩﺰ؟ ﺗﺎﻏﺎﻡ ﺋﻮﺑﻼﺳﺘﻠﯩﻖ ﺗﯧﺮﻭﺭﻟﯘﻗﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ﭼﯩﮕﯩﭗ ﺳﯩﺮﺗﺘﺎ ﻳﯜﺭﮔﯩﻨﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻗﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻥ ،ﺗﺎﻏﺎﻣﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﺗﯩﭗ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﻪﻥ ﻣﺎﯞﯗ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﻪﻱ ﺩﯦﺴﻪﯓ ﺳﯩﯖﻠﯩﯖﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﯞﯗ ﻧﯧﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﯘﺯﯗﯞﻩﺕ ،ﺩﻩﭘﺘﯘ .ﻣﻪﻥ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻼ ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ﭼﯩﮕﻤﯩﮕﯩﻨﯩﻤﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻥ .ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻛﻪﻟﺴﻪﻡ ﻳﺎﺗﺎﻕ ﺑﯩﻨﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ .ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﭘﺘﯩﻜﻪﻥ ،ﻣﺎﯕﺎ ﺩﻩﭖ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﻼ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﻛﻪﭘﺘﯘ .ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺳﻪﻝ ﻗﻮﺭﻗﺘﯘﻡ ،ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺳﺎﻻﻡ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﺳﺎﻟﯩﻤﯩﻤﻐﺎ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﻣﺎﻳﻼ ﻛﺎﭼﯩﺘﯩﻤﻐﺎ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﺋﯘﺭﺩﻯ.... ﺋﯘ ﺋﯧﺴﻪﺩﻩﭖ ﮔﯧﭙﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻕ ﺳﻮﻣﻜﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﻏﻪﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺳﯘﻧﺪﻯ. »-ﺋﺎﻛﺎ ،ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﺪﯗﯓ؟ ﺳﺎﺭﺍﯕﻤﯘ ﺳﻪﻥ؟« ﺩﻩﭖ ﺗﻮﯞﻻﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ ،ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﻳﺎﺷﻼﺭ ﺗﯚﻛﯜﻟﯜﭘﻼ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﺋﯘ ﺑﻮﻟﺴﺎﺳﺎﺭﺍﯕﺪﻩﻙ ﺑﯧﺸﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﻏﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﻘﯘﭼﻼﻳﺘﺘﻰ .ﻣﻪﻥ »ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺴﻪﻥ؟ ﻗﻮﻟﯘﯕﻨﻰ ﺗﺎﺭﺕ!« ﺩﻩﭖ ﻳﯘﻟﻘﯘﻧﺎﺗﺘﯩﻢ .ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻳﺎﻏﻠﯩﻘﯩﻢ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﺎﻟﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﺳﺘﯘﻡ ،ﺗﻮﺳﯘﭖ ﺋﯜﻟﮕﯜﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ؟ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯘﺷﺖ-ﺗﯧﭙﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺵ-ﻛﯚﺯﯛﻣﮕﻪ ﻳﯧﻐﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ».ﺑﯩﺰ ﺳﯧﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺳﯘﻥ ،ﺩﻩﭖ ﺋﻪﯞﻩﺗﺴﻪﻙ ،ﮬﻪﻱ ﺩﯙﺕ ،ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺭﻭﭘﺎﺷﺘﻪﻙ ﻳﯜﺭﯛﯞﯦﻠﯩﭗ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﯕﻐﺎ ﻳﯜﺯ ﻛﯧﻠﻪﻟﻪﻣﺴﻪﻥ؟ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﻴﻪﻣﺴﻪﻥ؟ ﺩﯦﮕﯩﻨﻪ! ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯩﻴﻪﻣﺴﻪﻥ؟« ﻧﻪﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻏﻪﻳﺮﻩﺗﻜﯩﻦ ،ﺋﯚﺯﻩﻣﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﻻﻟﻤﺎﻳﻼ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﻮﯞﻻﭖ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯩﻤﻪﻥ » :ﺋﯘﺭﻩ! ﺋﯘﺭﯗﭖ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯨﯟﻩﺕ! ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻱ! ﻣﯧﻨﻰ ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﺴﻪﯕﻤﯘ ﻣﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺭﯨﻤﻪﻥ! ﺳﻪﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ! «...ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ
47
ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺷﯘ ﺋﺎﺭﯨﺪﺍ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﻧﯟﻩﺭ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﺗﺎﻏﺎﻣﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﻟﻐﺎﻧﻤﯘ ﺑﻮﻟﺪﻯ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﺎﻏﺎﻡ ﺋﯘﻧﯩﻤﯘ ﺋﯩﺘﺘﯩﺮﯨﯟﻩﺗﺘﻰ .ﻗﻮﻟﯘﻣﻨﻰ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﭘﺘﯩﻜﻪﻥ .ﻗﻮﻟﯘﻣﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘﯞﻩﺕ! ﺩﻩﭖ ﺑﯩﺮ ﻳﯘﻟﻘﯘﻧﺴﺎﻡ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺳﻪﻧﺘﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﭘﯧﺘﻰ ﻳﻮﻟﻨﯩﯔ ﻗﯩﺮﯨﻐﯩﻼ ﻳﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ﭼﯜﺷﺘﯜﻡ ،ﺑﯧﻠﯩﻜﯩﻢ ﻏﯩﺮﯨﺲ ،ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﻠﺪﯨﻴﯘ ،ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻤﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ ﺗﺎﺭﺍﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ ،ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ ﻗﻮﻟﯘﻣﻨﻰ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺷﻨﯩﯔ ﻗﯩﺮﻯ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﻛﯧﺴﯩﯟﯦﺘﯩﭙﺘﯩﻜﻪﻥ ،ﺑﯘﻟﺪﯗﻗﻼﭖ ﻗﺎﻥ ﺋﯧﻘﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺸﻜﯩﻦ ،ﻗﺎﻧﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭘﻼ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻛﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺋﺎﭼﺴﺎﻡ ﻣﯘﺷﯘ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺪﺍ ﻳﯧﺘﯩﭙﺘﯩﻤﻪﻥ .ﺑﯧﻠﯩﻜﯩﻢ ﺳﯘﻧﯘﭘﺘﯘ ،ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﻣﻪﻧﺪﻩ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﻥ ﺋﺎﺯﻟﯩﻖ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﺎﺭﻛﻪﻥ ،ﺩﻩﻳﺪﯗ .ﻳﻪﻧﻪ ﻳﯜﺭﻩﻛﻜﻪ ﻗﺎﻥ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ،ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻛﻼﭘﺎﻧﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﺴﯩﯟﺍﭘﺘﯘ ،ﺩﻩﻣﺪﯗ ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﺟﯩﻘﻼ ﮔﻪﭖ .ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻥ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺪﺍ ﻳﺎﺗﯩﺴﻪﻥ ،ﺩﻩﻳﺪﯗ .ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻧﯩﯔ ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﭽﻪ ﺑﻪﻙ ﺟﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺋﯚﺯﻩﻣﮕﻪ ﺑﻪﻙ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﭘﺘﯩﻤﻪﻥ. ﻣﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﺷﯘ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭﻛﻪﻥ .ﺗﺎﻏﺎﻡ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﯩﻤﯘ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻣﯧﻨﻰ ﺑﯧﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺘﻰ .ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺋﯩﺸﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﺷﯘﯕﺎ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻛﯧﻠﯩﯔ ،ﺩﯦﮕﻪﻧﺘﯩﻢ .ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ،ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻤﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ ،ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﻪﻧﺪﯨﺴﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻥ .ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﺎﮬﺎﻧﯩﺴﯩﺪﻩ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯚﻳﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ،ﺗﺎﻏﺎﻣﻤﯘ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ-ﻗﯘﺭﯗﻕ ﮔﻪﭘﻤﯘ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﻯ.... ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻕ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﻴﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﻳﺎﺵ ﻟﯩﻐﯩﺮﻻﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ» .ﺗﻮﯞﺍ ،ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟ ﻳﯧﻐﻰ ﻳﺎﻧﺪﯨﻦ ،ﺑﺎﻻ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﺘﯩﻦ ،ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﯘ ﺋﯩﻜﻪﻧﺪﻩ؟ ﺑﯩﺰ ﺗﯧﺨﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ،ﻳﺎﺕ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﻣﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯧﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﯞﺍﺗﯩﻤﯩﺰ .ﺑﯩﺰ ﺭﺍﺳﺘﻼ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﺪﯗﻗﻤﯘ؟ ﻧﯧﻤﯩﻨﻰ ﺧﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﺪﯗﻗﻤﯘ؟ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺑﯘﻳﺮﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﻪﺭﺯﻧﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻼﻳﻠﻰ ،ﺩﯦﺪﯗﻗﻘﯘ؟! ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﻳﻠﻰ ،ﺋﻪﯞﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﯚﮔﻪﻳﻠﻰ، ﺩﯦﺪﯗﻗﻘﯘ؟! ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺋﯘﺭﯗﻕ-ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ؟ «...ﺋﯘ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ ،ﻗﻪﻟﺒﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﯧﻤﻪ ﻳﻪﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ .ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﯘ ﺳﻮﺋﺎﻟﻐﺎ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ »ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﺳﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ،ﺩﻩﻳﺪﯗ« ﺩﯦﻴﯩﺸﻰ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻼ ﮔﻪﭖ .ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻣﯘ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺭﺍﺳﺘﻼ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻤﯩﺪﯗ؟ ﺋﻪﺟﯩﺒﺎ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻰ ﻗﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﻪﺧﺖ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﯩﭗ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﺘﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﻛﯜﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﺷﻤﺎﻣﺪﯗ؟ ﺋﻪﺟﯩﺒﺎ ﻗﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯩﻴﯩﭗ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﻣﺎﯕﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﻗﯩﺰﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﻳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻮﺗﺘﺎ ﻛﯚﻳﺴﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻴﻨﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﺭ ،ﺩﯦﮕﻪﻧﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺑﯩﺮ
48
ﻳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﭘﯘﭼﯩﻼﻧﻤﺎﻣﺪﯨﻐﺎﻧﺪﯗ...... -ﮬﻪﺩﻩ ،ﺗﺎﻏﺎﻡ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻻﺭﻣﯩﻜﯩﻦ ،ﺩﻩﭖ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﻩﭖ ﻗﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ--،ﺩﯦﺪﻯ ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎ ﺳﺎﺋﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖﻗﻮﻳﯘﭖ--،ﺋﻪﺟﻪﺏ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﻏﻠﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ ﮬﻪ! ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﯓ. -ﻳﺎﻗﻪﻱ ،ﮬﯧﭽﻘﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ .ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﮔﻪﭖ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺑﻪﺭﻣﻪﻱ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺳﯩﯖﻠﯩﻢ ،ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮﻻ ﺳﯚﺯﯛﻡ ،ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﯖﯩﺰﺩﺍﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﯗﯓ .ﺳﯩﻨﺎﻟﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻣﯘﺋﻤﯩﻦ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺴﯩﻠﻪﺭ ،ﻣﯘﺋﻤﯩﻦ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﻣﻪﻳﺴﯩﻠﻪﺭ ،ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮬﻪﺩﯨﺴﻨﻰ ﻳﺎﺩﯨﯖﯩﺰﺩﺍ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﯘﯓ .ﺑﯩﺰ ﺳﯩﻨﺎﻟﻤﯩﺴﺎﻕ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﮔﯘﻣﺎﻧﻼﻧﺴﺎﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺋﺎﻟﻼﮪ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯩﻨﺎﻳﺪﯗ .ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪﻡ ﺑﻮﻟﯘﯓ .ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺑﻮﻟﯘﯓ... ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻕ ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻦ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯚﯕﯜﻟﺴﯩﺰ ﻗﺎﻳﺘﺘﻰ .ﺗﻮﯞﺍ ،ﻗﯩﺰﯨﻖ ﺋﯩﺶ ﺩﯦﺴﻪ .ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﻗﻮﻟﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﺑﺎﻻﻡ، ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺳﺎﯕﺎ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ ،ﻛﯚﯕﻠﯜﯕﮕﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎﺏ ﺑﻪﺭﺳﯘﻥ ،ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘ ،ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻕ ﻧﺎﻣﺎﺯﻏﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ .ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ ﭘﯘﺕ-ﻗﻮﻟﯘﯕﻨﻰ ﭼﯧﻘﯩﯟﯦﺘﯩﻤﻪﻥ ،ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ،ﮬﻪﻣﻤﻪ ﭘﻪﺭﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍﻳﻤﻪﻥ ،ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺭﺍﺯﻯ ﻗﯩﻠﻐﯘﺩﻩﻙ ﻣﯘﺋﻤﯩﻦ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ ،ﺩﻩﻳﺪﯗ .ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﻧﯧﻤﯩﺪﯗ؟ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺯﺍﺩﻯ ﻧﯧﻤﯩﺪﯗ..... ﻳﺎﺗﺎﻗﻘﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﭼﯧﻐﯩﺪﺍ ﭘﯩﺸﯩﻦ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ .ﺋﯘ ﻳﺎﺗﯩﻘﯩﺪﺍ ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ .ﻳﺎﺗﺎﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﺋﻮﺭﯗﻧﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ »ﺑﯚﻟﯜﭖ« ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﯩﺪﻯ .ﺋﯘ ﺗﺎﮬﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻳﯧﯖﯩﻼﭖ ﺟﻪﻳﻨﺎﻣﯩﺰﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ .ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﭘﯩﻐﺎﻥ ﺋﯧﺘﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ،ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯨﻜﯩﻦ؟ ﮬﺎﺯﯨﺮﻣﯘ »ﺩﯨﻨﺪﯨﻦ ﺧﯩﺮﻭﺋﯧﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ .ﺧﯩﺮﻭﺋﯧﻦ ﭼﻪﻛﺴﻪﯓ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﭗ ﺗﺎﺷﻼﺗﻘﯘﺯﺍﺗﺘﯩﻢ .ﻛﺎﻟﻼﯕﻨﻰ ﺑﯘ ﺯﻩﮬﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﻩﮬﻪﺭﻟﻪﭖ ﻛﻪﭘﺴﻪﻥ ،ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺳﯧﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﺘﯩﻤﻪﻥ؟« ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﻣﺪﯨﻜﯩﻦ؟ ﻳﺎﻛﻰ »ﺑﻮﭘﺘﯘ ،ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﺴﺎﯓ ﻗﯩﻞ ،ﺑﻪﺭﯨﺒﯩﺮ ﺳﺎﯕﺎ ﮔﻪﭖ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﻩﻟﻤﯩﺪﯨﻢ« ﺩﻩﻣﺪﯨﻐﺎﻧﺪﯗ؟ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻚ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﯩﺪﻯ! ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺗﯜﮔﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﺭﻣﯩﺰﻣﯘ؟ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﺪﺍ» ﺑﻮﻟﺪﻯ ،ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻧﻤﻪﻥ ،ﺩﻩﭘﻼ ﻗﺎﻻﻱ ،ﺑﯩﺮﺍﻗﻼ ﻛﯧﭽﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪﻙ ﺋﻪﻝ-ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺳﻪﺗﻤﯘ ﺗﯘﺭﺍﺭ، ﺗﯧﺸﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﭼﺎﻧﺪﯗﺭﯗﺷﻤﺎﻳﻠﻰ .ﺳﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﻣﯧﻨﻰ ﺩﺍﺩﺍﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﯧﺴﺎﺑﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﯦﺘﯩﯖﻼﺭ «..ﺩﻩﻣﺪﯨﻐﺎﻧﺪﯗ؟ ﻳﺎﻕ ،ﺋﯘ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﺘﺎ ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ ﮔﻪﭖ ،ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ ﺗﯘﺭﺳﺎ! ﺋﺎﻟﻘﯩﻨﯩﻤﺪﺍ ﭘﯜﯞﻟﻪﭖ ﭼﻮﯓ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻢ ،ﻣﻪﻟﯩﻜﯩﻠﯩﺮﯨﻢ،
49
ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻢ ،ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯘﺭﺳﺎ.... ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻕ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﺯﻏﺎ ﻛﯚﺗﯜﺭﺩﻯ ،ﺩﯗﺋﺎﺩﺍ ﺋﯚﻛﺴﯜﭖ-ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻳﯩﻐﻠﯩﺪﻯ ،ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ،ﺋﯘﺭﯗﻍ-ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎﻏﺎ ،ﻓﺎﺗﯩﻤﻪﮔﻪ ،ﺩﯨﻠﻨﯘﺭﻏﺎ ،ﺳﯜﻣﻪﻳﻴﻪﮔﻪ....ﺋﯚﺯﯨﺪﻩﻙ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﺪﺍ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﺰﻻﺭﻏﺎ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﺪﻯ...ﺗﺎﻛﻰ ﻳﺎﺗﺎﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺳﯩﺮﺗﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯜﺭﺗﺘﻰ. ﺋﯘ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﺎﭘﯩﺴﯩﻐﺎ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺍﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺧﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺯﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ. » ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻚ ﺋﺎﭘﺎ ،ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﯩﺸﻠﯩﻖ ﺗﻪﺗﯩﻠﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻥ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﯚﻳﯩﺪﯨﻦ ﺟﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﭘﺘﯘ .ﮬﻪﻟﯩﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﯩﺰ ﺗﻪﺗﯩﻠﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ،ﺋﺎﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻳﯧﯖﻰ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ،ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﻗﯘﭼﺎﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯘﺧﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ...ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺯﻭﻕ-ﺷﻮﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺘﻰ، ﻛﯚﺯﻩﻣﮕﻪ ﻳﺎﺵ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻗﻪﺳﺘﻪﻥ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﻤﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﺸﺘﯘﺭﻏﯩﻠﻰ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﭽﯩﻤﺪﻩ ﻣﯩﯖﻨﻰ ﺗﯩﻠﻼﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ .ﺋﯘ ﻗﯩﺰﻏﺎ ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ،ﺟﻪﻳﻨﺎﻣﺎﺯ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ «....ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺧﯧﺘﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺍﻟﻤﯩﺪﻯ .ﺗﺎﺭﺍﻣﻼﭖ ﺋﺎﻗﻘﺎﻥ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﻯ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﻳﯜﺯﯨﻨﯩﻤﯘ ﮬﯚﻝ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﺘﻰ .ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﺪﻯ ،ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﯩﻠﻰ .ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻳﯩﻠﻘﻰ ﻳﺎﺯﻟﯩﻖ ﺗﻪﺗﯩﻠﻨﻰ ﺑﻮﯞﺍ-ﻣﻮﻣﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ،ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﮬﻪﭘﺘﻪ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﻰ. ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻳﺎﺕ ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﻩﻛﻼ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ .ﺋﯘ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯘ ﺋﯚﻣﺮﯨﺪﻩ ﺋﺎﻧﺎ ﻣﯧﮫﺮﯨﮕﻪ ،ﺋﺎﺗﺎ ﻣﯧﮫﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﻧﻤﺎﻱ ﻗﺎﻻﺭﻣﯘ؟ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻣﯧﮫﯩﺮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﺩﺍ! ﺋﺎﭘﺎ! ﺩﻩﭖ ﻗﯘﭼﺎﻗﻠﯩﻴﺎﻟﻤﺎﺳﻤﯘ؟.... ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎﻣﯘ ﻛﺎﺭﯨﯟﺍﺗﺘﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻗﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ. ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﺗﺎﻏﯩﺴﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﯩﻤﻪﻥ ،ﺩﻩﯞﺍﺗﺎﺗﺘﻰ .ﺭﺍﺳﺘﻼ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻤﯩﺪﯗ؟ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻮﺭﯨﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﻰ ﻳﻮﻕ ،ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘ »ﺑﯘ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﯚﺭﭖ-ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﻤﯩﺰ« ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﯩﺪﻯ» .ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﻴﯩﻨﻤﯩﮕﻪﻧﻐﯘ؟« ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ» ،ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻛﯩﭽﯩﻜﺘﯩﻢ ،ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﺸﯩﻤﻐﺎ ﻳﻪﺗﺘﯩﻢ .ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﻴﻤﯩﺴﻪﻡ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺑﻪﻙ ﻣﯘﺗﻪﺋﻪﺳﺴﯩﭗ« ﺩﻩﭘﻼ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺗﯜﮔﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺗﺎﻏﯩﺴﻰ ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻼ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﯩﻐﺎ ﺩﯦﺴﻪ ،ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯘﻧﯩﯖﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﻣﯘﺷﯘ ﺷﻪﮬﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﺭﺍﻧﻐﺎﻥ ،ﻧﺎﻣﺎﺯﺧﺎﻥ ﮬﻪﻣﺸﯩﺮﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﺎﯞﺍﺭﯨﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ .ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺋﯘ ﮬﻪﻣﺸﯩﺮﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﯜﺯ ﻛﯧﻠﻪﻟﻪﻳﺪﯗ؟ﺋﯘ
50
ﻛﺎﺭﯨﯟﯨﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﯞﺍﻳﻼﭖ ﭼﯜﺷﺘﻰ ،ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﻖ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺗﺎﮬﺎﺭﻩﺕ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﯞﻩ ﭼﺎﭘﯩﻨﯩﻨﻰ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻧﺎﻣﺎﺯﻏﺎ ﺗﯘﺭﺩﻯ: »ﺋﻰ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﺎﻟﻼﮪ! ﺳﻪﻥ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﺳﯩﻨﺎﻳﺴﻪﻥ! ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﻪﺳﮫﺎﺑﻼﺭ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺳﯩﻨﺎﻕ ﻛﻪﻟﻤﯩﺴﻪ ،ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﻳﺎﺭﯨﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ ،ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺳﯩﻨﺎﻗﻼﺭ ﭼﯜﺷﻤﻪﻳﺪﯗ؟ ﺩﻩﭖ ﻳﯩﻐﻠﯩﺸﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ .ﺳﻪﻥ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺳﯩﻨﺎﻗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﻧﯩﺌﻤﯩﺘﯩﯖﻨﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﻪﺭﺩﯨﯔ .ﺋﻰ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﺎﻟﻼﮪ ،ﻣﺎﯕﺎ ﺳﻪﺑﺮﻧﯩﻤﯘ ﺑﻪﺭﺳﻪﯓ! ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻧﻮﻣﯘﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﯜﺷﻜﻪ ﻧﯧﺴﯩﭗ ﻗﯩﻠﺴﺎﯓ ﺋﯩﻜﻪﻥ ،ﺩﻩﭖ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ ﺋﻰ ﺭﻩﺑﺒﯩﻢ! ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﻡ ﻣﯧﻨﻰ ﺑﺎﻗﺘﻰ، ﭼﯩﺸﯩﻢ ﻳﻮﻗﯩﺪﺍ ﭼﺎﻳﻨﺎﭖ ﻳﯧﮕﯜﺯﺩﻯ ،ﺳﯚﺯﻟﯩﻴﻪﻟﻤﯩﮕﯩﻨﯩﻤﺪﻩ ﻣﺎﯕﺎ ﺗﯩﻞ ﺑﻮﻟﺪﻯ ،ﻣﯧﯖﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﻣﺎﯕﺎ ﭘﯘﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ ،ﺋﺎﻏﺮﯨﺴﺎﻡ ﺩﺍﯞﺍﻻﺗﺘﻰ ،ﻛﯚﺯﯛﻣﺪﯨﻦ ﺗﺎﻣﭽﻪ ﻳﺎﺵ ﺋﺎﻗﺴﺎ ﺋﯘﻧﻰ ﻟﯧﯟﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯘﺭﯗﺗﺘﻰ .ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﮬﯩﺪﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ ،ﺋﻰ ﺋﺎﻟﻼﮪ! ﺋﻰ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﺎﻟﻼﮪ! ﺳﻪﻥ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩﯗﺋﺎﺳﯩﻨﻰ ﺋﯩﺠﺎﺑﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺴﻪﻧﻐﯘ!؟ ﻣﺎﻧﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻻﻱ ﺩﯦﺪﻯ ،ﮬﻪﺭ ﺳﻪﺟﺪﯨﺪﻩ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﻤﻪﻥ .ﺋﻰ ﺋﺎﻟﻼﮪ! ﺩﯗﺋﺎﻳﯩﻤﻨﻰ ﺋﯩﺠﺎﺑﻪﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎﯓ! ﺳﻪﻥ ﺑﻪﻧﺪﻩﯕﻨﯩﯔ ﺳﺎﯕﺎ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯘﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﻣﺎﻳﺴﻪﻥ .ﺋﻰ ﺋﺎﻟﻼﮪ! ﺗﺎﻏﺎﻣﻨﻰ ،ﮬﺎﻣﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﮬﯩﺪﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ! ﻣﻪﻥ ﮬﯧﭽﻘﺎﻳﺴﻰ ﺗﯘﻏﻘﯩﻨﯩﻤﻨﯩﯔ ﺩﻭﺯﺍﺥ ﺋﻮﺗﯩﺪﺍ ﻛﯚﻳﯜﺷﯩﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﻤﻪﻥ .ﺋﻰ ﺋﺎﻟﻼﮪ! ﺗﺎﻏﺎﻣﻨﯩﯔ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﻏﻔﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻞ! ﺗﺎﻏﺎﻡ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ! ﺋﯘ ﺑﯩﻠﻤﻪﺳﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﺋﯘﻧﻰ ﻣﻪﻏﻔﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻞ ﺋﻰ ﺋﺎﻟﻼﮪ! ﺋﯘﻧﻰ ﻣﻪﻏﻔﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻞ!!« ﻛﯚﺯ ﻳﺎﺷﻼﺭ ﻳﯩﭙﻰ ﺋﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﻣﺎﺭﺟﺎﻧﺪﻩﻙ ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎﻧﯩﯔ ﻣﻪﯕﺰﯨﻨﻰ ﺑﻮﻳﻼﭖ ﺳﯩﺮﻏﯩﻤﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ .ﻣﯜﺭﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﻛﺴﯜﺷﺘﯩﻦ ﺗﯩﺮﻩﻳﺘﺘﻰ. ﺷﯘ ﺋﺎﺭﯨﺪﺍ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺑﯩﺮﻯ ﻗﺎﺭﺍ! ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ،ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻗﺎﺭﯨﺪﻯ .ﺗﺎﻏﯩﺴﻰ ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﯩﻜﻜﻪ ﻳﯚﻟﻪﻧﮕﯩﻨﯩﭽﻪ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺗﺎﻏﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺟﻪﻳﻨﺎﻣﯩﺰﯨﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﺸﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﺩﻯ. -ﻧﯧﻤﻪ ﻳﺎﺗﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﻟﺪﯨﯔ؟--ﺩﯦﺪﻯ ﺗﺎﻏﯩﺴﻰ ﻳﯘﻣﺸﺎﻗﺮﺍﻕ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯﺩﺍ .ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﻣﺎﻱ ﻛﺎﺭﯨﯟﯨﺘﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗﻳﺎﺗﺘﻰ ،ﯞﻩ ﺗﺎﻏﯩﺴﯩﻐﺎ ﺩﯛﻣﺒﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺭﯛﻟﯩﯟﺍﻟﺪﻯ. -ﺳﺎﯕﺎ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﻪﻛﻪﻟﺪﯨﻢ ،ﺗﯘﺭﻩ ،ﭼﯚﭼﯜﺭﯨﮕﻪ ﺋﺎﻣﺮﺍﻗﺘﯩﯖﻐﯘ!-ﻳﯧﻤﻪﻳﻤﻪﻥ.-ﺋﯩﭽﻤﯩﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﺪﺍ ،ﺩﯦﮕﻪﻥ ﭼﯚﭼﯜﺭﻩ ﻣﯘﺷﯘﻛﻪﻥ ﺟﯘﻣﯘ!—ﺗﺎﻏﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﻮﺯﯨﺘﺴﻴﯩﺴﻰ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭙﻼ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙﻗﯩﻼﺗﺘﻰ.
51
-ﻣﻪﻥ ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﺴﯩﺰ .ﺋﯚﺯﯛﯓ ﺋﯩﭽﯩﯟﻩﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ.-ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﭖ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﻪﭖ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ .ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻥ ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﭗﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺘﯘﻕ--،ﺩﯦﺪﻯ ﺗﺎﻏﯩﺴﻰ ﺋﺎﺷﻨﻰ ﻗﺎﭼﯩﻐﺎ ﺋﯘﺳﻘﺎﭺ. -ﻧﯧﻤﻪ؟!—ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺋﯚﺭﯛﻟﯜﭖ ﺗﺎﻏﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺪﻯ--،ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﻴﯩﺸﺘﯩﯔ؟-ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﻴﯩﺸﻪﺗﺘﯩﻢ ،ﺷﯘ ﺳﯧﻨﻰ ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ﭼﯩﮕﺴﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﺑﯘ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯚﺭﭖ-ﺋﺎﺩﻩﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ .ﺋﺎﻟﯩﻲﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺩﯨﻨﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻣﺴﻪﻥ ،ﺩﯦﺪﯨﻢ. ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎﻧﯩﯔ ﻳﯜﺭﯨﻜﻰ ﺟﯩﻐﯩﻠﺪﺍﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﺗﻮﯞﺍ ،ﻣﺎﯞﯗ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﯓ .ﺋﯘ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ؟ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﺎﯞﺍﺭﯨﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﺭﻣﯘ؟ ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻳﺎﻻﺭﻣﯘ؟....ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎ ﺧﯩﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻘﺎ ﺟﯜﺭﺋﻪﺕ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﺪﻯ. -ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﻗﯩﭙﺴﻪﻥ ﺗﺎﻏﺎ ،ﺑﻪﻙ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻗﯩﭙﺴﻪﻥ .ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺳﯩﯖﻠﯩﻤﻨﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﮬﻪﻳﺪﯨﯟﯦﺘﯩﯖﻼﺭ ،ﺩﯦﺴﻪﯓ ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺘﻰ؟ﻣﯘﺩﯨﺮﻧﯩﻼ ﺋﯩﺰﺩﯨﻤﻪﭘﺴﻪﻥ ﺗﺎﻳﯩﻨﻠﯩﻖ--،ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻣﯘﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺟﯜﺭﺋﻪﺗﻨﯩﯔ ﻧﻪﺩﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﯩﻨﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺘﺘﻰ. -ﻗﺎﻗﺸﯩﻤﺎ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯘﯕﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯘﯓ ﻳﻮﻗﻤﺎ؟-ﻳﻮﻕ!-ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯘﯓ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ ﻗﺎﺭﺍ--،ﺩﯦﺪﻯ ﺗﺎﻏﯩﺴﻰ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎﻏﺎ ﺳﯘﻧﯘﯞﯦﺘﯩﭗ»--،ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎ ﺩﻩﺭﺳﺘﻪﻳﺎﺧﺸﻰ ،ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ .ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﻣﻐﺎ ﺑﻪﻙ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ .ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﯧﻐﯩﻤﺪﺍ ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ،ﺋﯚﻳﯜﻣﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﻣﯧﻨﻰ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﻮﺳﻘﺎﻥ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭ ﺗﻮﺳﻘﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﯨﻤﺪﺍ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﯩﯖﯩﻴﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ .ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺑﯘﺗﭙﻪﺭﻩﺱ ﺋﯩﺪﻯ ،ﺋﯘﻻﺭ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﯨﻤﻨﻰ ﺯﺍﺩﯨﻼ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ .ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻻﺭ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺭﺩﻯ .ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﯚﻳﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻢ ﻳﯩﺮﯨﻜﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﺑﯘ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﯩﻤﮕﯩﻤﯘ ﭼﻮﯓ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﺩﻯ .ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎﻧﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺭﭖ-ﺋﺎﺩﻩﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻣﻪﻥ ﺑﯘﺭﯗﻧﻼ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﻴﯩﻨﻤﻪﻳﺴﻪﻥ ﺩﯦﺴﻪﻙ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﻪﻛﺲ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻰ ،ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﯩﺴﯩﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﺳﺎﻗﺎﻳﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﺭﺍ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ،ﺷﯘﯕﺎ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﺍ-ﺑﺎﺭﺍ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﺎﻟﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﻪﺭﮔﯩﻨﯩﯖﻼﺭ ﺗﯜﺯﯛﻙ .ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺑﯘ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﺋﯩﺸﯩﻐﺎ
52
ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺑﯩﺮﻛﯩﻤﻨﻰ ﺯﻭﺭﻻﭖ ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ« ،ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎ ﺗﺎﻏﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮔﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺩﺍﯕﻘﯧﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﺳﯘﺑﮫﺎﻧﺎﻟﻼﮪ! ﺳﯘﺑﮫﺎﻧﺎﻟﻼﮪ! ﺋﺎﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻛﺒﻪﺭ! ﻟﻪ ﮬﻪﯞﻟﻪ ﯞﻩﻟﻪ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻪ ﺋﯩﻠﻼ ﺑﯩﻠﻼ! ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﺗﻪﺱ ﺋﯩﺶ ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﺋﺎﺳﺎﻥ! ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﻗﯘﺩﺭﯨﺘﻰ ،ﺭﻩﮬﻤﯩﺘﻰ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﻪﯓ ،ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻣﻪﻥ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺑﯩﻠﻪﻟﻪﻣﺘﯩﻢ؟ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﻣﯚﺟﯩﺰﻩ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ .ﺋﺎﻟﻼﮪ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯘﻟﯘﻍ!! ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﻯ ﺗﺎﺭﺍﻣﻼﭖ ﺋﯧﻘﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .ﺋﺎﻟﻼﮪ ،ﺳﯩﻠﯩﮕﻪ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﮬﻪﻣﺪﻟﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ! ﺳﯩﻠﻰ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ! ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﻣﯚﺟﯩﺰﻩ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﻪﻣﺪﯗ ،ﺩﻩﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﯕﻠﯩﺴﯘﻥ! ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺩﯗﺋﺎﻧﻰ ﺋﯩﺠﺎﺑﻪﺕ ﻗﯩﻼﻣﺪﯗ ،ﺩﻩﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﯕﻠﯩﺴﯘﻥ! ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺑﻪﻧﺪﯨﺴﯩﮕﻪ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ!! -ﺳﻪﻥ ﺷﯘ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﮔﯧﭙﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭘﻼ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻨﯩﭗ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﺴﻪﻥ؟--ﺩﯦﺪﻯ ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯜﺭﺗﯜﭖ--،ﺳﻪﻥ ﺋﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﺮﯨﻤﻪﻳﺴﻪﻥ ﺋﻪﺳﻠﻰ. -ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺟﯩﻖ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﺗﺎﻣﯩﻘﯩﯖﻨﻰ ﻳﯧﮕﯩﻨﻪ! ﺳﻮﯞﯗﭘﻤﯘ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﻳﺎﺋﺎﻟﻼﮪ ،ﻗﯩﻴﻤﯩﻐﺎ ﻣﺎﻳﻨﻰ ﻧﯧﻤﺎﻧﭽﻪ ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪﯗ! ﺳﻪﻝﺳﻮﯞﯗﺳﯩﻼ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻣﺎﻳﻠﯩﺮﻯ ﻗﯧﺘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ. ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﻗﯘﺩﺭﯨﺘﻰ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﮬﻪ! ﺗﯧﺨﻰ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻼ ﺗﺎﻏﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﺸﯩﺪﯨﻦ ،ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯖﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﻪﻣﺸﯩﺮﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﺗﻪﺱ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻣﯜﺷﻜﯜﻟﻨﻰ ﺋﯘ ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯘ ﺋﻮﻳﻼﭘﻤﯘ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. -ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻧﻪﺭﺳﻪﯓ ﻛﻪﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺩﯦﮕﯩﻦ .ﻣﻪﻥ ﻣﺎﯕﻐﯘﭼﻪ ﻛﻪﻡ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﻩﻱ .ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﯩﻤﯘﺟﯩﻘﺮﺍﻕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﻩﻱ .ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﯞﺍﻗﺘﻰ-ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﻳﻪ .ﺋﯚﻳﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﭘﯘﻝ ﺋﻪﯞﻩﺗﻤﻪﻳﯟﺍﺗﺎﻣﺪﯗ؟ ﻣﻪﻥ ﺩﻩﻱ ،ﺟﯩﻘﺮﺍﻕ ﺋﻪﯞﻩﺗﺴﯘﻥ ، ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﻳﻪ .ﮬﻪ ﺭﺍﺳﺖ ،ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﯔ ﺳﯧﻨﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﭼﯧﺘﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ،ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯨﺪﯗ .ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﯩﻤﯘ ،ﻣﺎﯕﯩﻤﯘ ﺋﯩﺶ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ .ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ،ﻛﯩﻴﯩﻤﯩﻨﻰ ﻛﯩﻴﯩﭗ ﺟﯩﻢ ﻳﯜﺭﺳﯘﻥ، ﺩﻩﻳﺪﯗ ﺟﯘﻣﯘ!! ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﯚﭼﯜﺭﯨﻨﻰ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺩﻯ .ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ﺗﺎﻏﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﻩ ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﮬﻪﻣﺪ ﺋﯧﻴﺘﺎﺗﺘﻰ. ﻛﻪﭺ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﻪ ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎ ﺑﯘ ﺧﻮﺵ ﺧﻪﯞﻩﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭖ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻗﻘﺎ ﯞﻩ ﭘﻪﺭﯨﺪﻩﮔﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﺩﻯ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﭘﻪﺭﯨﺪﻩﺩﯨﻦ
53
ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﺩﯨﻜﻰ ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻧﻪﻟﻪﺭﮔﯩﺪﯗﺭ ﺋﯘﭼﯘﺭﯨﯟﻩﺗﺘﻰ. »ﮬﻪﺩﻩ ،ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯘﭼﯘﺭﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺧﻮﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ .ﺋﺎﻟﻼﮪ ﻣﯜﺷﻜﯜﻟﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ .ﻣﻪﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﯘﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﺍﻗﻼ ﻳﯩﺮﺍﻗﻼﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﻣﻪﻳﻠﻰ ،ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺭﯨﺰﺍﻟﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﺪﯨﻢ .ﺋﺎﻟﻼﮪ ﻣﺎﯕﺎ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻨﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ ،ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﺪﯨﻢ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻥ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﺋﯘﻧﯩﯖﺴﯩﺰ ﻳﺎﺷﯩﻴﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ .ﺷﯘﯕﺎ ﺋﻮﺭﺍﻧﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ .ﻣﯧﻰ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﯕﻼﺭ .ﻣﯧﻨﻰ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﺎﯞﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﻤﺎﯕﻼﺭ«....
54
ﮬﻪﻣﺸﯩﺮﯨﻠﻪﺭ )( 7 -3ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ،ﺑﯘ ﻧﻪﻡ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﻮﻏﯘﻗﻰ ﺗﯧﺨﻰ ﺗﯜﮔﯩﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺧﯧﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺰﻩ ﺗﯜﯞﯨﺪﻩ ﺧﯩﻴﺎﻝ ﺳﯜﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻱ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯘﭼﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻣﯘﺯﻻﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﺪﻯ ﯞﻩ ﻳﺎﺗﺎﻕ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺧﯩﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ. ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﺷﯩﮕﯩﻤﯘ ﺋﺎﺯ ﻗﺎﻟﺪﻯ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻼﻣﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﯟﺍﻟﻐﯩﻨﯩﻐﯩﻤﯘ ﺗﯚﺕ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﺑﯘ ﺗﯚﺕ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﯩﺠﻪﺯ-ﺧﯘﻟﻘﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﮬﻪﺭ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﻜﺘﯩﻜﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﻣﯩﺠﻪﺯﻟﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺪﯗ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻱ ﺋﯩﭽﻰ-ﺗﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻳﯩﭙﻴﯧﯖﻰ ﻗﯩﻴﺎﭘﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﯩﺮ ﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ،ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ،ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﻳﻮﻟﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻱ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ -4ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ،ﻳﻪﻧﻪ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﺎﻱ ﺋﯚﺗﺴﯩﻼ ﺋﯘ ﺋﻮﻗﯘﺷﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﻩﺗﺘﻰ .ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﺵ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﯩﻼ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﭼﻮﯓ ﻏﻪﻡ ﭼﯜﺷﻪﺗﺘﻰ .ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯚﻳﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻧﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺯﻭﺭﻟﯩﺸﻰ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻼ ﮔﻪﭖ .ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﺭﯨﻨﯩﭗ ﻳﯜﺭﻩﻟﻪﻣﺪﯗ؟ ﺩﯨﻨﯩﺪﺍ ﺑﺎﺭﺍ-ﺑﺎﺭﺍ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼ ﮔﻪﭘﻘﯘ؟! ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺷﯘ ﭘﯧﺘﯩﻼ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ،ﺋﯧﺮﯨﻢ، ﺑﺎﻻﻡ ،ﻛﺎﻻﻡ ،ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻢ ...ﺩﻩﭘﻼ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﯧﺘﻪﺭﻣﯘ؟ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﻪﭼﻜﯩﭽﻪ ﮬﯧﺮﯨﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ،ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭖ ﺋﯚﻳﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﺭﺳﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﯧﺘﯩﭗ ،ﺋﺎﺧﺸﯩﻤﻰ ﮬﺎﺭﻏﯩﻨﻠﯩﻘﺘﺎ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﯩﻤﯘ ﺑﻮﻻﺭ-ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ ،ﻳﯩﻐﯩﭗ-ﻳﯚﮔﻪﭖ ﺑﯩﺮﺍﻗﻼ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﺷﻪﻧﺒﻪ-ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺪﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ،ﺋﻪﻝ-ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﻱ-ﭼﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻻﺭﻣﯘ؟ ﺋﺎﺭﺯﯗ-ﺋﯜﻣﯩﺪﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮﺍﻗﻼ ﻳﻮﻗﻘﺎ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﯘ؟.... ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻳﯘﺭﺗﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﺳﻰ ،ﮬﺎﻣﻤﯩﺴﯩﺪﻩﻙ ﻳﺎﺭﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﻐﯘﺳﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ .ﮬﺎﻣﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﯚﺭﻣﯩﺘﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﮬﺎﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﺳﭙﯩﻨﻰ—ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ،ﺋﯘﭼﯘﺭ ﻛﻪﺳﭙﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﮬﺎﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ،ﮬﺎﻣﻤﯩﺴﯩﺪﻩﻙ ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻟﯘﻗﻘﯩﭽﻪ ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﭘﯜﻛﻜﻪﻧﯩﺪﻯ .ﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﺑﺘﯩﻨﻤﯘ ،ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﺪﻯ .ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ ﺗﯚﺗﯩﻨﺠﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﺘﯩﻨﺠﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﻪ 55
ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ .ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺗﻮﻓﯧﻞ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﯩﻐﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ .ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﯘ ﻳﯩﻞ -9ﺋﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺋﯜﻟﮕﯜﺭﻩﻟﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﻤﻪﻥ ،ﺩﯦﺴﻪ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﭼﯩﻘﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﻪﮬﺮﻩﻡ ﺑﻮﻟﻐﯘﺩﻩﻙ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻣﺎﻧﺎ ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻧﻼ ﭼﺎﭼﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯚﺭﯛﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ،ﻳﺎﺕ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪ ﺗﺎﺭﺗﯩﻨﯩﭗ ﺋﯩﭽﻜﻪﺭﻛﻰ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻗﺎﭼﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﮔﯜﻥ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻮﻱ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﻧﯩﻜﺎﮪ ﺋﯩﺸﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﻟﯩﻖ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺟﯚﺭﻩ ﺗﺎﻟﻠﯩﺸﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﻠﯩﻜﯩﮕﯩﻤﯘ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺗﺎﻟﻼﺵ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﻰ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ ،ﺋﯘ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟ ﺗﯧﺨﻰ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﺋﯘ ﺷﺎﮬﯩﺖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩﻚ ﻧﯩﻜﺎﮪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺋﺎﺳﺘﯩﻦ-ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ... ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ .ﺧﻪﻧﺰﯗﺗﯩﻠﻰ ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﺎﭼﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﺯﯗﻥ ،ﻣﻪﯕﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ﺗﻮﻕ ،ﻛﯜﻟﺴﻪ ﺋﻮﻏﺮﻯ ﭼﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ،ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻘﯩﻨﻪ ﺯﯨﻨﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﻮﻣﺎﻕ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﻗﯩﺰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺗﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﻪﻛﺘﻰ: -ﺩﯨﻠﻨﯘﺭ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟--ﺩﯦﺪﻯ ﺗﺎﺭﺗﯩﻨﯩﭙﻘﯩﻨﻪ .ﺋﯘ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﭼﻮﯓ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻣﻜﺎ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﯞﺍﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ.-ﻳﻮﻕ ،ﺑﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺪﯨﻜﻪﻥ؟ ﻗﯧﻨﻰ ﻛﯩﺮﯨﯖﻪ!—ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺗﯘﺷﻤﯘ-ﺗﯘﺷﺘﯩﻦ ﺋﯘﻧﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺸﺘﻰ .ﻗﯩﺰﭼﺎﻕﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮﯨﮕﯩﻨﯩﭽﻪ ﻳﺎﺗﺎﻗﻘﺎ ﻛﯩﺮﺩﻯ. -ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﯩﻨﺎ ﺑﯘ ﻗﯩﺰ!—ﺩﯦﺪﻯ ﺭﻩﻧﺎ ﭼﯘﯕﯘﻟﺪﺍﭖ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ--،ﮬﯧﻠﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﻨﯩﯖﻴﺎﻗﻰﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﯨﺴﯩﺰ ،ﺋﯘﻧﭽﻪ ﻳﺎﺕ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﯓ ﺑﯩﺰﻧﻰ. -ﻳﺎﻗﻪﻱ ،ﺋﺎﯞﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﻤﻪﻧﻤﯩﻜﯩﻦ ،ﺩﻩﭖ ﺷﯘ--،ﺩﯦﺪﻯ ﺭﻩﻧﺎ ﺋﯘﺯﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻗﺎﭼﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺭﯛﻙ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﭺ.-ﮬﻪﻱ ﺋﺎﻣﯩﻨﻪ ،ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﺎﺗﺎﻗﺘﯩﻜﻰ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﯧﻤﻪﻛﭽﯩﺪﯗﻕ ،ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﭼﯩﻘﯩﯔ ﮬﻪ!ﺋﺎﻣﯩﻨﻪ ﺩﯨﻠﻨﯘﺭﻧﯩﯔ ﻳﯘﺭﺗﺪﯨﺸﻰ ،ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﻣﯘﺷﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺧﻪﻧﺰﯗﺗﯩﻠﻰ ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﻳﺘﺘﻰ .ﺋﺎﻣﯩﻨﻪﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﯨﻤﯘ ﺋﯩﺴﻼﻣﻐﺎ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ ،ﺷﯘﯕﺎ ﺩﺍﺋﯩﻤﻼ ﺩﯨﻠﻨﯘﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯨﻦ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﯚﮬﺒﻪﺗﻠﯩﺸﻪﺗﺘﻰ ،ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺳﻮﺋﺎﻝ ﺳﻮﺭﺍﻳﺘﺘﻰ ،ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﺸﺎﺗﺘﻰ .ﺑﯘ ﻳﺎﺗﺎﻗﺘﯩﻜﻰ ﻗﯩﺰﻻﺭﻣﯘ ﺋﺎﻣﯩﻨﻪﻧﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﭼﺎﻗﭽﺎﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯜﻟﺪﯛﺭﯛﭖ ﺋﻮﻳﻨﺎﺷﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﻩﺗﺘﻰ .ﺋﺎﻣﯩﻨﻪ ﮬﻪﺭﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﯜﻟﮕﯩﻨﯩﺪﻩ ﺋﻮﻏﺮﻯ ﭼﯩﺸﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﭖ ﺑﻪﻛﻼ ﺋﻮﻣﺎﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﻰ.
56
ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﯨﻠﻨﯘﺭﻣﯘ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. -ﺩﯨﻠﻨﯘﺭ ،ﻣﺎﯞﯗ ﻗﯩﺰﯨﯖﯩﺰ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﯩﻠﻰ ﻧﻪﯞﺍﻕ .ﻧﻪﻟﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﺪﯨﯖﯩﺰ؟ ﺑﯩﻠﺴﻪﻡ-ﺑﯩﻠﻤﯩﺴﻪﻡ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥﺋﯚﮔﯜﻧﯩﺸﯩﮕﻪ. -ﺑﯩﺮ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﭖ ﻛﯩﺮﺩﯨﻢ ،ﺩﯦﺴﻪﻡ ﺋﯩﺸﯩﻨﻪﻣﺴﯩﻠﻪﺭ؟--ﺩﯨﻠﻨﯘﺭﻣﯘ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﭼﺎﻗﭽﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ.-ﺑﯘ ﺋﺎﻱ ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ ﺟﯘﻣﯘ! ﺳﯩﺰﻣﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ،ﺋﺎﺭﻗﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻦﻳﯜﮔﯜﺭﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﺧﯧﻠﻰ ﺑﺎﺭ ،ﺑﯩﺮﻩﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﺴﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪﻧﺴﯩﺰ ﺋﻪﻣﺪﻯ ،ﺳﯩﺰﻣﯘ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻜﯩﻦ. ﻗﯩﺰﻻﺭ ﻗﺎﻗﺎﮬﻼﭖ ﻛﯜﻟﯜﺷﺘﻰ. -ﺋﯚﺯﻩﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﻨﻮﺭﻣﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻤﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﺪﯨﻢ ،ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﯜﮔﯜﻝ ﺋﻮﻳﻼﺷﻤﯘ ﻳﻮﻕ ﻣﻪﻧﺪﻩ .ﺑﯜﮔﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖﻧﻮﺭﻣﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﺎﻱ. -ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯧﻠﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﺎﻻ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ ﺋﻪﻧﻪ ،ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﻣﻼﺷﻘﺎﻥ ،ﺋﯚﺯﯨﻤﯘ ﺗﻪﻗﯟﺍ ﺑﺎﻻ ﺋﯩﺪﻯ .ﻛﻪﻳﻨﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﺷﯘﻧﭽﻪﻳﯜﮔﯜﺭﺳﻪ ﺋﯘﻧﯩﻤﯩﺪﯨﯖﯩﺰ ،ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻐﯘ ﺋﻪﻣﺪﻯ! -ﻛﻪﺗﺴﻪ ﻛﯧﺘﻪﺭ ،ﺋﯘﻧﯩﯖﺴﯩﺰﻣﯘ ﺑﺎﺵ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﯩﻢ ﻛﻪﻡ ﺋﻪﻣﻪﺱ...ﻗﯩﺰﻻﺭ ﻛﯜﻟﯜﺷﻪﺗﺘﻰ ،ﭼﺎﻗﭽﺎﻗﻠﯩﺸﺎﺗﺘﻰ .ﺋﺎﻣﯩﻨﻪﻣﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯜﻟﻜﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﯧﺘﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ .ﻛﯩﻤﺪﯗﺭ ﺑﯩﺮﻯ ﺳﺘﯘﺩﯦﻨﺖ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﻳﯩﮕﯩﺘﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﯨﯖﯩﻨﯩﻤﯘ ﻗﯩﻠﯩﺸﺎﻣﺪﯗ ،ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﻗﯩﭙﺘﯩﻜﻪﻥ .ﺑﯘ ﻳﺎﺗﺎﻗﺘﯩﻤﯘ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺋﺎﻧﺪﺍ-ﺳﺎﻧﺪﺍ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﺭﯨﯖﻰ ﺑﻮﻟﯘﻧﯘﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. -ﮬﻪﻱ ﺋﺎﻣﯩﻨﻪ ،ﺋﺎﯞﯗ ﺧﺎﻟﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯘ؟--ﻛﯜﻟﯜﭖ ﺗﻮﺧﺘﯩﻐﺎﻥ ﺩﯨﻠﻨﯘﺭ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﺎﺭﯨﯟﯨﺘﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﻳﻮﻏﺎﻥﺳﻮﻣﻜﯩﻐﺎ ﺋﺎﻏﺪﯗﺭﺩﻯ. -ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺳﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯩﻜﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪﺭ ﭘﯜﺗﯜﭘﺘﯩﻜﻪﻥ ،ﺷﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﻪﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺘﯩﻢ.-ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﺘﯩﯖﯩﺰﻣﯘ؟ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﯩﻜﯩﭙﺘﯘﻣﯘ؟--ﺩﯦﺪﻯ ﺩﯨﻠﻨﯘﺭ ﺳﻮﻣﻜﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﭺ.-ﺋﺎﻣﯩﻨﻪ ،ﺳﯩﺰﻣﯘ ﺋﻮﺭﯗﻧﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﯨﯖﯩﺰﻣﺎ؟--ﺳﻮﻣﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻓﺎﺗﯩﻤﻪ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ.-ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﯞﺍﺗﯩﻤﻪﻥ .ﺳﯩﻠﻪﺭﭼﻪ ﺑﻮﻻﺭﻣﯘ؟--ﺋﺎﻣﯩﻨﻪﻧﯩﯔ ﻳﯜﺯﻟﯩﺮﻯ ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ.--ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ-ﺩﻩ! ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯖﭽﻪ ،ﺳﯩﺰﻧﯩﯖﭽﻪ ﺩﻩﭖ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯖﭽﻪ ،ﺩﻩﭖ ﺋﯚﻟﭽﻪﻳﻤﯩﺰ .ﺋﺎﻟﻼﮪ
57
ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﺗﯘﺭﺳﺎ ﺑﯘ ،ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟ ﺑﻪﻙ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﻳﻼﭘﺴﯩﺰ! ﻗﯧﻨﻰ ﻛﯩﻴﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﯖﻪ. ﺧﻮﺭﻣﺎ ﺭﻩﯓ ،ﺑﯚﺭﻩﻛﭽﻪ ﻳﺎﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻛﯚﻳﻨﻪﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﻛﯚﻙ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﺋﺎﺑﺎﻳﺎ ﺋﺎﻣﯩﻨﻪﮔﻪ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻳﺎﺭﯨﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﺋﺎﻳﮕﯜﻝ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯩﻴﯩﭗ ﺳﯩﻨﺎﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. -ﻗﺎﭼﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﯩﻴﻪﻱ ﺩﻩﻳﺴﯩﺰ ﺑﯘ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ؟-ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ ،ﺗﺎﺯﺍ ﺟﯜﺭﺋﻪﺕ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ ،ﺳﯩﺮﺗﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ ﻛﯚﺭﺳﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻻﺭ؟ ﺑﯘ ﻗﯩﺰ ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻥ ﺗﯧﺨﻰ ﻣﻮﺩﯨﻠﯩﺸﯩﭗﻳﯜﺭﻩﺗﺘﻰ ،ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺑﯜﯞﯨﻢ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﭘﺘﯘ ،ﺩﻩﭖ ﮔﻪﭖ ﺗﺎﭘﺎﺭﻣﯘ؟ -ﺋﻪﺗﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﻮﺩﯨﻠﯩﺸﯩﯟﺍﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺧﻪﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﻣﻪﻥ ﺗﺎﭘﯩﻤﻪﻥ--،ﺩﯦﺪﻯ ﺭﻩﻧﺎ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ،ﺋﯘﻣﯘ ﺗﯧﺨﻰﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻼ ﺋﻮﺭﺍﻧﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ--،ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﻮﯕﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﻛﯩﻴﯩﭗ ﺋﯩﺴﺴﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﻛﯩﻴﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﺴﯩﺰ ،ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﮬﺎﻟﺪﺍ ،ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﻴﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﺎﺭﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﻛﯩﻴﯩﯔ .ﻣﯧﻨﯩﯖﻤﯘ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﯨﻢ »ﮬﻪﻱ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﻠﯩﻜﺘﻪﻙ ﻛﯩﻴﯩﻨﻤﻪﻣﺴﻪﻥ؟ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺷﻪﻟﯩﻜﺘﻪﻙ ﺑﯧﺸﯩﯖﻐﺎ ﻗﯧﺘﯩﻘﭽﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﻏﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺭﺗﯩﯟﺍﻟﺪﯨﯔ؟« ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﺪﯗ .ﻣﻪﻥ »ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺷﻪﻟﯩﻜﻜﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﯘﺩﺍ ،ﺳﻪﻥ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﯘﺩﺍ ﻳﻮﻕ ،ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺳﻮﺭﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ،ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﮬﯧﺴﺎﺏ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ .ﺷﯘ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﯩﺴﯩﺖ ﮔﯧﭙﻰ ﻳﻮﻏﺎﻥ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻪ ،ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺷﯘ ﻳﺎﻏﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﻮﺭﺍﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﻗﯧﺘﯩﻘﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎﻣﭽﯘ ،ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﺴﻪﻥ ﺗﯧﺨﻰ!« ﺩﻩﭖ ﻗﻮﻳﯩﻤﻪﻥ .ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ،ﻧﯧﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﺴﯩﯖﯩﺰ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﯔ ،ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻤﺎﯓ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ. -ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺭﻩﻧﺎ .ﻣﻪﻥ ﺋﻪﺗﻪ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺳﯩﻨﯩﭙﻘﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﻤﻪﻥ.-ﺋﻪﺗﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺴﯩﺰ؟ ﺑﯜﮔﯜﻧﻼ ﺋﻮﺭﯨﻨﯩﯟﺍﻟﻤﺎﻣﺴﯩﺰ؟ ﮬﯧﻠﻰ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﯧﮕﯩﻠﻰ ﭼﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ،ﻗﺎﺭﺍﯓ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻼﺋﻮﺭﺍﻧﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﺩﯨﻦ ﻧﻪﭼﭽﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ،ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﻣﺎﯕﺴﯩﯖﯩﺰ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﻛﯚﻧﯜﯞﺍﻟﯩﺴﯩﺰ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯘ ﻗﯩﺰﻣﯘ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺟﯩﻠﺒﺎﺑﻼﺭﻧﻰ ﻛﯩﻴﯩﭗ ﺋﻮﺭﯗﻧﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﭘﻪﺭﺯ ﯞﻩ ﺳﯜﻧﻨﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻳﻼﺭ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﻰ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻱ ﺋﺎﻣﯩﻨﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯜﺯﯛﭖ ﻗﻮﻳﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺋﺎﻣﯩﻨﻪ ﺧﻪﻧﺰﯗﺗﯩﻠﻰ ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﭺ ،ﺋﯘﻻﺭ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﻳﻼ ﻛﻪﺳﯩﭙﻜﻪ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﻰ .ﺷﯘﯕﺎ ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻳﻼﺭ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﻣﯩﻨﻪ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﻛﻪﺳﯩﭙﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻠﯩﻨﻰ ﺗﯜﮔﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
58
ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻱ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ -2ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﻣﯩﻨﻪ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﺩﻯ .ﺋﺎﻣﯩﻨﻪ ﺋﻮﺭﺍﻧﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﯘﻣﯘ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺑﯧﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﻳﯧﺰﺍ ﻛﺎﺩﯨﺮﻯ ﺋﯩﻜﻪﻥ ،ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﺘﯩﻤﯘ ﺋﻪﻳﺘﺎﯞﯗﺭ ،ﻗﯩﺰﯨﻐﺎ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﺎﻣﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻗﯩﺰﯨﻨﻰ ﮔﯧﭙﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻛﯚﺯﻯ ﻳﻪﺗﺘﻰ-ﺩﻩ ،ﺗﻪﺗﯩﻠﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﭼﻪﻛﻠﯩﺪﻯ .ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ .ﮬﻪﺭ ﺗﻪﺗﯩﻠﺪﻩ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻣﯧﯖﯩﺸﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﺗﻪﺗﯩﻠﺪﯨﻦ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪﻧﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺑﯚﻟﻪﻛﭽﻪ ﺋﺎﺭﺍﻣﺴﯩﺰﻟﯩﻨﯩﭗ ،ﺑﻮﻳﯘﻥ ﻗﯩﺴﯩﭗ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﺎﻻﺗﺘﻰ .ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻨﻼ ،ﻣﯘﺷﯘﻧﯩﯖﻐﯩﻤﯘ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﻪﺟﯩﺮ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗﻏﯘ ،ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺭﯨﺰﺍﻟﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻧﻐﯘ ،ﺩﻩﭖ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﻪﺯﻟﻪﻳﺘﺘﻰ. ﺋﻮﻗﯘﺷﻤﯘ ﭘﯜﺗﺘﻰ ،ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻧﻪﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﺴﯩﻼ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻘﻘﻘﺎ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯗ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺭﯨﻨﯩﺶ ﺋﯘ ﻳﺎﻗﺘﺎ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ،ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﯩﻤﯘ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺋﻮﻗﯘﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺋﻪﻧﻪ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻞ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻧﯘﺭﺋﯩﻤﺎﻧﮕﯜﻟﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﯨﻐﯘ؟ ﺋﯘ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ،ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯚﺯﻯ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎﻡ ﺋﻮﻗﯘﻏﯩﻨﯩﻢ ﺑﯩﻜﺎﺭﻏﺎ ﻛﻪﺗﻤﻪﻣﺪﯗ؟ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﻳﺎﻏﻠﯩﻘﻨﻰ ﻛﻪﻳﻨﯩﻤﺪﯨﻦ ﭼﯩﮕﯩﭗ ،ﻳﺎﻗﯩﺴﻰ ﺋﯚﺭﻩ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯩﻴﯩﭗ ﺋﻪﯞﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﺎﭼﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ، ﺩﯦﮕﻪﻧﯩﺪﻯ .ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺕ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺪﻯ ،ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﻗﯩﺴﻘﯩﺮﺍﭘﺘﯘ ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﺎﻏﻠﯩﻘﻰ ﻳﻮﻕ ﺑﻮﭘﺘﯘ ،ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﯩﯖﻤﯘ ﺗﺎﻳﯩﻨﻰ ﻗﺎﻟﻤﺎﭘﺘﯘ .ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻣﯩﻨﻪ ﺑﯩﺨﻪﯞﻩﺭ. ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ،ﭘﯘﻝ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻧﻠﯩﻤﯘ؟ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮬﻪﺳﺴﻪ ﻗﻮﺷﯘﺵ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺶ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺗﺎﻗﯩﺸﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﻪﺟﯩﺒﺎ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﻣﺪﯗﻕ؟ ﺋﺎﻣﯩﻨﻪ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﺭﺍﺷﻨﻰ ﺋﻪﺳﻼ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﻪﻡ ﺋﻪﺭ-ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﯩﺘﺘﺎ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﺳﯩﻤﯘ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﺯﻟﯩﻖ ﺗﻪﺗﯩﻠﺪﻩ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﺘﻪ ﭘﺮﺍﻛﺘﯩﻜﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﯘﺯﯗﻗﭽﯩﻠﯩﻖ ،ﮬﺎﻳﺎﺳﯩﺰ ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﻪﺗﯩﻠﻨﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﻪﺳﺘﻪ ﺗﻮﺷﻘﯘﺯﻏﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺋﺎﻣﯩﻨﻪ ﺧﯧﻠﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻳﯜﺭﻩﺗﺘﻰ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻧﻪﺩﻩ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﺑﺎﺭ؟ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﺷﻰ ﺋﯜﭼﯜﻧﻐﯘ ﺋﺎﻧﭽﻪ-ﻣﯘﻧﭽﻪ ﭘﯘﻝ ﺑﻪﺭﺩﻯ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻮﻗﯘﺵ
59
ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ ﺩﯨﻨﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﻳﻤﻪﻥ ،ﺩﯦﺴﻪ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻨﯩﺘﻤﯘ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ .ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯩﻠﻼﭖ ،ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﯩﻴﺎﻟﻨﻰ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﻰ ﺋﯜﭼﯜﻧﻤﯘ ﺗﻮﻳﻐﯘﺯﯨﯟﯦﺘﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘﻧﯩﯖﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﺯﯗﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﺟﯘﻗﺘﯘﺭﯨﯟﯦﺘﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ .ﺋﯘ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯗ... ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻣﯩﻨﻪ ﻛﯚﭖ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﻪﺷﺘﻰ ،ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻟﻪﻧﺠﯘ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﺘﻪ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﺪﻩ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﮬﻪﻡ ﺋﻪﺭﺯﺍﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻗﺎﺭﺍﺭﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ .ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ ،ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﻨﻰ ﺋﯜﺯﯛﭘﻼ ﺗﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .ﺋﯘﺭﯗﻕ-ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﯩﺪﻯ .ﺋﯘ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﮬﻪﺩﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﻩﺗﺘﻰ .ﭘﻪﻗﻪﺕ ﮬﻪﺩﯨﺴﯩﻼ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﻧﭽﻪ-ﻣﯘﻧﭽﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﺎﺗﺘﻰ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﻣﯩﻨﻪﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺷﯩﻤﯘ ﭘﯜﺗﺘﻰ .ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻱ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﺎﻣﯩﻨﻪﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﻟﻪﻧﺠﯘﺩﺍ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ،ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﻼ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﻰ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺋﺎﺋﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺮﺍﻕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ .ﻗﯩﺸﻠﯩﻖ ﺗﻪﺗﯩﻠﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯘ ﺩﯨﻠﻨﯘﺭﺩﯨﻦ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﺋﺎﻣﯩﻨﻪﻧﯩﯔ ﺗﯧﻠﯩﻔﻮﻥ ﻧﻮﻣﯘﺭﯨﻨﻰ ﺗﺎﭘﺘﻰ ﮬﻪﻡ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﺷﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﻰ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﺷﻤﯩﮕﯩﻨﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ .ﺋﯩﻜﻜﯩﻴﻠﻪﻧﺪﯨﻼ ﺋﯚﮔﯩﺮﯨﺶ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﺪﻯ :ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻱ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻗﻼﭖ ،ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﺮﻯ ﺳﻪﻝ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﺪﻩﻙ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﻯ ،ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﺮﻯ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺗﯜﺭﮔﯜﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ-ﺑﯧﺴﯩﻘﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﮔﻪﻧﯩﺪﻯ .ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﺪﻩﻙ ﻛﯩﻤﻨﯩﻼ ﻛﯚﺭﺳﻪ ﺗﺎﺭﺗﯩﻨﯩﭗ ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻣﺎﻳﺘﺘﻰ .ﺋﺎﻣﯩﻨﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﻩﻙ ﭼﻮﯓ ﺳﯜﭘﻪﺕ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯩﺠﻪﺯﯨﻤﯘ ﺋﯚﮔﯩﺮﯨﭗ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﻣﯩﺠﻪﺯﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. -ﻧﯧﻤﺎﻧﺪﺍﻕ ﭼﻮﯓ ﺳﯜﭘﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﯖﯩﺰ؟--ﺩﯦﺪﻯ ﺳﺎﻻﻡ ﯞﻩ ﻗﯘﭼﺎﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻱ،ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﭼﺎﻳﻨﻰ ﺋﻮﺗﻠﯩﻐﺎﭺ--،ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﭼﯧﭽﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯚﺭﯛﯞﺍﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﯖﯩﺰ ﺗﯧﺨﯩﭽﻪ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ. -ﭼﯧﭽﯩﻢ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﭖ ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﺗﯜﮔﯜﯞﺍﻟﻤﯩﺴﺎﻡ ﻳﯩﻐﯩﺸﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﻐﯘﺩﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ.-ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺗﯧﻘﯩﻤﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﺪﯗ؟--ﺋﺎﺯ ﻗﺎﻟﺪﻯ ،ﺗﻮﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﻛﻪﺳﺘﯜﺭﯨﯟﯦﺪﯨﻢ...
60
-ﺗﻮﻱ؟!--ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻱ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯩﻴﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﯩﺘﺘﯩﻚ ﺋﯜﺳﺘﻪﻟﮕﻪ ﻗﻮﻳﺪﻯ --،ﺳﯩﺰ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﺪﯨﯖﯩﺰﻣﺎ؟ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺩﯦﻤﻪﻳﻼ ﺗﻮﻱﻗﯩﭙﺴﯩﺰﻏﯘ!؟ -ﺳﻪﻝ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ .ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺴﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﻩﺭﻛﯩﻦ ،ﺩﻩﭖ...-ﻧﯧﻤﻪ ﺩﻩﻳﺘﺘﯘﻕ؟ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ ،ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﯖﻼﺭ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ،ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ! ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺳﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﻮﺷﺎﻝﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ-ﺩﻩ .ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﻩﻳﺘﺘﯘﻕ؟ -ﻗﺎﺭﺍﯓ ،ﺑﯘ ﺗﻮﻳﻐﺎ ﺟﯩﻖ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﻧﺎﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺯﻩﻣﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ ﺩﯦﺴﻪﻣﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.ﺩﺍﺩﺍﻣﺪﯨﻦ ﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﺳﻮﺭﯨﺴﺎﻡ ﻣﻪﻥ ﺳﯧﻨﻰ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﻩﺗﻜﻪﻥ ،ﻛﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﻠﺴﺎﯓ ﻗﯩﻞ ،ﺩﯦﺪﻯ .ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻥ ﻳﯩﻐﻠﯩﺪﯨﻢ ،ﻛﯚﯕﻠﯜﻡ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﻳﯧﻘﯩﻦ-ﻳﻮﺭﯗﻗﻼﺭﺩﯨﻦ ﻧﻪﭼﭽﯩﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭙﻼ ﻧﯩﻜﺎﮪ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﺩﯗﻕ. -ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺑﻮﻟﺪﻯ؟-ﺗﯧﺨﻰ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﺘﻰ.-ﺧﻪﭖ ﺳﯩﺰﻧﻰ .ﺗﻪﺗﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻪ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ،ﺑﯩﺰ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﻮﻳﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﻩﺗﺘﯘﻕﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ! ﺋﻪﺟﻪﺏ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭘﺴﯩﺰ. -ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼﺭ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯘ ﺗﻮﻳﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﻐﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﻤﺎﻳﺘﺘﯩﯖﻼﺭ.-ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺋﻪﻣﺪﻯ؟-ﺳﯩﻠﻪﺭ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻛﯜﻳﺌﻮﻏﯘﻟﻨﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﺎﻳﺘﺘﯩﯖﻼﺭ.-ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺴﯩﺰ؟-ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ ﻣﻪﻥ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺋﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﯧﺮﻩﻱ ،ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺋﺎﯕﻼﯓ ﮬﻪ!-ﺗﺎﻣﺎﻗﻤﯘ ﺳﻮﯞﯗﭖ ﻗﺎﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ،ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎﭺ ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ.ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻱ ﻳﯧﻤﯩﮕﯩﻨﯩﮕﻪ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ،ﺋﯚﺯﻯ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻟﻪﯕﭙﯘﯕﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﯨﻤﺎﻱ ﻳﯧﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .ﺋﺎﻣﯩﻨﻪﻣﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ: ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻗﯩﻴﻨﺎﻟﺪﯨﻢ .ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻳﯧﻨﯩﻤﺪﺍ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺗﯩﻴﯩﻦ ﭘﯘﻝ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ﻛﯜﻧﻠﻪﭖ ﺋﺎﭺ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻤﻤﯘ
61
ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩﻣﺪﯨﻦ ﻳﺎﻧﻤﯩﺪﯨﻢ .ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﻧﯘﺷﯘﻡ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﻪﻗﯟﺍ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﭘﯘﻟﺪﺍﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻣﻪﺳﻠﯩﮫﻪﺕ ﺳﻮﺭﯨﺸﯩﻤﻨﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻳﺎﺕ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭ ﻛﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺳﻮﺭﯨﻐﯘﻡ ﻛﻪﻟﻤﯩﺪﻯ .ﺷﯘﯕﺎ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ .ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﻳﺎﺗﺎﻗﺘﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺳﺎﻡ ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺗﯧﻠﯩﻔﻮﻥ ﻗﯩﭙﺘﯘ .ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻤﻨﻰ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﯘﻣﺪﯨﻦ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ. -ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺭﯨﺰﺍﻟﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﮬﻪﻕ ﻳﻠﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﭘﺴﯩﺰ .ﺑﯘ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻣﯧﯖﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﻪﺯﯨﻴﻪﺕ ﭼﯧﻜﯩﭙﺴﯩﺰ ،ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖﺳﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺳﯚﻳﯜﻧﺪﯛﻡ .ﻧﻪﺟﻤﯩﺪﯨﻨﺪﯨﻦ ﺋﺎﯕﻠﯩﺴﺎﻡ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﻗﯩﻴﻨﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺴﯩﺰ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺧﺎﻟﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ﻣﻪﻥ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﺯﺭﻗﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ--،ﺩﯦﺪﻯ ﺗﯧﻠﯩﻔﻮﻧﺪﺍ. ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ .ﺩﯦﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﯩﺘﻘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺋﻮﺑﺪﺍﻧﻼ ﻗﯩﻴﻨﯩﻠﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﯩﻢ .ﮬﻪﺩﻩﻡ ﺋﺎﻧﺪﺍ-ﻣﯘﻧﺪﺍ ﭘﯘﻝ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻨﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻘﺎ ﺋﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻣﻪﻧﺒﻪﻳﯩﻢ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺭﺯ ﺋﺎﻟﺴﺎﻡ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ ،ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﺪﯨﻢ .ﺋﯘﻣﯘ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﮔﯧﭙﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ: -ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﺗﯩﻦ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻗﯩﻴﻨﺎﻟﻐﺎﻥ .ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺷﺘﯧﺸﻰ ﺳﻮﺩﯨﺴﯩﻐﺎﻛﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ .ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺑﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﻪﺭﺩﻯ ،ﺳﻮﺩﺍﻡ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯧﺰﻻ ﻳﯜﺭﯛﺷﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻣﻪﻥ ﺗﯜﮔﯜﻝ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻢ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻳﯧﺴﯩﻤﯘ ﻳﻪﺗﻜﯜﺩﻩﻙ ﻣﺎﻝ-ﺩﯗﻧﻴﺎﻳﯩﻢ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ .ﻛﺎﻟﻼﻣﺪﺍ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﻧﯧﺌﻤﻪﺗﻨﯩﯔ ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ، ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺧﯩﻴﺎﻟﻼ ﺑﺎﺭ .ﺳﯩﯖﻠﯩﻢ ،ﺗﺎﺭﺗﯩﻨﻤﺎﯓ ،ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﺳﯩﯖﯩﺰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﯓ ،ﻗﺎﭼﺎﻥ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﺳﯩﯖﯩﺰ ﻣﻪﻳﻠﻰ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﺴﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﻣﻪﻥ ﺭﺍﺯﻯ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﯨﻤﺎﻱ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻐﺎ ﻗﻪﺭﺯ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﯘﻕ .ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﮬﯚﺟﺠﻪﺗﻤﯘ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ .ﺷﯘﻧﺪﯨﻼ ﻛﯚﯕﻠﯜﻡ ﺳﻪﻝ ﺋﯩﺰﯨﻐﺎ ﭼﯜﺷﺘﻰ .ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻼ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ،ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﻗﻪﺭﺯﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯨﻤﻪﻥ، ﮬﯧﭻ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﻪﮬﺮﻯ ﮬﻪﻗﻘﯩﻤﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﻤﻪﻥ ،ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﻳﺘﺘﯩﻢ. ﺋﻮﻗﯘﺷﯘﻡ ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ .ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﯨﻢ ﻣﺎﯕﺎ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﻨﻰ، ﻣﺎﯕﺎ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺗﯩﻠﻰ ﺩﻩﺭﺳﯩﻨﻰ ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ .ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺧﻮﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ ،ﺋﯚﺯﻩﻡ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻨﯩﯔ
62
ﮬﻮﻳﻠﯩﺴﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﯩﻢ ،ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻣﯘﺟﺎﮬﯩﺘﻼﺭﺩﻩﻙ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻼﺗﺘﯘﻕ ،ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﯩﻤﻤﯘ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﻩﯕﮕﯜ ﺋﯩﺪﻯ. ﺷﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺗﯧﻠﯩﻔﻮﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﻣﻪﻥ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻢ ﻣﺎﯕﺎ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯜﯞﺍﺗﯩﺪﯗﻏﯘ ،ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﻪ ﺋﻮﻳﻼﭘﻤﯘ ﻛﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻤﻪﻥ .ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯧﻠﯩﻔﻮﻥ ﻗﯩﭙﺘﯘ ،ﺑﯩﺮﺩﻩﻡ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺳﯚﻟﯩﺪﻯ .ﻣﻪﻥ ﭘﺎﺭﺍﯓ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩﺪﺍ »ﮬﺎﺟﯩﻜﺎ« ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﻤﮕﻪ ﺟﯩﻤﻤﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﻣﻪﻥ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﺎﻗﯩﺮﺍﺗﺘﯩﻢ .ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﯧﭻ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﯩﺪﯨﻢ. -ﺋﺎﻣﯩﻨﻪ ،ﻣﯧﻨﻰ ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮬﺎﺟﯩﻜﺎ ،ﺩﯦﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ،ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ؟-ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ ﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﻩﭖ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻤﻪﻥ؟--ﺩﯦﺪﯨﻢ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ.-ﮬﺎﺟﯩﻢ ،ﺩﻩﭘﻼ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﯔ ،ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﯩﺴﻤﯩﻤﻨﯩﻼ ﺋﺎﺗﺎﯓ....ﺋﯘﻧﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﮬﯩﻤﺎﺗﭽﯩﻢ ،ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﻛﺎ ﻳﻮﻟﻠﯘﻕ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻢ ،ﺩﻩﭘﻼ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﯩﻢ .ﺋﯘ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺧﯩﻴﺎﻟﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ .ﺋﻪﺟﯩﺒﺎ ،ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﻧﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﮬﻪ؟ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻧﮕﻪ ﺳﯧﻠﯩﯟﺍﻻﻳﻤﯘ؟ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻻﺭ؟ ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﯩﺪﯗﺭ ،ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ .ﺋﯘ ﺗﯧﻠﯩﻔﻮﻥ ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﺩﯗﺩﯗﻗﻼﭖ ﺩﯦﻴﻪﺭﮔﻪ ﮔﻪﭖ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ .ﺗﯧﻠﯩﻔﻮﻧﯘﻣﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﺳﯩﺰ ﻳﯜﺭﻩﻛﻠﯩﺮﯨﻢ ﺩﯛﭘﯜﻟﺪﻩﭖ ﺳﻮﻗﯘﭖ ،ﻳﯜﺯﻟﯩﺮﯨﻢ ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﻰ .ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ » ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﺳﺮﺍﯓ«» ،ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯔ« ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻣﯘ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﯞﯗﺟﯘﺩﯗﻣﻨﻰ ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﻳﻐﯘﻏﺎ ﭼﯚﻣﺪﯛﺭﯨﯟﯦﺘﻪﺗﺘﻰ. ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻼﺭﯨﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﻪﻱ ﻗﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﯩﻨﻰ ﻗﻮﻳﺪﻯ .ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ،ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺧﻮﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺴﯩﺰ .ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻼ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ! ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﯘ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﻮﻥ ﻳﺎﺵ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﺗﯜﺯﯛﻙ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﻰ ﻛﯚﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﻗﯟﺍﻟﯩﻘﻰ ،ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﻠﯩﻜﻰ ﻣﯧﻨﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺋﻮﻳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﺎﻗﯘﻟﻠﯘﻕ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﯛﻡ .ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ .ﺗﻮﻳﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﺪﻯ.... ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻱ ﺑﯘ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﻼ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﻗﯩﺰﯨﻖ ﺋﯩﺶ ،ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ﺗﻮﻱ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ؟
63
--ﺋﯘ
ﻛﯩﺸﻰ
ﺳﯩﺰﺩﯨﻦ
ﺋﻮﻥ
ﻳﺎﺵ
ﭼﻮﯓ
ﻣﯘﺷﯘ
ﺑﻮﻟﺴﺎ
ﻛﻪﻣﮕﯩﭽﻪ
ﺗﻮﻱ
ﻗﯩﻠﻤﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻧﻤﯘ؟
ﻳﺎ
ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﭗ
ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯩﻤﯩﻜﻪﻥ؟--ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻱ ﮔﯘﻣﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. -ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭ ﺳﻮﯞﯗﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ ،ﭘﺎﺭﺍﯓ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭﻧﯩﻤﯘ ﻳﯧﻤﻪﭘﺘﯘﻕ ﻣﺎﻧﺎ .ﺋﯧﻠﯩﯖﻪ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﻪﻳﻠﻰ--،ﺋﺎﻣﯩﻨﻪ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻣﯘﺷﯘﺳﻮﺋﺎﻟﻨﯩﯔ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﻩﻙ ،ﺩﻩﺭﮬﺎﻟﻼ ﮔﻪﭘﻨﯩﯔ ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯘﺭﯨﯟﻩﺗﺘﻰ. ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻱ ﻳﻪﻧﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺳﻮﺭﺍﯞﯦﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﯩﺪﯗﺭ ﺋﺎﻣﯩﻨﻪﻧﯩﯔ ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺟﯚﺭ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﺗﯘﻳﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﺎﺗﺘﻰ.....
64
ﮬﻪﻣﺸﯩﺮﯨﻠﻪﺭ )( 8 ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﮬﻪﭘﺘﻪ ﺋﯚﺗﻤﻪﻳﻼ ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻱ ﺋﺎﻣﯩﻨﻪﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺗﯧﻠﯩﻔﻮﻧﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﺳﺎﻻﻡ-ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼﯚﭼﯜﮔﻪﻧﺪﻩﻙ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯﺩﺍ »ﮬﻪ؟!!!« ﺩﯦﺪﯨﻴﯘ ،ﺋﯜﻧﻰ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷﯜﭘﻼ ﻛﻪﺗﺘﻰ. -ﮬﻪﺩﻩ ،ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﭘﺘﯘ؟ ﺩﻩﯕﻪ!—ﺩﯦﺪﻯ ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻕ ﮬﻪﺩﯨﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺟﯩﺪﺩﯨﻠﯩﺸﯩﭗ.-ﺋﺎﻣﯩﻨﻪﻧﯩﯔ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺟﺮﺍﭖ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ--،ﺩﯦﺪﻯ ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻱ ﭘﻪﺱ ﺋﺎﯞﺍﺯﺩﺍ.-ﺳﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪﻧﺪﻩ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺑﻮﻳﯘﻣﺪﺍ ﺑﺎﺭ ﺩﯦﮕﻪﻧﻤﯩﺪﻯ؟ ﺳﯩﺰ ﺋﻪﺟﻪﺏ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻐﯘ؟-ﺋﯚﺯﯨﻤﯘ ﺑﯩﻠﻤﻪﭘﺘﯩﻜﻪﻥ....-ﻧﻪﺩﯨﻜﻪﻥ؟ ﺑﯩﺰ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻳﻮﻗﻼﭖ ﻛﯧﻠﻪﻳﻠﻰ.ﺋﯘﻻﺭ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯩﻴﯩﺸﯩﭗ ﻣﻮﻣﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﭘﯩﺸﺘﻰ ،ﻧﻪﮔﻪ ﺑﺎﺭﯨﺴﯩﻠﻪﺭ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ؟ ﺩﻩﭖ ﺗﻮﯞﻻﺷﻠﯩﺮﯨﻐﯩﻤﯘ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﻮﻝ ﺋﺎﻟﺪﻯ .ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻱ ﺑﺎﻳﺎ ﺗﯧﻠﯩﻔﻮﻧﺪﺍ ﺋﺎﻣﯩﻨﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﻼﻳﺘﺘﻰ ،ﮔﯧﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﻮﻟﺪﯨﺸﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ؟ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻳﻤﯘ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺘﯩﻐﯘ؟ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﻼ ﺋﯚﻱ ﺗﯘﺗﯘﭘﺘﯘ .ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﻮﻟﺪﯨﺸﻰ ﺧﻮﺗﻪﻧﺪﻩ ﺋﯩﺸﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ .ﺗﯧﻠﯩﻔﻮﻥ ﻗﯩﻠﯩﭙﻼ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ .ﺗﻮﯞﺍ! ﺑﯘ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ؟ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻣﯩﻨﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯜﻧﮕﯩﭽﻪ ﺗﺎﻣﺎﻗﻤﯘ ﮔﯧﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﭼﯩﻘﯩﭙﺘﯘ ،ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻪﭺ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﻪ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺟﺮﺍﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻼ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﭘﺘﯘ. ﺋﯘﻧﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﻗﯟﺍ ﻛﯩﺸﻰ ﺩﻩﭖ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻐﯘ؟! ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﻟﯘﻣﻨﻰ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻥ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ،ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﺯﻩﻙ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﺳﻪﯞﻩﺑﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ؟ ....ﺩﯨﻠﻨﯘﺭ ﺧﯩﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻟﯩﻴﺎﻟﻤﯩﺪﻯ .ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻨﻼ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﻩﻳﺘﺘﻰ. ﺋﯘﻻﺭ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ ﻳﺎﺷﻘﺎ ﭼﻮﯕﺮﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺳﯧﻤﯩﺰ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﺎﻣﯩﻨﻪﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﭘﯩﻘﯩﺮﺍﭖ ﻳﯜﺭﻩﺗﺘﻰ .ﺋﺎﻣﯩﻨﻪﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺸﺸﯩﻐﺎﻥ ،ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﻧﯘﻗﺘﯩﻐﺎ ﺗﯩﻜﯩﻠﮕﯩﻨﯩﭽﻪ ﺟﯩﻤﻤﯩﺪﻩ ،ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. -ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﻪﯓ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ .ﻣﺎﯞﯗ ﺑﺎﻻ ﻧﯧﻤﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪﯗ؟--ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﺯﻭﺭﻻﭖ ﺟﯩﻠﻰﺑﻮﻻﺗﺘﻰ .ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻣﯩﻨﻪﮔﻪ ﺩﻭﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ،ﻗﺎﭼﯩﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﻪﻝ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺗﺎﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﻮﻳﺪﻯ. 65
-ﺋﻮﮬﯘﺵ ﺧﯧﻨﯩﻢ! ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﺭ ﺳﺎﺭﯨﯖﻰ ﺳﻪﻥ؟ ﺋﻪﺭ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮﻯ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﺑﯩﺮﻯ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ! ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺗﻪﮔﻤﻪ ،ﻳﺎﭘﻴﺎﺵﻗﯩﺰ ﺑﺎﻻ ،ﺋﯚﺯﻩﯓ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ،ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﯖﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻜﯩﻦ ﺋﯚﺯﻩﯕﮕﻪ ﻻﻳﯩﻖ ﻳﺎﺵ ﺑﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺋﯚﻱ ﺗﯘﺕ ،ﺩﯦﺴﻪﻡ ،ﻣﯘﺷﯘ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺗﻪﻗﯟﺍﺗﻰ ،ﺋﺎﻗﺘﻰ ،ﻛﯚﻛﺘﻰ ،ﻣﯧﻨﻰ ﺋﺎﺳﺮﺍﻳﺘﺘﻰ ،ﺩﯨﻠﯩﻤﻐﺎ ﺋﺎﺯﺍﺭ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺘﺘﻰ ،ﺩﻩﭖ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺧﻮﺗﯘﻧﻠﯘﻗﻘﺎ ﺋﯚﺯﻩﯓ ﺧﺎﻻﭖ ﺗﻪﮔﺪﯨﯔ .ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻧﯧﻤﻪ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﻪﺭﻛﯩﻠﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﺴﻪﻥ؟ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﻳﻪ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﯨﻜﯩﻦ ﻳﯧﮕﯩﻨﻪ ﺋﯩﭽﯩﻤﻨﻰ ﺳﯩﻘﻤﺎﻱ! ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯﯨﺪﯨﻦ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﻠﯩﻨﺴﯩﻤﯘ ،ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯚﻳﯜﻧﯜﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ» .ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺧﻮﺗﯘﻥ؟!« ﺩﯦﺪﻯ ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻕ ﭼﯚﭼﯜﭖ .ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻱ »ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﯓ!« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺭﻣﯩﻘﯩﻨﻰ ﻟﯧﯟﯨﮕﻪ ﻗﻮﻳﺪﻯ ﯞﻩ ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻗﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﯘﻧﻰ ﻧﯧﺮﯨﺮﺍﻕ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﻪﻛﻪﺗﺘﻰ. -ﻗﺎﺭﺍﯓ ،ﺑﯩﺰ ﻳﺎﺗﺎﻗﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﮔﻪﭖ ﺳﻮﺭﯨﻤﺎﻳﻠﻰ .ﺋﺎﻣﯩﻨﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﺩﯦﮕﯜﺳﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺩﯦﺴﯘﻥ ،ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﯩﺰﻣﯘ ﺟﯩﻢﺗﯘﺭﺍﻳﻠﻰ ،ﻣﺎﻗﯘﻟﻤﯘ؟ ﻣﻪﻥ ﺯﺍﺩﻯ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻮﻳﻰ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺮﺍﻕ ﺗﻮﻳﻤﯩﻜﯩﻦ ،ﺩﻩﭖ ﮔﯘﻣﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ،ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﯩﻨﯩﻤﺪﻩﻙ ﭼﯩﻘﯩﭙﺘﯘ .ﺋﻰ ﺋﺎﻟﻼﮪ! ﺑﯘ ﻗﯩﺰﻏﺎ ﺋﯚﻩﯓ ﺳﻪﺑﺮ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻳﺴﻪﻥ! ﺋﯘﻻﺭ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﻳﺎﺗﺎﻗﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﻰ .ﺋﺎﻣﯩﻨﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭘﻼ ﻟﻪﯞﻟﯩﺮﻯ ﺋﯜﻣﭽﯩﻴﯩﭗ ،ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﺎﺷﻘﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﻣﻠﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. -ﻳﻮﻗﻼﭖ ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﯩﯖﻼﺭﻏﺎ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ .ﺑﻪﻙ ﺧﻮﺵ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﺘﯩﯖﻼﺭ ﻣﯧﻨﻰ .ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺑﻪﻙ ﺯﯦﺮﯨﻜﻜﻪﻧﺘﯩﻢ ﺑﯘﻳﻪﺭﺩﻩ--،ﺩﯦﺪﻯ ﺑﻮﻏﯘﻗﺮﺍﻕ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ .ﺗﻮﻻ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻤﯘ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ. -ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺩﻩﭖ ﻛﻪﺗﻜﯩﻨﯩﻨﻰ! ﻣﻪﻥ ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻧﻨﯩﯔ ﻳﺎﻗﻰ ﺋﯧﺸﻪﻙ ﺑﺎﻗﺘﯩﻤﻤﯘ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ!—ﺩﯦﺪﻯ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮﻩﭖ--،ﮬﻪ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻣﯘ ﻛﻪﻟﺪﻯ .ﻧﺎﺯ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﻣﺎﯞﯗ ﺋﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﻮﺷﯘﻕ ﺋﯩﭽﯩﯔ ،ﻣﺎﻗﯘﻟﻤﯘ؟ ﺋﺎﻣﯩﻨﻪ ﺋﯘ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯘﺯﺍﺭﺗﻘﺎﻥ ﻗﺎﭼﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺷﯘﻕ ﺋﺎﺷﻨﻰ ﺯﻭﺭﻻﭖ ﻟﯧﯟﯨﮕﻪ ﺗﻪﯕﻠﯩﺪﻯ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﺵ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮔﯧﻠﯩﺪﯨﻦ ﮬﯧﭻ ﺋﯚﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﺎﺭﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﺳﯜﻛﯜﻧﺎﺕ ﺑﺎﺳﺘﻰ .ﺑﯩﺮﺩﻩﻣﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻕ ﺯﺍﺩﯨﻼ ﭼﯩﺪﯨﻴﺎﻟﻤﯩﺪﻯ. -ﺋﺎﻣﯩﻨﻪ ﮬﻪﺩﻩ! ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺗﯧﻠﯩﻔﻮﻥ ﻧﻮﻣﯘﺭﯨﻨﻰ ﺩﻩﯕﻪ! ﺋﯚﺯﻩﻡ ﺑﯩﺮ ﺗﯧﻠﯩﻔﻮﻥ ﻗﯩﻼﻱ! ﻧﯧﻤﺎﻧﺪﺍﻕ ﺟﯧﻨﯩﻤﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ؟--ﺑﻮﻟﺪﻯ ،ﺗﯧﻠﯩﻔﻮﻥ ﻗﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺑﻪﺭﯨﺒﯩﺮ .ﻣﻪﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﯧﻠﯩﻔﻮﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺘﯩﻢ ،ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺋﯘﻧﯩﻤﯩﺪﻯ.
66
-ﻣﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﺎﻱ ﻗﯧﻨﻰ .ﻧﯧﻤﻪ ﮔﯧﭙﻰ ﺑﺎﺭﻛﻪﻥ ،ﺑﯩﺮ ﺋﺎﯕﻼﻳﻠﻰ .ﺋﺎﻟﺴﺎ ﺋﺎﻟﺴﯘﻥ ،ﺋﺎﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﺎﻟﻐﯘﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ.ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺑﻮﻟﯘﯕﻪ. ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻕ ﺋﺎﻣﯩﻨﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺗﯧﻠﯩﻔﻮﻥ ﻧﻮﻣﯘﺭﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﻯ ،ﮔﯜﺭﻛﯩﺮﻩﭖ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺷﺎﻣﺎﻝ ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻗﻨﯩﯔ ﺗﯧﻨﯩﻨﯩﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﻗﻪﻟﺒﯩﻨﯩﻤﯘ ﻣﯘﺯﻟﯩﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ؟ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺧﺘﯩﮕﻪ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﻳﯜﺭﻩﻛﻠﯩﺮﻯ ﭘﯩﮋﮊﯨﺪﻩ ﻗﯩﻠﯩﭙﻤﯘ ﻗﻮﻳﻤﺎﻣﺪﯨﻐﺎﻧﺪﯗ؟ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯘ ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﺪﺍﺵ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻨﻤﯘ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﻣﻪﻱ ،ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻼ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﯜﺯﯛﻛﻜﻪﻥ... -ﯞﻩﻱ ،ﻛﯩﻢ ﺑﻮﻟﯩﺴﯩﺰ؟--ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻳﺎﺷﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﺋﺎﯕﻼﻧﺪﻯ.-ﯞﻩﻱ ،ﺳﯩﺰ ﺋﺎﺑﺪﯗﯞﻩﻟﯩﻤﺎ؟-ﮬﻪ ،ﻣﻪﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﯞﻩﻟﻰ ﮬﺎﺟﯩﻢ.-ﯞﯨﻴﻪﻱ ،ﻗﺎﭼﺎﻧﻨﯩﯖﻴﺎﻗﻰ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﺍ ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﮬﺎﺟﯩﻢ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﻟﺪﯨﯖﯩﺰ؟-ﻛﯩﻢ ﺑﻮﻟﯩﺴﯩﺰ؟ ﮬﯧﭻ ﺗﻮﻧﯩﻴﺎﻟﻤﯩﺪﯨﻤﻐﯘ؟-ﺗﻮﯞﺍ! ﻣﯧﻨﯩﻤﯘ ﺗﻮﻧﯘﻣﯩﻐﺎﻥ ﮔﻪﭘﻤﺎ؟ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﯘ ﮬﺎﺟﯩﻢ! ﻳﯧﻘﯩﻨﻨﯩﯖﻴﺎﻗﻰ ﺑﻪﻙ ﺟﯩﻖ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗﺑﺎﺭﺍﻣﺴﯩﺰ ﻧﯧﻤﻪ؟ -ﯞﺍﻱ ﺭﺍﺳﺘﻼ ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ .ﺳﯩﺰ ﻛﯩﻤﯘ؟-ﺧﻮﺗﯘﻧﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻤﯘ ﻧﯧﻤﻪ؟ ﻧﯧﻤﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﯩﻠﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﭼﺎﻳﻨﺎﻳﺴﯩﺰ؟-ﻳﺎﻗﻪﻱ ،ﺧﻮﺗﯘﻧﯘﻡ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺪﺍ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻥ...-ﮬﻪ ،ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﯧﻘﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﯓ!-ﻳﺎﻗﻪﻱ ،ﻣﻪﻥ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﯧﻘﯩﭗ ﻳﯜﺭﻩﻣﺪﯨﻤﻪﻥ! ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﻮﻗﻼﭖ ﻗﻮﻳﻤﯩﺴﺎﻡ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ.-ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﻛﯧﻠﯩﺴﯩﺰ؟-ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ .ﺋﻪﺗﻪ-ﺋﯚﮔﯜﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﺍﺭﻣﻪﻧﻤﯩﻜﯩﻦ؟--ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ ﻛﻪﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺗﯧﻠﯩﻔﻮﻥ ﻗﯩﻠﯩﯔ .ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﯓ ﺟﯘﻣﯘ!
67
ﺗﯧﻠﯩﻔﻮﻧﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻗﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺑﻪﻛﻼ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺑﺎﻳﺎﻡ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﭽﻰ ﭘﯘﺷﺴﺎ، ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﺎﻣﯩﻨﻪ »ﺗﻪﻗﯟﺍ« ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﯩﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﻮﺗﯘﻧﭙﯘﺭﯗﺵ ﺑﯘﺯﯗﻕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﭽﻰ ﭘﯘﺷﺘﻰ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺭﺍﺳﺘﻼ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﺪﻩ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺋﯩﻤﺎﻧﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﺮ ﻧﺎﺗﻮﻧﯘﺵ ﻗﯩﺰ ﺗﯧﻠﯩﻔﻮﻧﺪﺍ ﻧﺎﻳﻨﺎﻗﺸﯩﭗ ﺑﻪﺭﺳﻪ ،ﺋﯘﻛﺎﻡ ،ﻛﯩﻢ ﺑﻮﻟﯩﺴﯩﺰ؟ ﺋﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﺎﯞﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﻤﺎﯓ ﻣﯧﻨﻰ! ﺩﻩﭖ ﺗﯧﻠﯩﻔﻮﻧﻨﻰ ﺋﯜﺯﯛﯞﯦﺘﻪﺭ ﺋﯩﺪﻯ .ﻛﯩﻢ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ؟ ﺋﻪﺗﻪ-ﺋﯚﮔﯜﻥ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻣﯘﺷﯘ »ﻧﺎﺗﻮﻧﯘﺵ ﺟﺎﻧﺎﻥ« ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﻪﻣﺪﯗ؟ ﮬﻪﻱ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﻗﯩﺰ! ﺋﻪﺟﯩﺒﺎ ﺳﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯩﺠﻪﺯﯨﺪﯨﻦ ﻗﯩﻠﭽﻪ ﺧﻪﯞﻩﺭﺳﯩﺰ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻤﯘ؟ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﻗﻪﻟﺒﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺷﯘ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﻛﻮﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻤﯘ؟ ﺋﯘ ﺋﺎﻣﯩﻨﻪﮔﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﻰ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﻪﻱ ﺳﯩﺮﺗﺘﺎ ﺑﯩﺮﺩﻩﻡ ﺗﯘﺭﺩﻯ .ﻛﺎﺭﯨﺪﻭﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﻩﺭﯨﺰﻩ ﻗﯩﻴﺎ ﺋﯧﭽﯩﻘﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺷﺎﻣﺎﻙ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯜﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﯧﮕﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. -ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻪﺗﻪ-ﺋﯚﮔﯜﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﯜﺩﻩﻙ .ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺳﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﻨﯩﺸﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﻳﺪﯗﻏﯘ!-ﺭﺍﺳﺘﻤﺎ؟--ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﻣﯩﻨﻪﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻧﯘﺭﻟﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ.-ﺳﯩﺰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺧﺎﻻﻳﺴﯩﺰ ،ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻤﯘ؟ ﺋﯘ ﻧﯧﻤﯩﺪﻩﭖ ﺳﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ؟-ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﯩﻜﺎﮬﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺷﯘ ﻗﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﻳﯘﯞﻩﺗﻤﯩﺴﻪﯓ ﻣﻪﻥ ﺋﯚﻟﯩﻤﻪﻥ ،ﺩﻩﭖ ﺗﻪﮬﺪﯨﺖ ﺳﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻥ .ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗﺋﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﺎﺭﻛﻪﻥ ،ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﭗ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻥ.... -ﮬﻪ ،ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﯓ! ﺋﯘ ﺳﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﯩﻜﺎﮪ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻧﻤﺎ؟-ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻢ ﺑﻪﻙ ﺗﻪﻗﯟﺍ ،ﺑﯩﻠﺴﯩﻤﯘ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯗ ،ﺩﯦﮕﻪﻧﺘﻰ.-ﺋﺎﻣﯩﻨﻪ ،ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻼﻱ--،ﺩﻩﭖ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻕ--،ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﯩﺪﯗ ،ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﯖﯩﺰ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﯩﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ،ﮬﯩﻨﺪﯗﻧﯧﺰﯨﻴﻪ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ .ﺋﯘ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﺎﻟﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺧﺎﺭﺍﺏ ،ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻟﭽﯩﻠﯩﻜﺘﻪ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯗ .ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﯘ ﺩﯙﻟﻪﺗﻜﻪ ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﻴﺎﻥ ﻣﯩﺴﺴﯩﻴﻮﻧﯧﺮﻟﯩﺮﻯ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻛﯚﭖ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘﻛﻰ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﯞﯨﺘﻰ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﭗ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻛﻮﭼﺎ-ﻛﻮﻳﻼﺭﺩﺍ ،ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﯞﺍﺳﺘﯩﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﻮﭼﯘﻕ-ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﻴﺎﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ .ﺋﻪﺭﻩﺑﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﺩﻩﯞﻩﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﺎﻳﻼﺭ ﮬﻪﺟﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﮬﺎﺟﯩﻼﺭ
68
ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﯘﻝ ﺧﻪﺟﻠﻪﺷﻜﻪ ﺭﺍﺯﯨﻜﻪﻧﯘ ،ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﯘﻝ ﺧﻪﺟﻠﻪﺷﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ .ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻛﯚﺭﯛﯕﻪ ،ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺴﯩﺴﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ؟ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺑﯩﺰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﮬﺎﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ .ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﺷﻪﺭﯨﺌﻪﺗﻨﯩﯔ ﮬﯚﻛﻤﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻤﻪﻳﻤﯩﺰ .ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﻗﯩﻼﻳﻤﯘ ،ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﻤﯘ ﺩﻩﭖ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﻪﻧﺴﻪﻙ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﻗﺎﻳﺴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ ،ﺩﻩﭖ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﻣﻪﻥ ﻗﺎﻳﺴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﻤﻪﻥ ،ﺩﯦﮕﻪﻧﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﻳﻤﯩﺰ .ﻣﯘﺷﯘ ﻛﯚﭖ ﺧﻮﺗﯘﻧﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ ،ﺑﯘ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﺳﯜﻧﻨﻪﺗﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﭘﻪﺭﺯﻣﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﮬﯧﭽﻘﺎﭼﺎﻥ ﺧﻮﺗﯘﻧﻨﻰ ﺟﯩﻖ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﺗﻪﻗﯟﺍﻻﺭ ،ﺩﯦﻤﯩﺪﻯ .ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺳﯘﺑﮫﺎﻧﺎ ﯞﻩ ﺗﺎﺋﺎﻻﻣﯘ »ﺑﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯘﭘﺎﻳﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﯖﻼﺭ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯗﺭ« ﺩﯦﺪﻯ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﯘﻝ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﻧﭽﻪ ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺋﺎﻟﻐﯘﺳﻰ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ؟ ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﻩ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﻳﻮﻕ! ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺳﯚﻳﮕﯜﺳﻰ ﻳﻮﻕ ﻳﺎﻛﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰ! ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﺎﺟﯩﺰﻩﻟﻪﺭﮔﻪ ﮬﺎﻣﯩﻲ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ .ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﺩﻯ .ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﯘﺗﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﺳﯘﻧﺪﯗﺭﯗﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ .ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺩﻩﺭﺱ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭙﺘﯘ .ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﯩﻤﯘ ﭼﯧﻜﯩﻨﻤﻪﭘﺘﯘ .ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻗﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺧﺎﻻﭘﺘﯘ .ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﯩﯔ ﭘﯘﻟﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭺ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﺩﺍﻧﻪ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻰ ﻛﻪﺭﯨﻤﻨﻰ ﺗﻮﻳﻠﯘﻗﻰ ﻗﯩﭙﺘﯘ .ﻗﺎﺭﺍﯓ! ﻧﯧﻤﯩﺪﯦﮕﻪﻥ ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺟﯜﭘﻠﻪﺭ! ﺗﻮﻳﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻰ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺳﺎﮬﺎﺑﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﺪﻩﻙ ﻳﻮﻗﺴﯘﺯ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜﻙ ﺋﯚﺗﯜﭘﺘﯘ. ﺳﯩﻨﺎﻗﻼﺭ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﯟﯦﺮﯨﭙﺘﯘﻳﯘ ،ﺋﯘﻻﺭ ﺯﺍﺩﯨﻼ ﭼﯧﻜﯩﻨﻤﻪﭘﺘﯘ .ﺋﯘ ﮬﺎﺟﯩﻤﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﯧﻘﯩﯖﻪ! ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﮬﻮﺷﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﻪﻱ ﻗﺎﻻﻣﺪﯗ؟ ﺋﯘ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺳﯩﺰ ﻧﯧﻤﯩﺴﻰ؟ ﺳﯩﺰﻣﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺷﻨﯩﺴﯩﻤﯘ؟ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻣﻪﻥ ﺋﯚﻟﯩﻤﻪﻥ ،ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﯘ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﮬﯧﭻ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﻪﻧﻤﻪﻳﻼ ﻧﯧﺮﻯ ﺗﯘﺭ ،ﺩﯦﻴﻪﻟﻪﻳﺪﯗ؟ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ :ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮔﯘﻧﺎﮬﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﺪﻯ ،ﺩﯦﻤﯩﺪﯨﻤﯘ؟ ﺳﯩﺰ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﺎﻳﻐﯘﺭﻣﺎﯓ .ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺭﺍﺳﺘﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺎﻱ ،ﻣﻪﻥ ﺑﺎﻳﺎ ﺗﯧﻠﯩﻔﻮﻧﺪﺍ ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻩﻣﻨﯩﯔ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩﻭﺳﺘﯩﯖﯩﺰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻤﯩﺪﯨﻢ .ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺋﻪﺭﻛﯩﻠﻪﭖ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﺴﺎﻡ ،ﺳﻪﻥ ﻛﯩﻤﻤﯘ ﺩﻩﭖ ﻗﻮﻳﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﻏﯩﻠﺠﯩﯖﻼﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ .ﺷﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺳﯩﺰ »ﺗﻪﻗﯟﺍ« ﺩﻩﭖ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﻪﭘﺴﯩﺰ .ﺋﺎﻟﻼﮬﯘ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻰ ﻛﻪﺭﯨﻤﺪﻩ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ »ﻣﯘﺗﺘﻪﻗﻰ« ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﯩﮕﻪﻥ ،ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﯩﺰ؟ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺷﻪﮬﯟﺍﻧﻰ ﻧﻪﭘﺴﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﻨﻰ ﺳﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﮬﯩﻴﻠﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ
69
ﻧﻪﭘﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﻤﯘ؟ ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﻼﭖ ﭘﯘﻝ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻩﺭﯨﮕﻪ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﯔ ﻳﯘﻩﻥ ﭘﯘﻝ ﺑﻪﺭﮔﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯩﯖﯩﺰﻣﯘ؟ ﺋﯘ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺳﻪﺩﯨﻘﻪ ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ! ﺋﯘ ﺗﻪﻗﯟﺍ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯘﺋﻤﯩﻦ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﻐﺎ ﺋﻪﺳﻼ ﻻﻳﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺳﻜﻪﻥ! ﺑﺎﻳﺎ ﻣﻪﻥ ﺋﯘ ﺳﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺭﯨﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ ،ﺩﯦﺴﻪﻡ ﺳﯩﺰ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺧﻮﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﺪﯨﯖﯩﺰ .ﺳﻪﺑﺮ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﻪﺭﺳﻪ؟ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﭘﻪﺗﺘﻪ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﮬﻪﺳﺴﻪ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﭘﯘﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯚﻟﻪﻡ ﺑﻪﺭﺩﻯ .ﺳﯩﺰ»ﺋﯚﻳﯜﻡ ﺋﻪﺟﻪﺑﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﭘﺘﯩﻜﻪﻥ «..ﺩﻩﻳﺴﯩﺰ .ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺳﻪﺑﺮ .ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﯩﺰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﯜﺯﻟﻪﭖ ﮬﻪﺳﺴﻪ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ .ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻤﻪﯓ .ﻛﯚﯕﻠﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻨﻤﯘ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﯦﺘﯩﯔ .ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺳﻪﺑﺮ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ .ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﯩﻴﻨﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﺎﻟﯩﻨﻰ ﻗﯩﻼﻳﻠﻰ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﺵ ﺗﯚﻛﯜﭖ ﻳﯜﺭﻣﻪﯓ... ﺋﺎﻣﯩﻨﻪ ﺋﯚﻛﺴﯜﭖ-ﺋﯚﻛﺴﯜﭖ ﻳﯩﻐﻼﻳﺘﺘﻰ .ﺗﻮﻏﺮﺍ ،ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻗﻨﯩﯔ ﮔﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺑﺎﺭ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﺘﯘﺵ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺋﺎﺳﺎﻧﻤﯘ؟ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺳﯘ ﺋﯩﭽﻤﻪﻳﺪﯗ .ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﮪ ،ﺩﻩﺭﻣﻪﻥ ،ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﯟﯦﺪﻯ ،ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯘ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﻰ؟ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺑﯘﺯﯗﻟﺪﻯ ،ﻳﯩﻐﻠﯩﺪﻯ ،ﺧﯘﺩﺩﻯ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺩﻩﺭﺩﯨﻨﻰ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﺗﯜﮔﻪﺗﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ .ﻳﯩﻐﻼﯞﯦﺘﯩﭗ ﺑﯘ ﻗﺎﺯﺍﻏﺎ ﺑﺎﺵ ﺋﻪﮔﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﻮﻻﺭﻣﯘ ،ﺩﻩﭖ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﻩﭖ ﺗﻮﺧﺘﯩﺪﻯ .ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﯩﻐﻠﯩﺪﻯ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺗﻮﺧﺘﯩﺪﻯ... ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﻗﺎﺭ ﻳﺎﻏﺪﻯ .ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻱ ﻛﻮﭼﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮﺩﻩﻡ ﻣﺎﯕﺪﻯ .ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻳﺘﺘﻰ. ﮔﻪﭘﻤﯘ ﻗﯩﻠﯩﺸﻤﺎﻳﺘﺘﻰ .ﺑﯩﺮ ﮬﺎﺯﺍﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻕ ﻳﯩﻐﻼﻣﺴﯩﺮﺍﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﮬﻪﺩﯨﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺪﻯ: -ﮬﻪﺩﻩ ،ﺗﺎﻛﺴﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﺎﻳﻠﻰ ،ﺑﻪﻙ ﺗﻮﯕﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ.ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻳﻨﯩﯖﻤﯘ ﻳﯜﺯﻟﯩﺮﻯ ﻳﺎﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻳﯘﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ .ﺋﯘ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺪﻯ .ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﻗﺎﭘﻘﺎﺭﺍ .ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻨﻰ ﻣﻪﻳﻨﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﺘﻰ ،ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﻩ ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺌﺎﻕ ﻗﺎﺭﻻﺭ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻳﻮﻕ .ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻏﯘﺑﺎﺭﺳﯩﺰ ﭼﺎﻏﻼﺭ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻛﻪﻟﻤﻪﺳﻜﻪ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ .ﺋﯘ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﻗﺎﺭﻏﺎ ﺗﻪﯕﻠﯩﺪﻯ ،ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﭘﻘﺎﺭﺍ ﺋﯩﺴﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘﻟﻐﺎﻧﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﻻﺭ ﭼﯜﺷﺘﻰ-ﺩﻩ ،ﺑﯩﺮﺩﻩﻣﺪﯨﻼ ﺋﯧﺮﯨﭗ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯘﻧﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﺘﻰ .ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻱ ﻗﺎﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻳﯩﻐﻠﯩﯟﻩﺗﺘﻰ ،ﻛﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﻳﯜﺭﯨﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯩﻐﻠﯩﺪﻯ. ﺋﺎﻳﺒﯘﻻﻕ ﮬﻪﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﭼﯩﯔ ﻗﯘﭼﺎﻗﻠﯩﯟﺍﻟﺪﻯ ،ﺋﯩﻜﻜﯩﻴﻠﻪﻧﻨﯩﯔ ﻣﯜﺭﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﻛﺴﯜﺷﺘﯩﻦ ﺗﯩﺘﺮﻩﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ-ﻛﻪﭼﻜﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﮬﻪﻳﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﻳﺘﺘﻰ .ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯩﻐﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﯚﺯﯨﻤﯘ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺘﺘﻰ.
70
ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﺍ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻠﯩﻖ ﺩﻩﯞﺍﺳﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ﺑﻪﺧﺘﻰ ﭼﯩﮕﯩﻠﮕﻪﻥ ﺩﻭﺳﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻧﻤﯘ؟ ﻳﺎﻛﻰ ﺩﻭﺳﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻛﯜﻟﭙﻪﺗﻜﻪ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯜﭼﯜﻧﻤﯘ.... ﺩﯨﻠﻨﯘﺭ ﺋﺎﻣﯩﻨﻪﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﻳﯩﻐﻠﯩﺪﻯ ،ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻳﯩﻐﻠﯩﺪﻯ .ﺋﯘﻻﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺗﯧﺨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻳﺘﺘﻰ .ﺋﯘﻻﺭ ﻛﯚﭖ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ،ﺑﯘﻧﯩﯔ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺧﺎﺗﺎﺳﻰ ﻳﻮﻕ .ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻨﺎﻕ ﺋﯚﺗﯜﭖ ،ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﯓ ﺑﯧﻘﯩﺸﯩﭗ ﻛﯚﭖ ﺋﻪﺟﯩﺮ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ،ﺩﻩﭘﻼ ﺋﻮﻳﻼﻳﺘﺘﻰ .ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﺳﻪﺕ، ﻛﯜﻧﺪﻩﺷﻠﯩﻚ...ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﺎﻣﯩﻨﻪ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺩﯨﻠﻨﯘﺭﻏﺎ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﮫﻪﺕ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ، ﺩﯨﻠﻨﯘﺭ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯘ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﺪﯨﻤﯘ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻛﯚﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﻛﯚﯕﻠﯩﺪﻩ ،ﺑﯩﺰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ،ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﺴﺎﻕ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻣﺎﺱ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ ،ﺩﻩﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭﻏﺎ ﺋﯜﻟﮕﻪ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﺴﯘﻥ ،ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ ،ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﻼ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ،ﺩﯦﮕﻪﻧﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﭖ ﺑﻪﺭﻣﻪﻛﭽﻰ ﺋﯩﺪﻯ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘﻧﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﻼ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﻤﺎﻧﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﻛﯧﺘﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯘ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻳﯧﺘﻪﻟﯩﺴﯘﻧﻤﯘ؟! ﺋﯘ ﺋﯚﻛﺴﯜﭖ ﻳﯩﻐﻠﯩﺪﻯ .ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﺎﻣﯩﻨﻪﻧﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯩﻐﻠﯩﺪﻯ .ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﺎﻣﯩﻨﻪﻧﯩﯔ ﺑﻪﺧﺘﺴﯩﺰﻟﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﺳﻪﯞﻩﺑﭽﯩﺪﻩﻙ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﺪﻩ ﺋﺎﻣﯩﻨﻪﺩﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﺎ-ﻗﺎﻳﺘﯩﻼﭖ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﻡ ﺳﻮﺭﺍﻳﺘﺘﻰ. ﺩﯨﻠﻨﯘﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﺷﯩﮕﻪ ﺋﺎﺯﻻ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﺋﯘﻣﯘ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﻪﻣﺸﯩﺮﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ .ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﺋﯘﻧﯩﯖﻤﯘ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻨﻰ ﭘﯘﭼﯩﻼﻳﺘﺘﻰ: ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻳﯘﺭﺗﺪﺍﺵ ﻗﯩﺰ ﺋﺎﻛﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﮬﻪﺭ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ، ﺳﯜﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺋﯩﻜﻪﻥ .ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﯞﺍﺳﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯨﻠﻨﯘﺭ ﺋﯘ ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﻯ .ﺑﯘ ﺋﯩﺶ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺴﺘﯩﺨﺎﺭﻩ ﻗﯩﻠﺪﻯ ،ﯞﻩ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺧﻪﻳﺮﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻼﮬﺘﯩﻦ ﺗﯩﻠﯩﺪﻯ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻛﯩﻢ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ؟ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰﻻ ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﯩﻐﺎ ﻣﻪﻥ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ ،ﺩﻩﭘﺘﯘ. ﺩﯨﻠﻨﯘﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﻻﺳﺴﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﺋﻪﺟﯩﺒﺎ ،ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﯩﮕﯩﻨﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﯨﻠﻨﯘﺭﻣﯘ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻛﻤﯘ؟ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻛﺎﺩﯨﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻣﯘ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻛﺎﺩﯨﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻛﻤﯘ؟ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﭗ
71
ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻲ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ ﻳﻮﻗﻤﯘ؟ ﺑﯘ ﻏﻪﻣﻠﻪﺭ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺑﯩﺰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺑﺎﺑﻼﺭﺩﺍ ﻓﺎﺗﯩﻤﻪ ،ﺭﯗﻗﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﺭﻩﻧﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﻏﯧﻤﻰ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭﺩﯗ؟ »ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻟﯩﯟﯨﻴﻪﺩﻩ ﺷﻪﺭﯨﺌﻪﺕ ﺋﯩﻠﻤﯩﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﭘﯜﺗﯜﺷﻜﻪﻧﯩﺪﯗﻕ« ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﯩﺪﻯ ﺭﯗﻗﯩﻴﻪ ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻳﻐﺎ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺧﯧﺘﯩﺪﻩ » .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯩﻜﻪﻥ. ﻧﯧﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺩﻩﻱ؟ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭽﻪ ﻣﻪﻥ ﺑﻪﻙ ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻝ ﺋﯩﻜﻪﻧﻤﻪﻥ .ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﯩﻞ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﻜﻪﻥ، ﺷﯘﯕﺎ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﺎﺱ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻧﻤﻪﻥ .ﻛﯩﻤﺪﯨﻦ ﻗﺎﻗﺸﺎﻱ؟ ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﯩﺰ ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻱ؟ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﻪﻥ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺑﺎﻻ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ﺭﺍﯞﯗﺭﯗﺱ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺑﺎﻻ ﺑﻮﻻﺗﺘﯩﻢ .ﮬﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺭﺍﯞﯗﺭﯗﺱ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ،ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﭘﯘﻝ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﯚﺭﻟﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ،ﭼﻮﯓ-ﭼﻮﯓ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﭗ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﮬﻪﻣﺸﯩﺮﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﺋﯩﻠﻤﺎﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﯞﺍﮪ ،ﺩﯦﮕﯜﺯﯨﯟﯦﺘﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻗﺎﻟﯩﻤﻪﻥ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﯩﮕﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭ؟ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﯩﺪﯨﻦ ،ﺷﻪﺭﯨﺌﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﻪﺗﻨﻪﭖ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﺘﻪ ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﺳﻘﺎﺗﺎﻣﺪﯗ؟ ﺳﻪﺑﺮ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ .ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺑﻪﻙ ﺋﯘﻟﯘﻏﺪﯗﺭ ،ﻣﺎﯕﺎ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ .ﺋﯘ ﺑﺎﻻ ﺳﻪﺑﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﯓ ،ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎ ﻣﻪﻥ ﺋﯚﻳﯜﻣﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ،ﺩﻩﻳﺪﯗ .ﺋﯘ ﺑﺎﻻ ﺋﯚﺯﻯ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ،ﺗﻪﻗﯟﺍ ﺑﺎﻻ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺷﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮔﯧﭙﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﺎﻣﻼ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﯘ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﯘﻡ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﻼ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ«.... ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻳﻤﯘ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﯘﮪ ﺗﺎﺭﺗﺎﺗﺘﻰ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﭙﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ ،ﻛﺎﺩﯨﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﺪﺍ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﭼﯘ؟ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻣﯩﻐﺎﻥ .ﺋﯘ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ؟ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.... ﮬﻪﻣﺸﯩﺮﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻏﯧﻤﻰ ﺗﯜﮔﻪﭖ ،ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺯﯦﮫﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﭘﯜﺗﯜﻥ ﯞﯗﺟﯘﺩﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺋﯩﺒﺎﺩﯨﺘﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﻛﯧﻠﻪﺭ؟....
72
ﮬﻪﻣﺸﯩﺮﯨﻠﻪﺭ )ﺧﺎﺗﯩﻤﻪ( ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ،ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﻪﺗﺮﺍﭖ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺗﯜﺳﻜﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ،ﻣﯧﯟﻩ-ﭼﯧﯟﻩ ﺗﯚﻛﻤﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﺪﻯ. ﻓﺎﺗﯩﻤﻪ ،ﺩﯨﻠﻨﯘﺭ ،ﺭﻩﻧﺎ ﯞﻩ ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻳﻼﺭ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺯﻩﻣﺰﻩﻡ ﺗﯧﺰ ﺗﺎﻣﺎﻗﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﯛﺷﺘﻰ .ﺑﯘ ﺩﻭﺳﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﺷﻤﯩﮕﯩﻨﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. -ﺋﺎﺩﺍﺵ ،ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰ ﻛﯚﺭﯛﺷﻤﯩﮕﯩﻠﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭙﺘﯘ ﺟﯘﻣﯘ!—ﺩﯦﺪﻯ ﻓﺎﺗﯩﻤﻪ ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻳﻨﻰ ﻗﯘﭼﺎﻗﻼﭖ .ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﯩﻨﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. -ﺑﯩﺰﭼﯘ! ﻛﯚﺭﯛﺷﻤﯩﮕﯩﻠﻰ ﺋﯜﭺ-ﺗﯚﺕ ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ .ﺗﻮﯞﺍ ،ﻛﯚﺯﻧﻰ ﻳﯘﻣﯘﭖ-ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻳﻨﻰ ﺑﯧﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻛﯩﻴﯩﭗﻗﺎﻟﺪﯗﻕ .ﺳﯩﺰ ﺋﺎﻧﺎ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻗﺎﭘﺴﯩﺰ ﻣﺎﻧﺎ!—ﺩﯦﺪﻯ ﺩﯨﻠﻨﯘﺭ ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻳﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﻳﯩﻨﯩﻚ ﭘﯘﺷﯘﻟﺪﺍﭖ ﺋﯘﺧﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﯞﺍﻗﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ--،ﻧﯧﻤﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﻣﺎﻕ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ ﺑﯘ ﻗﯩﺰ! ﭼﯩﺮﺍﻳﻰ ﺋﺎﭘﯩﺴﯩﻐﯩﻼ ﺋﻮﺧﺸﺎﭘﺘﯘ .ﺋﺎﭘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ ،ﻧﯧﻤﻪ؟
ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﺑﯘﻳﺮﯗﺗﯘﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. -ﺳﯩﻠﻪﺭﻏﯘ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺑﻮﻟﺪﯗﯕﻼﺭ--،ﺩﯦﺪﻯ ﺭﻩﻧﺎ ﭘﯩﻴﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﺎﻳﻨﻰ ﺋﻮﺗﻠﯩﻐﺎﭺ--،ﻣﻪﻧﺪﻩ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕﻗﯩﻼﺭﻣﻪﻥ؟ ﺋﻪﺟﻪﺏ ﺑﯧﺸﯩﻤﻐﺎ ﻏﻪﻡ ﭼﯜﺷﺘﻰ .ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ،ﺑﯩﺮﻯ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ،ﻛﯚﯕﯜﻟﮕﻪ ﻳﺎﺭﯨﻐﯘﺩﻩﻛﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﭼﯩﻘﻤﯩﺪﻯ .ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ﻗﯩﻼﺭﻣﻪﻥ؟ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻪﻗﯟﺍ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻻ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻧﺘﻰ ،ﺋﺎﭘﺎﻣﻐﺎ ﺩﯦﺴﻪﻡ ،ﺳﻪﻥ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺧﻮﺗﻪﻧﻠﯩﻜﻜﻪ ﺗﯧﮕﻪﻣﺘﯩﯔ؟ ﮬﯧﭽﺒﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺷﯩﻤﺎﻟﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻳﯧﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﭖ ،ﺟﻪﻧﯘﺑﻘﺎ ﻛﻪﺗﻤﻪ ،ﺩﻩﭖ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺋﯘﻧﯩﻤﯩﺪﻯ .ﺑﯘ ﺋﺎﭘﺎﻣﻨﻰ ﮔﻪﭘﻜﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﺷﻜﻪ ﻳﺎ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﯛﻡ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ .ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ﻗﯩﻼﺭﻣﻪﻥ؟ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻧﻨﯩﯔ ﻳﺎﻗﻰ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺮ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﺩﯗﻡ .ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻥ ﺑﻪﺭ ،ﺋﺎﻕ ﻗﯩﻞ ،ﻛﯚﻙ ﻗﯩﻞ ،ﺩﻩﭖ ﻛﯚﺯﯛﻣﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﯟﯦﻠﯩﭗ ﮬﯧﭻ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﺷﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺗﺎﻳﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ....ﯞﺍﻳﺠﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻗﺎﻗﺸﯩﻤﺎﻳﭽﯘ ،ﺩﯦﺴﻪﻡ ﮔﻪﭖ ﺟﯩﻖ... -ﺷﯘ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﯕﻪ--،ﺩﯦﺪﻯ ﻓﺎﺗﯩﻤﻪ--،ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻛﯩﺸﻰ ﺯﺍﺩﻯ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪﯗ؟ ﺗﻮﻱﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﻣﺎﻧﺎ ﺋﯜﭺ ﺋﺎﻱ ﺑﻮﭘﺘﯘ ،ﮬﺎﺯﯨﺮﻻ ﺑﯘ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﯩﻦ ﺯﯦﺮﯨﻜﺘﯩﻢ .ﺋﺎﭘﺎﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﺴﻪﻡ ﭼﻮﯓ ﺋﯚﻳﻨﻰ ﻗﺎﺭﯨﻐﯘﺳﯩﺰ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯗ .ﻣﯘﺷﯘ ﺋﺎﻱ ﻣﯘﺷﯘ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﻗﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﭘﺎ-ﻗﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﺗﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻧﻪﺩﻩ ﺑﺎﺭ؟ 73
ﺩﯨﻠﻨﯘﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻱ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪﻯ. -ﮬﻪﻱ ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻱ ،ﺳﻪﻥ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻗﺸﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﯩﯔ ﻳﻮﻗﻤﯘ؟ ﺳﻪﻥ ﺑﻪﻙ ﺭﺍﺯﻯ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻣﺴﻪﻥ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯘﯕﺪﯨﻦ؟ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻱ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ ،ﻗﯩﺰﻯ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻏﻪﻣﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭﺳﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺗﺎﺗﻠﯩﻘﻘﯩﻨﻪ ﺋﯘﺧﻼﯞﺍﺗﺎﺗﺘﻰ. ﺋﺎﺯﺭﺍﻗﻘﯩﻨﻪ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﯨﻦ ﺳﯜﺕ ﮬﯩﺪﻯ ﭘﯘﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ.
-ﺋﺎﺩﺍﺵ ،ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﻏﯧﻤﻰ ،ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﺩﻯ ﻳﻮﻕ؟--ﺩﯦﺪﻯ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻱ ﺋﯧﻐﯩﺰﺋﯧﭽﯩﭗ --،ﺑﯘﺭﯗﻥ ﮬﻪﺭﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﯚﯕﻠﯜﻡ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ ،ﺗﻪﻗﯟﺍﺩﺍﺭ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ، ﺋﯚﺯﻩﻣﮕﻪ ﭼﯘﺷﻠﯘﻕ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯘﻡ ،ﺋﯚﺯﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯜﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻢ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺋﯧﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ ،ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ ،ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﻳﺘﺘﯩﻢ .ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻧﯧﻤﻪ ﺳﯩﻨﺎﻗﻘﺎ ﺩﯗﭺ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ؟ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺳﯩﻨﺎﻗﻘﺎ ﺩﯗﭺ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻗﯩﺰﻻﺭﺩﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻧﺎﺗﺎﻳﯩﻦ .ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺑﺎﻻ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻗﯩﻠﯩﭙﻤﯘ ﻳﯜﺭﻩﻟﻪﻳﺪﯗ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯩﻤﺎﻧﻰ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﻩ ﻛﯚﻳﯜﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ،ﻳﯜﺭﯨﻜﻰ »ﺋﻪﮬﻪﺩﯗ« ﺩﻩﭖ ﺳﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﮬﻪﻣﺸﯩﺮﻩ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﻪﯞﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯚﮔﻪﺷﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﻳﺪﯗ ،ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﯩﻼ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ .ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺑﯜﯞﯨﻢ ،ﺭﻭﭘﺎﺵ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎ ،ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﺳﯩﻨﺎﻗﻘﺎ ﺩﯗﭺ ﻛﯧﻠﯩﭙﻼ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ .ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻣﻪﻧﭽﻪ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻟﯩﻖ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﯘ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﺟﺎﭘﺎﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﺸﻰ ،ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﯩﻨﺎﻗﻼﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻤﯘ ﺗﻪﯞﺭﻩﻧﻤﻪﻱ ﺳﺎﺑﺎﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺸﻰ ،ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﯩﺖ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺋﯩﺪﻯ ،ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺟﯩﺰﻩﮔﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻼﭖ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﺮﺍﻕ ﺋﯩﺪﻯ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﺟﺎﭘﺎﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﻪﻙ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﯩﭽﻪ ﺋﯩﺶ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ .ﺑﯘ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﯩﺶ ،ﻣﺎﺧﺘﺎﭖ ﻛﻪﺗﻜﯜﺩﻩﻙ ،ﺋﺎﮪ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﻜﯜﺩﻩﻙ ﺋﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯨﻜﻪﻥ .ﺗﻮﻏﺮﺍ ،ﺑﯘ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﯩﺶ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮬﻪﻡ ﻣﺎﺧﺘﺎﺷﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﯩﺶ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯘ ﺑﻪﻙ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﯩﭽﻪ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﺪﺍ ﺭﺍﺳﺘﭽﯩﻞ ،ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﻰ ﯞﻩﺩﻩ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﺭ ﺋﯩﺪﻯ.ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰﻻ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻣﯜﺷﻜﯜﻟﭽﯩﻠﯩﻚ ﮬﻪﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﻳﻮﻕ .ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻡ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﭼﯘﺷﻠﯘﻕ ﺩﻩﺭﺩﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﻣﯜﺷﻜﯜﻟﭽﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ .ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﯩﺰﺩﺍ ﻣﯘﺷﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﻣﯘ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﯧﺘﻪﺭﻣﯘ ،ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯜﻣﯩﺪ
74
ﻳﻮﻕ ،ﺋﻪﺗﺮﺍﭖ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯘﻗﻘﺎ ﭘﺎﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ .ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻢ ﮬﯧﻠﯩﻘﯩﺪﻩﻙ .ﺋﯘﻻﺭ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭘﻼ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﯩﻨﯩﻤﻐﺎ ،ﺗﻮﻳﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﺋﯚﻳﯜﻣﺪﻩ ﺗﯘﺭﻏﯩﻨﯩﻤﻐﺎ ﺭﺍﺯﻯ ﺋﻪﻣﻪﺱ.ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯘﻣﺪﯨﻤﯘ ﮬﻪﻡ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﭼﯘﺷﻠﯘﻕ ﺑﺎﺵ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻠﯩﺮﯨﻢ ﺑﺎﺭ ....ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻳﻼ ﺑﻮﻳﯘﻣﺪﺍ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﻗﯩﺰﯨﻤﻤﯘ ﺗﯘﻏﯘﻟﺪﻯ .ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺋﯜﻣﯩﺪﯨﻢ ﻣﯘﺷﯘ ﻗﯩﺰﯨﻤﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﺳﻪﺑﺮ ﻛﯧﺮﻩﻙ .ﺳﻪﺑﺮ ﻛﯚﯕﯜﻟﻨﻰ ﺧﯘﺵ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ،ﮬﻪﻡ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﻰ ﺋﻪﺟﯩﺮﮔﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﯜﺭﯨﺪﯗ .ﺳﻪﺑﺮ ﻗﺎﺯﺍﻏﺎ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﯘﺷﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺋﯘﻧﻰ ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯘﺭ .ﺳﻪﺑﺮ ﻗﯩﻼﻳﻠﻰ ،ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﺷﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻼ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ ،ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﺘﻪ... -ﺭﺍﺳﺖ ﺩﻩﻳﺴﯩﺰ--،ﺩﯦﺪﻯ ﺩﯨﻠﻨﯘﺭ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺳﯜﻛﯜﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺳﯚﺯ ﻗﻮﺷﯘﭖ--،ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﻰﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻗﻮﻟﻠﯘﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺩﺍﺩﺍﻣﻤﯘ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﺷﯘﻣﻐﺎ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﮔﻪﭘﻤﯘ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﻯ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻳﻮﻟﺪﯨﺸﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﻣﯧﻨﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﺎﻳﯟﺍﺗﯩﺪﯗ .ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﻰ ﻗﯩﻠﭽﯩﻠﯩﻜﻤﯘ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﺑﯘﻧﻰ ﺳﯩﻨﺎﻕ ،ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﯩﺪﯨﻢ .ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ،ﺩﻩﭘﻼ ﺋﻮﻳﻠﯩﺪﯨﻢ .ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ،ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﺎﺯﺩﯗﺭﻏﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﮬﯩﺪﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﻗﻮﻟﯘﻣﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﯩﭽﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺑﺎﻗﺴﺎﻡ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻏﯘ! ﻛﯩﻢ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ ،ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﮬﯩﺪﺍﻳﻪﺕ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯘ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﻐﯘ! ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺭﺍﺳﺘﻼ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺮﻯ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻏﯘ! ﻳﻮﻟﺪﯨﺸﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﯨﺪﺍ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻠﯩﺮﻯ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﭽﻪ ﺋﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ،ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯘﯕﻼﺭﺩﺍ ﺋﯚﺯﻩﯕﻼﺭﻧﻰ ﺭﺍﺯﻯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﻧﯩﻤﯘ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻛﯚﺭﯛﯕﻼﺭ ،ﺋﻪﺟﯩﺒﺎ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﯨﻤﯘ؟ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﺑﻪﺗﺘﻪﺭ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﺎﻣﺴﯩﻠﻪﺭ؟ -ﺟﯩﻤﺠﯩﺖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯘﻡ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﻮﻳﻼﻧﻐﯩﻨﯩﻤﺪﺍ ،ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﻧﯩﺌﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯚﺯ ﻳﯘﻣﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻤﻨﻰ ﮬﯧﺲﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ .ﺷﯘﯕﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻗﺎﻗﺸﯩﻐﯘﻡ ﻛﻪﻟﻤﻪﺱ ﺑﻮﻟﺪﻯ... -ﻗﯩﺰﻻﺭ ،ﻣﯘﺷﯘ ﻳﺎﺯﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﺎﺑﺎﻱ ﻛﯩﻴﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ،ﺗﻪﺭﻟﯩﻤﻪﻣﺴﯩﻠﻪﺭ؟--ﺩﯦﺪﻯ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻓﺎﺗﯩﻤﻪ.-ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻐﯘ؟ ﺑﯘﻧﻰ ﺳﯩﺰﻣﯘ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﯩﯖﯩﺰ ﻓﺎﺗﯩﻤﻪ .ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺳﯩﺰﻣﯘﺟﯩﻠﺒﺎﺏ ﻛﯩﻴﯩﭗ ﻳﯜﺭﻩﺗﺘﯩﯖﯩﺰ .ﺋﻪﻣﺪﻯ ﭘﺎﺩﯨﭽﻰ ﺷﯩﻤﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﭘﺴﯩﺰﻏﯘ! --ﻗﺎﺭﺍﯓ ،ﺑﯘ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﺋﺎﺑﺎﻳﺎ ﻛﯩﻴﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﺳﻪ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻜﻪﻥ .ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﻩﻙ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﺪﻩ
75
ﺗﯘﺭﯗﯞﻩﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻣﻐﯘ ،ﺋﺎﺑﺎﻳﺎ ﻛﯩﻴﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﯞﻩﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﯩﻢ. -ﻗﯩﺰﯨﻖ ،ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﺪﻩ ﺗﯘﺭﺳﯩﯖﯩﺰ ﺋﺎﺑﺎﻳﺎ ﻛﯩﻴﻪﺗﺘﯩﯖﯩﺰ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﯘﺭﺗﯩﺪﺍ ﭘﺎﺩﯨﭽﻰ ﺷﯩﻤﻰ ﻛﯩﻴﯩﺴﯩﺰ؟-ﺳﯩﺰ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻳﺴﯩﺰ .ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﺪﻩ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﻛﯩﻴﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﻗﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﻛﺎﺭﻯ؟ﺩﯨﻠﻨﯘﺭﻧﯩﯔ ﻓﺎﺗﯩﻤﻪﻧﯩﯔ ﺋﯘﭼﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪﺭﮔﻪ ﯞﻩ ﻳﺎﻏﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺳﺘﻪﻥ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﻨﻪ ﻣﺎﯕﻼﻱ ﭼﺎﭼﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﻏﻪﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﺋﻪﻱ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻓﺎﺗﯩﻤﻪ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻣﯜﺷﻜﯜﻟﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﻳﻮﻟﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ،ﺋﺎﺷﯘ ﺟﯩﻠﺒﺎﺑﻰ ،ﻳﺎﻏﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﯩﺪﻯ .ﻣﺎﻧﺎ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﭼﻮﯓ ﻣﯜﺷﻜﯜﻻﺗﻼﺭ ﺗﯜﮔﻪﭖ ،ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺳﯩﻨﺎﻗﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﻣﯘﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺴﺎ....ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﯩﻨﺎﻕ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﯩﻜﻪﻥ .ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺳﯩﻨﺎﻗﻼﺭﻏﺎ ﺩﯗﭺ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﺳﺎ ﺋﯩﻤﺎﻧﻰ ﺗﺎﯞﻟﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ. ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﺳﯩﻨﺎﻗﻘﯘ؟ ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﻟﻪﯞﺯﻯ ﺳﯩﻨﺎﻗﻘﯘ؟ ﺋﻰ ﺋﺎﻟﻼﮪ ،ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺳﯩﻨﺎﻗﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺗﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ! ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﺪﺍ ﺭﺍﺳﺘﭽﯩﻞ ﻣﯘﺋﻤﯩﻨﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ .ﺑﯩﺰﻧﻰ ﮬﻪﻗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺑﺎﺵ ﺋﯧﮕﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﮬﻪﻕ ﺳﯚﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻧﺪﻩ »ﺋﻰ ﺋﺎﻟﻼﮪ! ﺑﯩﺰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯗﻕ! ﺋﯩﺘﺎﺋﯩﺘﯩﯖﮕﻪ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﯩﻤﯩﺰ!« ﺩﯦﻴﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ. -ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﺭﯗﻗﯩﻴﻪ ،ﺩﯦﮕﻪﻥ .ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﻳﺎﺩﯨﯖﻼﺭﺩﯨﺪﯗﺭ؟--ﺩﯦﺪﻯ ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻱﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ .ﮬﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻥ ﮬﻪﺋﻪ ،ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻣﻪﻧﯩﺪﻩ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﻟﯩﯖﺸﯩﺘﯩﺸﺘﻰ--،ﺷﯘ ﺩﻭﺳﺘﯘﻣﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺳﯩﻨﺎﻗﻼﺭ ﻛﻪﭘﺘﯘ .ﺳﻪﺑﺮ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ،ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ ﻗﻮﻳﺴﺎﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ .ﺷﯘ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﻠﺨﻪﺕ ﻳﯧﺰﯨﭙﺘﯩﻜﻪﻥ .ﻣﺎﯕﺎ ﺑﻪﻙ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺘﯩﻢ .ﻳﯧﻨﯩﻤﺪﺍ ﺳﺎﻗﻼﭘﻼ ﻳﯜﺭﯨﻤﻪﻥ .ﺧﺎﻟﯩﺴﺎﯕﻼﺭ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﯧﺮﻩﻱ. ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻣﺎﻗﯘﻟﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻱ ﺧﻪﺗﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ: » ﺋﻪﺳﺴﺎﻻﻣﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯘﻡ ،ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻚ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻱ ،ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﯔ؟ ﺳﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﯕﺪﺍﺷﻤﯩﻐﯩﻠﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ .ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻳﻼ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﺪﯨﯔ ،ﺗﻮﻳﯘﯕﻨﯩﯔ ﭼﯧﻴﯩﻐﯩﻼ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﯩﻢ .ﺗﻮﻳﯘﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﮕﯩﭽﻪ ﻛﯜﺗﯜﭖ ﺗﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻱ ،ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ .ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺳﯘﺩﺍﻧﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻢ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﺎﯕﺎ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ .ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺳﯧﻨﻰ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﺍﺭ ﻗﯩﻼﻱ. ﺳﺎﯕﺎ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﻤﺪﻩﻙ ،ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺟﻮﯕﮕﻮﻟﯘﻗﻨﯩﯔ ﺧﺎﺭﺗﻮﻣﺪﺍ ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ ﮬﯚﺳﯩﻦ ﺗﯜﺯﻩﺵ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯩﺪﻯ .ﺷﯘ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻜﻪ ﺷﯘ
76
ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺩﯦﺮﯨﻜﺘﻮﺭ ﻻﺯﯨﻢ ﺋﯩﻜﻪﻥ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺟﻮﯕﮕﻮﻟﯘﻗﻼﺭ ﺳﯘﺩﺍﻧﻨﯩﯔ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﺎﻱ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ .ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﺩﯦﺮﯨﻜﺘﻮﺭﻯ ﻣﯧﻨﯩﯖﻤﯘ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ، ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﯩﺠﺎﺭﯨﺘﯩﮕﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ،ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ .ﺟﯩﻖ ﺋﻮﻳﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻣﺎﻳﻼ ﻣﯧﻨﻰ ﺑﯘ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﻢ ،ﺗﻮﻓﯧﻞ GRE ،ﮔﯘﯞﺍﮬﻨﺎﻣﻪﻡ ،ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺗﺎﭘﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﯩﻢ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﺷﯘ ﻣﯘﮬﯩﺘﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯘﺭﺗﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ،ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻲ ﻣﯘﮬﯩﺖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﺸﻠﻪﺷﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﺪﯨﻢ-8 .ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﯨﻦ ﺧﺎﺭﺗﻮﻡ ﺋﺎﻳﺮﻭﺩﺭﻭﻣﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯘﭼﺘﯘﻡ .ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻧﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﯜﺷﯜﻡ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﮬﺎﯞﺍ ﻳﯜﺯﯛﻣﮕﻪ ﺋﯘﺭﯗﻟﺪﻯ ،ﻧﻪﭘﯩﺴﯩﻢ ﻗﯩﺴﯩﻠﯩﭗ ،ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻤﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﻟﻪﺭ ﺷﯘﺭﻗﯩﺮﺍﭖ ﺋﯧﻘﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻘﺎ ﻗﺎﺭﯨﺪﯨﻢ، ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ-ﺳﺎﺩﺩﺍ ﻣﯘﮬﯩﺖ ،ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ،ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﺘﯩﻤﯘ ﻗﺎﺗﻤﯘ-ﻗﺎﺕ ﺋﺎﺑﺎﻳﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﯞﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻳﯚﮔﻪﭖ ﻳﯜﺭﯛﺷﯩﺪﯨﻜﻪﻥ .ﻳﯜﺯﯨﻨﻰ ﻳﯚﮔﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻣﯘ ﻛﻮﭼﯩﺪﺍ ﺋﺎﻧﺪﺍ-ﺳﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻢ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻢ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ .ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﮬﯩﺖ ﻣﯧﻨﻰ ﺑﻪﻙ ﺳﯚﻳﯜﻧﺪﯛﺭﻩﺗﺘﻰ .ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﺎﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻳﺎ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﻳﺘﺘﯘﻡ ،ﻳﺎ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻳﺘﺘﯘﻡ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻤﺪﺍ ﻣﻪﻥ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﺎﺯ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺋﻪﺭﻩﺑﭽﻪ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ ،ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﻛﯚﯕﻠﯜﻡ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣﻪﻥ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻣﻪﮬﺮﻩﻣﺴﯩﺰ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﺎﺗﺘﯩﻢ .ﺋﺎﻟﻼﮬﺘﯩﻦ ﺑﯘ ﻣﯜﺷﻜﯜﻟﻠﯜﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﯟﯦﺘﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻢ .ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﻨﻰ ،ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯧﺸﯩﻤﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻱ ،ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﺪﯨﻢ .ﺩﻩﻝ ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯧﻠﺨﻪﺕ ﻳﻮﻟﻼﭘﺘﯘ، ﺧﯧﺘﯩﺪﻩ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﯚﻳﯩﺪﯨﻜﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﻗﯘﻟﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﻣﻪﻥ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎﻡ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﭙﺘﯘ .ﺑﯩﺮﮬﻪﭘﺘﻪ ﺋﯩﺴﺘﯩﺨﺎﺭﻩ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﺋﻮﻗﯘﺩﯗﻡ ،ﻛﯚﯕﻠﯜﻡ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﻳﻮﺭﯗﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ .ﺑﯩﺮ ﮬﻪﭘﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﺎﻗﯘﻟﻠﯘﻕ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﯛﻡ ﯞﻩ ﺋﯚﻳﯜﻣﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻥ ﻣﻪﻛﻜﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ )ﺋﯘ ﻣﻪﻛﻜﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﯩﺪﻯ(، ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﭖ ﻧﯩﻜﺎﮪ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯘﻕ. ﺧﺎﺭﺗﻮﻣﺪﯨﻦ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻣﻪﻛﻜﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﺍﻟﻤﯩﺪﯨﻢ .ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺑﺎﺭﺩﯨﻢ .ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻱ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺭﻭﺯﺍ
77
ﮬﯧﻴﺘﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﻣﻪﻛﻜﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷﺘﯜﻡ ،ﺭﻭﺯﺍ ﮬﯧﻴﺖ ﻛﯜﻧﻰ ﮬﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻧﯩﻜﺎﮬﯩﻤﯩﺰ ﺋﻮﻗﯘﻟﺪﻯ. ﺋﻪﻟﮫﻪﻣﺪﯗﻟﯩﻠﻼ ،ﺋﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻛﯚﻳﯜﻧﻪﺗﺘﻰ .ﺋﯚﻳﯩﻤﯩﺰ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﯘ ﮬﻪﺭﻛﯜﻧﻰ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﯞﺍﻗﯩﺘﻘﯩﭽﻪ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﻮﻗﯘﻳﺘﺘﻰ .ﻣﻪﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﺷﺎﻣﻐﯩﭽﻪ ﺑﯩﺰ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﻤﺎﻣﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﺳﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﺎﺗﺘﯩﻢ. ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﯩﻤﯩﺰ ﺗﯘﻏﯘﻟﺪﻯ .ﺧﻪﺩﯨﭽﻪ ،ﺩﻩﭖ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻗﻮﻳﺪﯗﻕ .ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﻧﯩﻠﯩﻚ ،ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜﻙ ﺋﯚﺗﻪﺗﺘﻰ .ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﺪﻩﻙ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﺪﯗﻕ .ﺑﺎﻻ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﮔﻪﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺘﺘﻰ. ﻗﯩﺰﯨﻤﯩﺰ ﺑﻪﺵ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﺪﻯ .ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻥ ﻳﻮﻟﺪﯨﺸﯩﻢ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﮬﻪﺭﺩﻩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺋﯚﻳﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﺗﻮﯞﺍ! ﮬﯧﭽﻘﺎﭼﺎﻥ ﻣﻪﻧﺪﻩ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯘﻳﻐﯘ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ .ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻗﯩﻴﺎﻟﻤﺎﻳﻼ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﻟﺪﯨﻢ .ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺋﯩﺪﻯ .ﺗﺎﻛﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺴﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻪ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﺩﯗﻡ .ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﯩﺪﯗﺭ ،ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯚﻳﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﻪﻙ ﺳﯧﻐﯩﻨﺪﯨﻢ .ﻳﯩﻐﺎ ﺗﯘﺗﯘﭘﻼ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺯﺍﺩﻯ ﻳﯩﻐﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ ﻗﯩﺰﯨﻤﻤﯘ ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﯩﺪﻯ .ﺑﻪﺯﻟﻪﭖ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﺎﻟﻤﺎﻱ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﯩﺰﯨﻤﻨﻰ ﺳﯩﻠﻜﯩﭗ ﺗﺎﺷﻠﯩﺪﯨﻢ .ﻗﯩﺰﯨﻢ ﻗﯩﻘﯩﺮﺍﭖ ﻳﯩﻐﻼﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺴﻪﺭﻩﻣﺠﺎﻥ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﻤﺪﻩ ﺗﯧﻠﯩﻔﻮﻥ ﺋﻪﻧﺴﯩﺰ ﺟﯩﺮﯨﯖﻼﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺗﯧﻠﯩﻔﻮﻥ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ،ﺩﻩﭖ ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭖ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺘﺘﯩﻢ .ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﺳﯩﺰﻻ ﺗﯧﻠﯩﻔﻮﻧﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺟﯩﺮﯨﯖﻠﯩﺸﯩﻐﯩﻼ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﭘﺘﯩﻤﻪﻥ. ﺗﯧﻠﯩﻔﻮﻧﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭﻛﯩﺸﻰ ﺋﻪﺭﻩﺑﭽﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﯞﺍﺗﺎﺗﺘﻰ .ﻣﻪﻥ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﻪﺭﻩﺑﭽﯩﻨﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ ،ﮬﻪ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ ﺳﻪﻝ ﮬﻮﺩﯗﻗﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ .ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﯨﻤﺎﻱ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻟﯩﺪﻯ. »ﻳﻮﻟﺪﯨﺸﯩﯖﯩﺰ ﺑﺎﻳﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﮕﻪ ﻳﻮﻟﯘﻗﯘﭖ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ Xx .ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﯔ ،ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ! « ﻣﻪﻥ ﻗﯘﻻﻗﻠﯩﺮﯨﻤﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ .ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﯘ؟! ﻳﺎﻕ! ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﺪﯨﺸﯩﻢ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺳﺎﻕ! ﺋﯘ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﺎﺯﺭﺍﻗﻼ ﻳﺎﺭﯨﻼﻧﺪﻯ .ﻣﻪﻥ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺋﺎﻻﻱ. ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭖ-ﺳﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭖ ﻛﯩﻴﯩﻤﯩﻤﻨﻰ ﻛﯩﻴﺪﯨﻢ .ﻳﯜﺯﯛﻣﮕﻪ ﻧﯩﻘﺎﺑﯩﻤﻨﻰ ﺳﺎﻟﺪﯨﻢ-ﺩﻩ ،ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ. ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺳﯧﺴﺘﯩﺮﺍﻻﺭﻏﺎ ﺋﺎﺭﺍﻥ ﺗﻪﺳﺘﻪ ﮔﯧﭙﯩﻤﻨﻰ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯗﭖ ﻳﻮﻟﺪﯨﺸﯩﻤﻨﻰ ﺋﺎﺭﺍﻥ ﺗﺎﭘﺘﯩﻢ .ﻳﻮﻟﺪﯨﺸﯩﻤﻨﻰ! ﺋﯘﻧﯩﯔ
78
ﺭﻭﮬﻰ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﺳﻪﭘﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺟﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺘﯩﻢ! ﻳﯩﻐﻠﯩﺪﯨﻢ ،ﻳﯩﻐﻠﯩﺪﯨﻢ ،ﻗﯩﺰﯨﻢ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻗﯩﻘﯩﺮﺍﭖ ﻳﯩﻐﻼﻳﺘﺘﻰ ،ﺗﺎﻛﻰ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻢ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻢ ﭘﯜﺗﻜﯜﭼﻪ ﻳﯩﻐﻠﯩﺪﯨﻢ .ﻳﻮﻟﺪﯨﺸﯩﻤﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﺘﯘﻡ ،ﻣﯘﺯﻻﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﻜﻪﻥ.... ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻧﮕﯩﭽﻪ ﮬﻮﺷﯘﻣﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻱ ﻳﯜﺭﺩﯛﻡ .ﺋﯘ ﮬﺎﺯﯨﺮﻻ ﺋﯩﺸﯩﻜﺘﯩﻦ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﯩﺸﯩﻜﻜﻪ ﺗﻪﻟﻤﯜﺭﺩﯛﻡ .ﻗﯘﻻﻕ ﺗﯜﯞﯨﻤﺪﻩ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻧﮕﯩﭽﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﺋﺎﯕﻠﯩﻨﯩﭗ ﭼﯚﭼﯜﭖ ﻗﺎﺭﯨﺪﯨﻢ .ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﻗﯩﺰﯨﭗ ،ﺟﯚﻳﻠﯜﭖ ﺋﯘﺧﻠﯩﻴﺎﻟﻤﯩﺪﯨﻢ .ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻗﯩﺰﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰ ﺗﻪﯕﻼ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ. ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺪﺍ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺋﻮﻳﻼﻧﺪﯨﻢ .ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﺶ ﺋﯩﻜﻪﻥ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﺎﮬﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﺗﻪﯕﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﺗﻪﯕﮕﻪ ﺑﺎﺭﻏﯩﻨﯩﺪﻩﻛﻼ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻜﻪﻥ .ﻳﻮﻟﺪﯨﺸﯩﻢ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺗﻪﮬﺴﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﺩﻯ .ﭼﯜﻣﯜﻟﻪ ﭼﺎﻏﻠﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳﯩﮕﻪ ﺋﺎﺯﺍﺭ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﺷﯧﺮﯨﻦ ﺳﯚﺯﻟﯜﻙ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﺪﯨﻤﯘ ﻧﯘﻗﺴﺎﻥ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﯘ ﮬﯩﺠﺮﺍﻥ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﻪﻟﺪﻯ .ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﯩﺰ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ؟! ﺋﯘﻧﻰ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﻩﺗﺘﯩﻢ! ﻗﯩﺰﯨﻤﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﺍ ﻣﯧﮫﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﻪﮬﺮﯗﻡ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻤﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﺪﯨﺸﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﻳﯜﺭﻩﻛﺴﯩﺰ ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﺎﻡ ﭘﯘﭼﯘﻟﯩﻨﯩﻤﻪﻥ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺳﻪﺑﺮ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺳﯩﻨﺎﻗﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻪﻧﺪﯨﺴﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ .ﻣﺎﯕﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﯩﻨﺎﻕ ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﻢ ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﻳﺎﺭﺍﭘﺘﯘ .ﺋﺎﻟﻼﮪ ﻣﺎﯕﺎ ﺳﻪﺑﺮ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ .ﻗﺎﺯﺍﺩﯨﻦ ﺧﻮﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﻧﯧﺴﯩﭗ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ .ﻳﻮﻟﺪﯨﺸﯩﻤﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﮔﯘﻧﺎﮬﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﺎﻕ ﺧﻪﺳﯩﺪﻩﻙ ﭘﺎﻛﻠﯩﯟﻩﺗﺴﯘﻥ! ﺋﺎﻣﯩﻦ. ﺋﯩﺪﺩﯨﺘﯩﻢ ﺗﻮﺷﯘﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯜﭺ ﺋﺎﻱ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ .ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﻮﺭﻧﻰ ﺋﺎﭼﺘﯩﻢ .ﻣﯘﺷﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺳﯧﻨﻰ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺳﯧﻐﯩﻨﺪﯨﻢ .ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﻮﭼﯩﺴﯩﺪﺍ ﺳﻪﻥ ،ﺳﯩﯖﻠﯩﻢ ﯞﻩ ﻣﻪﻥ ﺋﯜﭼﯩﻤﯩﺰ ﻛﻮﭼﯩﺪﺍ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻗﻮﻝ ﺗﯘﺗﯘﺷﯘﭖ ﻣﺎﯕﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺯﺍﺩﻯ ﻳﺎﺩﯨﻤﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺪﯗ .ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﯧﻐﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﯜﭼﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺩﺍﯕﻖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﺋﯩﺪﯗﻕ .ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﯜﭼﯩﻤﯩﺰ ﺗﻮﻧﯘﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ .ﺷﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﻮﭼﯩﺪﺍ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ،ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻻﺭ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺪﯗ؟ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻨﻰ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ،ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯗ .ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﻪﻥ؟ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﮬﻪﻡ ﺩﻩﯞﻩﺕ ﺋﯩﻜﻪﻥ.... ﺳﻪﺑﺮ ﻗﯩﻼﻳﻠﻰ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ .ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯘﯕﺪﺍ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻤﯩﻐﯩﻦ ،ﺳﻪﺑﺮ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ! ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺳﻪﺑﺮ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ .ﻧﺎﻣﺎﺯﻟﯩﺮﯨﯖﺪﺍ ﻳﻮﻟﺪﯨﺸﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﯩﻦ .ﺋﺎﻟﻼﮬﺘﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻪﺑﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﻨﻰ ﻳﯩﻨﯩﻜﻠﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺗﯩﻠﻪﭖ ﻗﻮﻳﻐﯩﻦ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ«...
79
ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻱ ﺧﻪﺗﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﭻ ﺗﺎﻣﭽﻪ ﻳﯧﺸﻰ ﻗﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﻳﯜﺯﯨﮕﻪ ﺗﺎﻣﺪﻯ .ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻳﯩﻐﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ. -ﻣﻪﻥ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﻗﺎﻗﺸﯩﻤﺎﻳﻤﻪﻥ .ﺋﺎﻟﻼﮪ ﮬﻪﻛﯩﻢ ،ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﮬﯧﻜﻤﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ،ﺋﺎﻟﻼﮬﺘﯩﻦ ﮬﻪﺭﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ ،ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﯩﻤﻪﻥ--،ﺩﯦﺪﻯ ﺭﻩﻧﺎ ﺑﯩﺮ ﻧﯘﻗﺘﯩﻐﺎ ﺗﯩﻜﯩﻠﮕﯩﻨﯩﭽﻪ ،ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺋﺎﯞﺍﺯﺩﺍ. -ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺯﻩﻣﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﻣﯩﺴﻪﻡ ﺑﻮﻟﻤﺎﭘﺘﯘ .ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﺭﯗﻗﯩﻴﻪ ،ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻧﯧﻤﻪ ﻛﯜﻥ ﻛﯚﺭﯛﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﯗ؟ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﺭﺗﯩﺪﺍ ،ﮬﯧﭻﺋﯘﺭﯗﻕ-ﺗﯘﻏﻘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ ﻳﻪﺭﺩﻩ...ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﯚﺯﻩﻣﺪﻩ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺑﺎﺭ ،ﺩﻩﭖ ﻳﯜﺭﯛﭘﺘﯩﻤﻪﻥ--،ﺩﯦﺪﻯ ﻓﺎﺗﯩﻤﻪﻣﯘ. ﺩﯨﻠﻨﯘﺭﻣﯘ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯩﻴﺎﻟﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺧﯩﻴﺎﻝ ﺳﯜﺭﯛﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﺑﯘﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﻰ ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ. -ﻗﯩﺰﻻﺭ ،ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻗﺎﻳﺘﺎﻣﺪﯗﻕ؟ ﺑﯘ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﺪﯨﻤﯘ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﯞﺍﻟﺪﯗﻕ .ﺳﻪﻝ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﻩﻳﻠﻰ ،ﺩﻩﭖ ﺑﯩﺮﺳﻰﻛﯩﺮﻣﯩﺴﯘﻥ ﻳﻪﻧﻪ--،ﺩﯦﺪﻯ ﻣﯧﮫﺮﯨﺌﺎﻱ ،ﻗﯩﺰﻻﺭ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﺗﺎﺷﻼﺷﺘﻰ. -ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ،ﺋﯩﻨﺸﺎﺋﺎﻟﻼﮪ .ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺑﻪﻙ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﯞﺍﻟﺪﯗﻕ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺳﯚﮬﺒﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﺪﯗﻕ .ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻤﯘ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯩﻤﯘ ،ﺗﯧﺨﻰ! -ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ،ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ،ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﯞﻩﺩﯨﺴﻰ ﺑﻪﺭﮬﻪﻕ! ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﻤﯩﻨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﯞﻩ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﺘﻪ ﺋﻪﺯﯨﺰﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﯞﻩﺩﯨﺴﯩﻤﯘ ﮬﻪﻕ! --ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ ﻗﯩﺰﻻﺭ ،ﺑﯩﺮ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻻﻳﻠﻰ ،ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭ ،ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼﺭ ﺋﺎﻣﯩﻦ ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯖﻼﺭ!!!
ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ ،ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯩﺰ ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎﻧﯩﯔ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﮕﻪ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻠﯟﻩﺕ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﺭﺍﯞﺍﻕ ﯞﻩ ﭼﯩﻤﻠﯩﻘﻼﺭ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯘﻻﺭ ﺭﺍﯞﺍﻗﺘﺎ ﭼﯚﺭﯨﺪﻩﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﺘﻰ. -ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﺎﻱ ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎ ﮬﻪﺩﻩ--،ﺩﯦﺪﻯ ﺳﯜﻣﻪﻳﻴﻪ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﻗﯩﺰ—.ﺑﯘﻻﺭ ﺗﯧﺨﻰ ﺑﯘ ﻳﯩﻞﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭ .ﻗﺎﺭﺍﯓ ،ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻛﯧﻠﯩﭙﻼ ﺋﻮﺭﯨﻨﯩﺸﯩﭗ ﺑﻮﭘﺘﯘ. --ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ ﮬﻪﻣﺸﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻢ .ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺋﻪﺟﯩﺮ ﺑﻪﺭﺳﯘﻥ .ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ
80
ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺸﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪﯕﻼﺭ ﻗﻮﻟﻼﻣﺘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﺯﻩﯕﻼﺭ ﺧﺎﻻﭖ ﻛﯩﻴﺪﯨﯖﻼﺭﻣﯘ؟ -ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯜﻣﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯖﻐﯘ ﻧﺎﻣﺎﺯﻟﯩﺮﻯ ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ ،ﺋﺎﭘﺎﻣﻤﯘ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﺭﯨﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ،ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﻩﭖ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕﻛﯩﻴﻤﯩﺴﻪﯓ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ ،ﺩﻩﻳﺪﯗ-ﻳﯘ ،ﺋﺎﻟﻼﮬﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ ﺟﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﻤﻪﻳﺪﯗ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﺎﯞﯗ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﻪﻛﻼ ﻗﺎﺭﺷﻰ. -ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯚﻳﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺴﯩﻠﻪﺭ؟-ﺑﯧﺴﯩﻢ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﻗﯩﻼﺭ ،ﺋﯚﻳﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﻗﯩﻠﺪﻯ ،ﺩﻩﭖ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﭽﯩﻤﯩﺰﻣﯘ؟--ﺩﯦﺪﻯ ﺗﺎﺭﺗﯩﻨﭽﺎﻕﻛﯚﺭﯛﻧﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﺑﻮﺷﻘﯩﻨﻪ ﺋﺎﯞﺍﺯﺩﺍ. -ﺋﻪﻟﮫﻪﻣﺪﯗﻟﯩﻠﻼﮪ ،ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﮬﻪﻣﺸﯩﺮﯨﻠﻪﺭ ﺋﯜﺯﯛﻟﯜﭖ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﯘﺩﻩﻙ .ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ،ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﯖﻼﺭﺩﺍ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﯗﯕﻼﺭ ﺳﯩﯖﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻢ. -ﮬﻪﺩﻩ ،ﮬﻪﻣﺸﯩﺮﯨﻠﻪﺭ ﺗﯜﮔﻪﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ--،ﺩﯦﺪﻯ ﺳﯜﻣﻪﻳﻴﻪ ﺩﺍﻧﻪ-ﺩﺍﻧﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ--،ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻜﯩﭽﻪ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ،ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻨﻰ ﺳﯚﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ﮬﻪﻡ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻜﯩﭽﻪ ﺋﯜﺯﯛﻟﯜﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!! )ﺗﯜﮔﯩﺪﻯ(
81